يەر شارى تورىنىڭ 24-سېنتەبىر خەۋىرى: روسىيە پىرىزدېنتى مېدىۋىدېۋ 9-ئاينىڭ 24-كۈنى باش مىنىستىر پۇتىننىڭ 2012-يىللىق روسىيە پىرىزدېنت سايلىمى نامزاتى بولىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پۇتىنمۇ ئوخشاش سورۇندا سۆز قىلىپ، مېدىۋىدېۋ بىلەن نەچچە يىل ئىلگىرى ئىككىسىنىڭ كەلگۈسى رولى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىپ بولغانلىقىنى ئېيتقان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى خەۋەر قىلىپ دېيىشىچە، 9-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بىرلىك روسىيە پارتىيىسىنىڭ يىللىق يىغىنىدا، روسىيە پىرىزدېنتى مېدىۋىدېۋ باش مىنىستىر پۇتىن بىرلىك روسىيە پارتىيىسىنىڭ 2012-يىللىق روسىيە پىرىزدېنت سايلىمىدا نامزات بولىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
مېدىۋىدېۋ:«مېنىڭچە، قۇرۇلتاي پارتىيە رەئىسى پۇتىننىڭ پىرىزدېنت سايلىمىنىڭ نامزاتى قىلىشنى قارار قىلىشى توغرا» دېگەن. ئۇ ھۆكۈمەتتە ئەمەلىي خىزمەت ئۆتەشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتقان. (نەپرەت)