مىكروسوفىت يۈز تۇرانە سىناق خاتىرىسى :
كومىسسىيە : windowis7نىڭ جوڭگۇ بازىرىدىكى باھاسى قانچە پۇل؟
مەن:5يۈەن خەلق پۇلى
كومىسسىيە : كەينىدىكىسىنى چاقىرىپ قويۇڭ .
شۇنىڭ بىلەن مىكروسوفىت چۈشى ئاياغلاشتى..
ئەمما مەن خىزمەت ئىزدەشتىن زادىلا ۋاز كەچمىدىم ، قىسقىچە تەرجىمىھالىمنى داۋاملىق يوللاۋەردىم .ئاخرى گوگىلنىڭ يۈز تۇرانە سىناق ئۇقتۇرىشىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم ...
كومىسسىيە : سىز بىزنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىمىزنى قانداق بىلدىڭىز ؟
مەن : بەيدۇلاپ...
گىپىمنىڭ ئاخرى تۇگىمەيلا كومىسسىيە مىنى چىقىرىۋەتتى ...
ئىچىم سىقىلىپ كەتتى، ئەمما مەن يەنىلا خىزمەت تېپىپ جان باقمىسام بولمايدۇ دە .
دوستۇمنىڭ تونوشتۇرىشى بىلەن مەكدونالد قا باردىم .
كومىسسىيە ناھايتى غەلىتە ئادەمكەن ، ئۇ ماڭا مەكدونالىدنىڭ ناخشىسىنى ئىيتقۇزدى، ئەلۋەتتە ئىيتالايمەن دە . كىچىكمدىن باشلاپ ئىيتىپ كەلگەن ناخشا بۇ .
ئاۋازىمنى قويىۋىتىپ تازا ئىيتىۋەتتىمدە ناخشىنى : كىنتاكى بولغاچقا تۇرمۇشىمىز كۆڭۈللۈك !.. لاي لاي لاي ...!
پوققا ئارلاشقان ئوسورۇقتەكلا كومىسسىيە قاتتىق ۋاقىراپ كەتتى ، : نىمە دەپ كەلدىڭ بۇ يەرگە يوقال !..
يەنە مەغلۇپ بولدۇم ...
ئاپام مىنى كۆچمە خەۋەرلىشىشتىكى بىر تونۇشىغا تونۇشتۇرۇپ يۈز تۇرانە سىناققا ئەۋەتتى ..
مانا ئەمدى كۆرۈڭ كارامىتىمنى ، ھەممە ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتۈم ! ئەڭ ئاخىرىدا قايتىدىغان ۋاقىتتا تىلفۇن نومۇرۇمنى قالدۇرۇپ قويۇشنى ئىيتتى .
مەن :-132...
گېپىم تۈگىمەيلا بۇ يەردىنمۇ قوغلاندىم › ..
گەرچە ئارقا -ئارقىدىن مەغلۇپ بولغان بولساممۇ يەنىلا ۋاز كەچمىدىم ، كىم مەن دىگەن !.. بۇنچىلىك مەغلۇبىيەت دىگەن نىمىگە ھىساپ !.
ئاخىرى مەمۇرىيلىق ئىمتاھان بىرىپ ئۆتتۈم ، ئەستا بۇنىڭمۇ يۈز تۇرانە سىنىقى بار ئىكەن ئەمەسمۇ ؟
كومىسسىيە : سىز تارىختىكى ئەمەلدارلار ئارىسىدا كىمنى ھەممىدىن بەك ياقتۇرىسىز ؟
مەن : خې شېن ...
ماۋۇ ئېغزىمنى ، كومىسسىيەنىڭ چىرايىدىن نەتىجىسىنى بىلىۋىلىش تەس ئەمەس شۇ تاپتا ..!
شۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى تەجىربە ساۋاقلىرىمنى يەكۈنلەپ ، بارلىق سورىلىش ئىھتىمالى بار بولغان سۇئاللارغا ئۆلچەملىك جاۋاپلارنى تەييارلاپ ، ئەينەككە قاراپ مەشىق قىلىپ ، يەنە خىزمەت ئىزدەشكە ئاتلاندىم . بۇرۇنقى مەغلۇبىيتىمنىڭ ھەممىسى دەل مېنىڭ موشۇ ۋالاقتەككۈرۈپ ئىغزىمدىن بولغان ئىدى ! مانا ، ئەمدى ھىچكىم مەندىن قۇسۇر تاپالمايدۇ !
قاتتىق ئىشەنچ بىلەن نوكىياغا كەلدىم .
نوكىيانىڭ شۇئارىنى بىلىمەن دە : تىخنىكا ئادەمنى ئاساس قىلىدۇ !..
ھەممە شۇنداق ياخشى بولدى . ئۇلارمۇ مىنى ياقتۇرۇپ قالدى ، سەۋەبى:ئۇلارنىڭ بۇ شۇئارىنى كۆپلىگەن ئادەم بىلمەيدىكەن . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەن ئۇلارنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى ئىكەنمەن . .. ! ئەلۋەتتە شۇنداقتە ، بولمىسا نوكىياغا نىمە دەپ بارىمەن مەن !..
دەل شۇ ۋاقىتتا تېلېفۇنۇم سايراپ كەتتى !Hello Moto ...
كومىسسىيە : يوقىلىڭ !...