جېك بىلەن ئايالى ئۇخلاش ئۈچۈن، چىراقنى ئۆچۈرەيلى دەپ تۇرغىنىدا، دېرىزە سىرتىدا ئوغرى مۆشۈكتەك تىمسىقىلاپ يۈرگەن بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئۆز ماشىنا ئىسكىلاتىغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.جېك دەرھال ساقچى ئىدارىسىغا تېلىفون قىلدى.
- نېمە بىرسى ئۆيىڭىزدىما؟- سورىدى ساقچى.
- ئۆيگە تېخى كىرمىدى، ئەمما ئۇلار ماشىنا ئىسكىلاتىمدا،- جېك پەس ئاۋازدا ئۇلارغا چۈشەندۈردى.
تېلىفون ئالغۇچى ئۇنىڭغا ھازىر بارلىق ساقچىلار سىرتتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاچقا ئۇلارنىڭ ۋاقتى يوقلىقىنى، ئىشىكنى ئوبدان قۇلۇپلاپ ئولتۇرۇپ تۇرىشنى، ساقچىلارنىڭ ۋاقتى چىققان ھامان ئۇنىڭ ئۆيىگە يېتىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
-ئۇنداق بولسا بوپتۇ،- جېك شۇنداق دېگىنىچە تۇرۇپكىنى قويۇۋەتتى ۋە بىر مىنوت ئۆتمەيلا ساقچى ئىدارىسىغا يەنە تېلىفون قىلدى.
-بايا سىلەرگە تېلىفون قىلىپ ماشىنا ئىسكىلات ئۆيۈمدە ئوغرى بارلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدىم. ئەمدى ئەندىشە قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېتىۋەتتىم،- جېك تېلىفون تۇرۇپكىسىنى قويۇپ بەش مىنوتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىسە ئۈچ ساقچى ماشىنىسى بىلەن تولۇق قۇراللانغان ئالاھىدە ساقچى قىسىم ئەترىتى ھەمدە بىر قۇتقۇزۇش ماشىنىسى جېكنىڭ ماشىنا ئىسكىلاتىنى قورشىۋالدى. ئۇلار ناھايىتى تېزلىكتە ئوغرىلارنى تۇتىۋالدى ۋە جېكقا:
- سىزنى ئۇلارنى ئېتىۋەتتى دەپ ئويلاپتۇق،- دىدى.
- مەن تېخى ھەممىڭلارنىڭ ۋاقتى يوق دەپ ئويلاپتىمەن،- دىدى جېك.
« يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىندى