مىللىيچە ـ خەنزۇچە ئىككى خىل تىل- يېزىقنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ قوللۇنۇش توغرىسىدا
ئۇقتۇرۇش
ش ھ ب[ 2011] 57-نومۇرلۇق
‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىق قانۇنى›› ۋە ‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى نىزامى›› دىكى بەلگىمىلەرگە ئاساسەن،ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتىنى
يەنىمۇ كۈچەيتىپ،مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى قائىدىلىك،توغرا قوللۇنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن،بۇ ھەقتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تۆۋەندىكىدەك تەكىتلەيمىز؛
1.دۆۋلەت پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرىدۇ،قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى يۈرگۈزىدۇ؛ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە؛ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى قوللىنىشتا ‹‹ ئاساسى قانۇن››، ‹‹مىللىي تېرتوريىلىك ئاپتونۇمىيە قانۇنى›› ۋە باشقا قانۇنلاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە ئاساس قىلىنىدۇ.دۆۋلەت ئورگانلىرى پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى ھۆكۈمەت تىل-يېزىقى قىلىدۇ.قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
2.ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ئاپتونۇمىيە ئورگانلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا،ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە ئىككى خىل
تىل-يېزىقىنى تەڭ قوللىنىدۇ.ئېھتىياجغا قاراپ باشقا مىللەت تىل-يېزىقىنى تەڭ قوللانسىمۇ بولىدۇ؛ئاپتونۇم ئوبلاست،ئاپتونۇم ناھيىلەردىكى ئاپتونۇمىيە ئورگانلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا،ئاپتونۇم رايوندا ئورتاق قوللىنىلىدىغان
ئۇيغۇر،خەنزۇ تىل-يېزىقلىرىنى قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،تېرتوريىلىك ئاپتونۇمىيەنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ تىل-يېزىقىنى قوللىنىدۇ،ئېھتىياجغا قاراپ شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىدىغان باشقا مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى تەڭ قوللانسىمۇ بولىدۇ.
بىرقانچە خىل تىل- يېزىقنى تەڭ قوللىنىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا،تېرتوريىلىك ئاپتونۇمىيەنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ تىل-يېزىقىنى ئاساس قىلسا بولىدۇ.
3.ئورگان،تەشكىلات،كارخانا،كەسىپىي ئورۇنلار ئاپتونۇم رايونلۇق ۋە يەرلىك يېغىن ئاچقاندا،يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ،بىرخىل ياكى بىر نەچچە خىل تىل-يېزىقنى قوللىنىشى،بولۇپمۇ يىغىندا تارقىتىدىغان
ھۆججەت،ماتىرياللارنى مىللىيچە،خەنزۇچە يېزىقتا تەييارلاش لازىم.مۇھىم يىغىنلارنىڭ پىلاكاتىدا ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللۇنۇش لازىم.
4.ئورگان،تەشكىلات،كارخانا ۋە كەسىپىي ئورۇنلار ئوقۇغۇچى،ئىشچى،كادىر قوبۇل قىلغاندا ۋە تېخنىكا سىنىغان،ئۇنۋان ئالغان،دەرىجە ئۆستۈرگەن چاغدا،شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت تىل-
يېزىقى بىلەن خەنزۇ تىل-يېزىقىنى تەڭ قوللۇنىشى ياكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قوللىنىشى كېرەك.دۆلەت ۋە ئاپتونۇم رايون
بەلگىلىمە چىقارغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
5.جەمئىيەتتە يېزىق قوللىنىشتا قېلىپلاشقان،نىسبىتى ماسلاشقان،كۆركەم ئىشلەنگەن،تەرجىمىسى ۋە ئىملاسى توغرا بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللىنىش كېرەك.
6.ۋىۋىسكا،تامغىلاردا يېزىقنىڭ تىزىلىش تەرتىۋى يۇقۇرى-تۆۋەت شەكىلدە تىزىلغاندا،مىللىيچە يېزىق ئۈستىگە،
خەنزۇچە يېزىق ئاستىغا تىزىلىدۇ.چەت ئەل يېزىقى بارلىرىدا،چەت ئەل يېزىقى خەنزۇ يېزىقىنىڭ ئاستىغا تىزىلىدۇ.
7.دۈگىلەك تامغىلاردا مىللىيچە يېزىق سول تەرەپكە،خەنزۇچە يېزىق ئوڭ تەرەپكە يېزىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى 2011-يىل3-ماي
مەنبە؛‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى›› ئاخباراتى زورنىلى.15-نومۇرلۇق 2011 -يىل.
[ چۆل~ئوغلىتەرىپىدىن2011-09-28 11:16قايتا تەھرىرلەند ]