ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 276 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەڭ ياخشى باھالىغۇچى يەنىلا سىز!
دوستلىشىش
ئايبەرچىن
مەزمونسىز مىليون يىل ئۆتكەن ئۆمۈردىن، مىڭ ئەلا د ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 956
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 35
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە35دانە
تۆھپىسى: 9
پۇلى: 83 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 18
ياخشى باھا: 53
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-09-12
ئاخىرقى: 2012-02-12
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-26 22:48

ئەڭ ياخشى باھالىغۇچى يەنىلا سىز!

سەنئەت ئىنىستىتونى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان بىر ياش يىمەي ئىچمەي ئۈچ كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۆزى رازى بولغۇدەك ئوقۇش پۈتتۈرۈش رەسىمىنى سىزىپ چىقىپتۇ، ئۇ ئۆز ئەسىرىگە قارىغانسېرى سىزغان رەسىمىدىن مەمنۇن بولۇپ، بۇ رەسىمنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە قان تەرى سىڭگەن بۇ ئەسەرنى نوقسانسىز دەپ ئويلاپتۇ.يىگىت كۆڭلىدە «بۇ رەسىم بەك ياخشى سىزىلىپتۇ، بىر تالانت ئىگىسى سىزغاندەكلا چىقىپتۇ دىسە»دەپ ئويلاپتۇ ھەتتا كىشىلەرنىڭ بۇ رەسىمنى كۆرگەندىكى ماختاشلىرىنى ئاڭلىغاندەك بوپتۇ.
ئىككىنچى كۈنى سەھەردە، يىگىت ئۆز ئەسىرىنى كۆتۈرۈپ، ئادەملەر ئەڭ كۆپ ئۆتىشىدىغان تۆت كوچىغا كېلىپ رەسىم تاختىسىنى قۇرۇپ، يېنىغا بىر ئېلان چىقىرىپ قويۇپتۇ.«مەن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىسى، بۇ ئەسىرىمنى يېڭىلا تاماملىدىم. ئەمما سىزغان رەسىمىمدە يەنە نۇرغۇنلىغان يېتەرسىزلىكلەر بار.مەن قىزىل قەلەمدىن بىرنى قالدۇرۇپ قويدۇم، ناۋادا سىز ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك دەپ قارىغان جايلار بولسا بەلگە ئۇرۇپ قويۇڭ، تەنقىدى باھا بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت!»
يىگىت پۈتۈن كۈن ئۆز رەسىمىنىلا ئويلاپ چىقىپتۇ، رەسىم ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتىۋاتقانلىرىنى ئويلاپتۇ. ئاخىرى  كەچمۇ بوپتۇ، يىگىت تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ بىلەن يەنە تۆت كوچىغا يېتىپ كەپتۇ، ئەمما ئۆزى نوقسانسىز دەپ باھا بەرگەن رەسىم ئۈستىگە قىزىل بەلگىلەرنىڭ قويۇلىشى، ھەتتا بەزىلەرنىڭ زەھەرخەندە باھا سۆزلىرىنىڭ يېزىلىشى ئۇنىڭ ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمىگەن ئىكەن.
بۇ قىزىل بەلگىلەر يىگىتنىڭ كۆزلىرىگە خۇددى نەشتەردەك سانچىلىپ، يېلى چىققان توپتەك لاسسىدە بولۇپ قاپتۇ. ئۇ ئىنتايىن بىئارام بولغان ھالدا، رەسىمنى ئېلىپ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۆز دەردىنى تۆكۈپتۇ.
-ئۆزۈمنىڭ بىرەر ئىشنىمۇ توغرا قىلالمىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم.مەن ھەرگىزمۇ رەسسام بولالمىغۇدەكمەن. كىشىلەر مېنى ئاللىبۇرۇن ئىنكار قىلىۋەتتى، بۇنداق ياشىغاندىن ئۆلگىنىم ياخشى.
يېتەكچى ئوقۇتقۇچى كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە:
- بالام، سەن كەلگۈسىدە داڭلىق رەسسام بولۇپ چىقالايسەن، مېنىڭ دىگىنىم بويىچە قىلساڭلا، بۇلار چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ،- دەپتۇ. يىگىت ئوقۇتقۇچىسىنىڭ گېپىگە بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي، قىزىل بەلگە بىلەن توشقان رەسىمنى كۆتۈرۈپ ئۆيىگە قايتىپتۇ.
ئىككى كۈندىن كېيىن، يىگىت ئۆز ئەسىرىنى كۆتۈرۈپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېنىغا يەنە كەپتۇ. بۇ قېتىم ئۇ قىزىل بەلگە ئۇرۇلغان ئورۇنلارنى ئۆزگەرتىپ چىققان بولۇپ، ئەسەرنىڭ مەزمونى ئىلگىركىسىگە ئوخشاش ئىكەن. ئوقۇتقۇچى رەسىمنى كۆرگەندىن كېيىن بېشىنى لىڭشىتىپ «قېنى مەن بىلەن ماڭغىن» دىگىنىچە يىگىتنى باشلاپ يەنە ھېلىقى يول ئېغىزىغا كېلىپ، رەسىمنى بۇرۇنقى ئورنىغا قويۇپتۇ.ئوقۇتقۇچى قولىغا قەلەمنى ئېلىپ مۇنۇلارنى يېزىپتۇ:
ھۆرمەتلىك ئەپەندىم، خانىم، مەن بۇ ساھەگە ئەمدىلا قەدەم باسقان بىر ياش، شۇڭا ئىلگىرىكى رەسىمدە سىز رازى بولمىغان يەرلەر كۆپ بولىشى مۇمكىن، بۇنى قايتىدىن سىزىپ چىقتىم. رەسىم تاختىسىنىڭ كەينىگە بوياق ۋە قەلەم قويۇپ قويدۇم، ئەگەر ئۆزگەرتىدىغان يەرلىرى بولسا مالال كۆرمەي سىزىپ كۆرسىتىپ قويغان بولسىڭىز، رەھمەت!
ئوقۇتقۇچى يىگىتنى باشلاپ كېتىپ قاپتۇ.كەچ كىرگەندە ئۇلار رەسىمنى ئالغىلى كەپتۇ، يىگىتنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ رەسىمنىڭ بىرەر يېرىدىمۇ ئۆزگىرىش بولماپتۇ. ئۇلار ئىككىنچى كۈنى كەچتە يەنە كەپتۇ، رەسىمدە ئازراقمۇ ئۆزگىرىش بولماپتۇ.ئۇلار رەسىمنى بىر ئايدەك قويۇپ قويغان بولسىمۇ، يەنىلا ھىچقانداق ئۆزگىرىش بولماپتۇ.
ھىكمەت:
بىراۋنى تەنقىدلىمەك ئاسان، ئەمما ئۇنى تۈزىتىش تەس.شۇڭا باشقىلارنىڭ تەنقىدى پىكىرلىرىنىڭ تەسىرىدە ئۆز كۈرەش ئىرادىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ.ئۆزىڭىزگە توغرا قاراڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ ئادىل باھالىغۇچىسى يەنىلا سىز.
 
« يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 899
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 24
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە24دانە
تۆھپىسى: 4
پۇلى: 32 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 8
ياخشى باھا: 32
توردا: 17(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-08-20
ئاخىرقى: 2011-10-17
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-27 13:08

ياخشى دەرىسلىك بوپتۇ،ھەر ئىشقا شۇ ئىشنىڭ ئەھلى كېرەك .ناننى ناۋاينىىڭ ياقىنى ،قوينى قاسساپنىڭ سويغىنى ياخشى.
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 643
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە643دانە
تۆھپىسى: 60
پۇلى: 813 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 121
ياخشى باھا: 763
توردا: 114(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-03-09
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-27 14:29

   -‹‹ئالتۇننى زەرگەرنىڭ سوققىنى›› -ئەدەبىي تەرجىمانىمىزغا ئۇتۇق يار بولسۇن...
دوستلىشىش
يۇرتۇغ
باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 674
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە674دانە
تۆھپىسى: 95
پۇلى: 866 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 197
ياخشى باھا: 866
توردا: 98(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-03-12
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-27 14:52

دەل مۇشۇنداق روھ بولغاندىلا ئاندىن ئالغا باسقىلى بولىدىكەن ،بىلىۋالدۇق رەھمەت!