ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 566 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دۇنيا ئىشلىرىغا نەزەر سېلىپ قويايلى
دوستلىشىش
پالۋانجان
سادىر پالۋان
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 312
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 128
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە128دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 236 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 109
ياخشى باھا: 236
توردا: 25(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-05
ئاخىرقى: 2012-02-14
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-30 13:38

دۇنيا ئىشلىرىغا نەزەر سېلىپ قويايلى

ياۋروپا -ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىدىكى كاۋكاز رايونى ئاھالىلىرىنىڭ ئىزچىل ئاسىيلىق قىلىش خاراكتېرى بىلەن دۇنياغا داڭق چىقارغان. تارىختا ئاسسۇرىيە ئىمپىرىيىسى، پارىس ئىمپىرىيىسى، ماكىدونىيە ئىمپېراتۇرى ئالېكساندر (ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن)، رىم ئىمپىرىيىسى، ئەرەب ئىمپىرىيىسى، موڭغۇل ئىمپىرىيىسى ۋە ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيەلىرى كاۋكازغا ياجاۋۇز قىلىپ ئۇنى ئىمپىرىيە تېررىتورىيەسىگە كىرگۈزگەن بولسىمۇ، كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچرىغان.
      توختىماي ئۇرۇش ۋە قالايمىقانچىلىق بولۇپ تۇرغاچقا، كىشىلەر كاۋكازغا «پوروخ تۇڭى»دەپ نام قويغان. 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، چار رۇسىيە كاۋكازنىڭ تەقدىرىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان بولسىمۇ، ئۇ يەردىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى تولۇق كونتىرول قىلالمىغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىمۇ كاۋكاز رايونىنڭ ۋەزىيىتى مۇقىم بولمىغان.
     سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىشنىڭ ئالدى-كەينىدە، كاۋكاز رايونىدىكى مىللىي زىددىيەت ۋە دىنىي زىددىيەت ئىتايىن كەسكىنلىشىپ، توقۇنۇش ئۈزۈلمىدى. شىمالىي كاۋكازدا دەسلەپتە شىمالىي ئوسسېتىيە بىلەن ئىنگۇشتا زېمىن ماجراسى سەۋەبىدىن قوراللىق تۇقۇنۇش يۈز بەردى. ئارقىدىنلا رۇسىيە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن 1994-يىلى ۋە 1999 -يىلى ئىككى قېتىم چېچىنىيە ئۇرۇشى قوزغىدى.
    جەنۇبىي كاۋكازدا، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ناگورنو-قاراباخ رايونىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدە قاتتىق توقۇنۇشتى. ناگورنو-قاراباخ رايونى ئەزەربەيجانغا جايلاشقان، %80 دىن كۆپرەك ئاھالىسى ئەرمەنلەر بولۇپ، مەمۇرىي جەھەتتە ئەزەربەيجانغا تەۋە. ناگورنو-قاراباخ ئوبلاستى قۇرۇلغاندىن باشلاپ، خىرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئەرمەنلەر ئۆزلىرىنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئەزەربەيجانلارنىڭ كەمسىتكەنلىكىدىن ئاغرىنىپ، ئەزەربەيجاندىكى ئەرمەنلەر ئىزچىل ئەرمېنىيەگە قوشۇلۇپ كەتمەكچى بولدى. 1989-يىلى ناگورنو-قاراباخ رايونى مۇستەقىللىق جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمەنلەرنىڭ زىددىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ، ئىككى تەرەپ تىغ كۆتۈرۈشۈپ چىقتى.
      تارىختىن بۇيان شەكىللەنگەن مىللىي ئارازلىق بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ، غۇربەتللىك تۇرمۇش تېررورچىلارغا يول ئېچىپ بېرىۋاتىدۇ
             بۇلتۇر ئۆكتەبىردە رۇسىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى 2010-يىللىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نەتىجىرىلىرىنى ئېلان قىلىپ: شىمالىي كاۋكاز فېدىېراتسىيە رايونىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بويىچە 50 تۈرلۈك پائالىيەت ۋە 4500 تۈرلۈك ئۇرۇشلارنى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، 301 قوراللىق يوقىتىلدى، 468 سى تۇتۇلدى، دېگەن ئىدى. بۇ سانلار رۇسىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
       2009 -يىلى ئون يىل داۋاملاشقان چېچىنىيە ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتى تېررورچىلارغا «قاتتىق زەربە» بېرىش كۈرىشىدە باسقۇچلۇق غەلىبىگە ئېرىشتى. ئەمما شۇنىڭدىن باشلاپ، چېچىنىيىەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىمالىي كاۋكاز رايونىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى كىشىلەر پەرەز قىلغاندەك ئازايماستىن، بەلكى تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتتى . تەھلىلچىلەر: مىللەت، ئىقتىساد، جۇغراپىيەلىك سىياسىي قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار سەۋەبىدىن شىمالىي كاۋكاز رايونىدا تېررورلۇق يەنە باش كۆتۈردى. بۇ تېز ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلە ئەمەس، دەپ قارىدى.
           قاتتىق قوللۇق بىلەن ئەسىرلىك ئۆچمەنلىكنى تۈگىتىش تەس
 قارا دېڭىز بىلەن كاسپىي دېڭىزىنى شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان ئىككى تاغ تىزمىسى، يەنى چوڭ كاۋكاز تېغى بىلەن كىچىك كاۋكاز تېغى ئايرىپ تۇرىدۇ. چوڭ كاۋكاز تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىي «شىمالى كاۋكاز»،دېيىلىدۇ. بۇ، ھازىر رۇسىىيەگە تەۋە كاۋكاز رايونىنى كۆرسىتىدۇ. چوڭ كاۋكاز تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىدىن كىچىك كاۋكاز تاغ تىزمىسىىنىڭ جەنۇبى ئېتىگىگىچە بولغان رايونلار «تاشقى كاۋكاز»دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئەرمېنىيە، گروزىيە ۋە ئەزەربەيجاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنى كۆرسىتىدۇ.
     شىمالى كاۋكاز: چېچىنىيە، ئىنگۇش، داغىستان، شىمالىي ئوسسېتىيە ۋە كاباردا - بالكاردىن ئىبارەت بەش ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن كراسنودار ، سىتاۋروپولدىن ئىبارەت ئىككى چېگرا رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ جايدا 18 مىللەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە رۇسلار بىلەن چېچەنلەر ئەڭ كۆپ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يەرگە پراۋوسلاۋىيە دىنى، ئىسلام دىنى ۋە يەھۇدى دىنى قاتارلىق كۆپ خىل دىن مەركەزلەشكەن.
     18-ئەسىردە چار رۇسىيە ئىمپىرىيىسى چېچىنىيەگە تاجاۋۇز قىلغاندىن باشلاپ،  رۇسلار بىلەن چېچەنلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە يولغا قويۇلغان مىللىي سىياسەتتىكى بىر قاتار خاتالىقلار سەۋەبىدىن ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىك تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، چېچىنىيە رۇسىيە فېدېراتسىيەدىن ئايرىلىپ، «مۇستەقىل» بولۇش نىيىتىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئىككى قېتىم ئەسكەر چىقىرىپ باستۇردى. رۇسىيە ھۆكۈمىتى چېچىنىيە قوراللىق كۈچلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تازىلىغان، چېچىنىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى كۆپ ساندىكى قوراللىق كۈچلەرنى يوقاتقان بولسىمۇ، توپىلاڭچى قوشۇننىڭ قالدۇق ئەسكەرلىرى بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەدرىجى شايكىلاشقان تەشكىل بولۇپ شەكىللەنگەنلىكى ئۈچۈن، رۇسىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتتى.
      ئەڭ مۇھىمى شۇكى، تېررورچىلارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن قارشى تۇرۇش ئارقىلىق ئۇزاق ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، ھەتتا يوشۇرۇن خەۋپ پەيدا بولۇشى مۇمكىن. چېچىنىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان خەلق ئېغىر رۇھىي زەربىگە ئۇچرىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۇرۇغ-تۇقغانلىرىدىن ئايرىلغانلىقى، تۇرمۇشتا «ھەسەن يالىڭاچ» بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتكە چىش تىرنىغىچە ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇپ، ئاخىرىدا ئۆلۈم ئارقىلىق  ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇدىغان ئەسەبىي يولنى تاللىدى.
       يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئادەم بومبا»ھۇجۇمى بىلەن داڭق چىقارغان «قارا تۇل خوتۇنلار» دەل مۇشۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىلىدۇر. بۇ قارا كىيىم كىيگەن، مىسكىن ئاياللارنىڭ كۆپىنىڭ ئېرىنى چېچىنىيە ئۇرۇشىدا رۇسىيە ئەسكەرلىرى ئېتىۋەتكەن. بېسلان ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى ،موسكۋادىكى مېترونى پارتلىتىش ۋەقەسى قاتارلىق قانلىق تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى دەل مۇشۇ مىسكىن «ئايال ئادەمبومبا»لار پەيدا قىلغان.
                     ئىقتىسادىي قالاق «قاراڭغۇ زېمىن»
       شىمالى كاۋكاز رايونىنى ھەم نامرات ھەم تېررورلۇق قاپلىغان جاي. 2-قېتىملىق چېچىنىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىشىشىغا ئەگىشىپ، چېچىنىيەنىڭ ئىقتىسادى قايتىدىن ئىزغا سېلىنىپ، تەدرىجى ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، شىمالىي كاۋكازنىڭ باشقا رايونلىرىنىڭ پۈتكۈل ئىقتىسادى ۋەزىيىتى بارغانسېرى يامانلىشىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى مەملىكەتنىڭنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمىدى. ئىششىزلىق نىسبىتىمۇ مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن ئېشىپ كەتتى. ئىشقا ئورۇنلىشىش تەس بولغاچقا، ياشلار تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە تېررورلۇق شايكىلىرىغا ئەزا بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي ساھەسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش، پارە بېرىش-پارە ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ناھايىتى ئېغىر بولغاچقا، جەمئىىيەتتە نارازىلىق كەيپىياتى تېخىمۇ ئېغىرلاپ، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ كەتتى. تۈرلۈك ئالامەتلەردىن كۆرسىتىلىشىچە، چېچىنىيە ئەتراپى يېڭى تېررورلۇق مەركىزىگە ئايلانغان.
     رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنىڭ تېررورلۇق مەنبەسىنى يوقىتىشتىكى مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يەتتى. 2010-يىلى يانۋاردا مېدۋېدېۋ زۇڭتۇڭ پەرمانى ئىمزالاپ، كاۋكاز رايونىدىكى ئالتە جۇمھۇرىيەت ۋە ئۇلارنىڭ قوشنىسى سىتاۋروپولىس چېگرا رايونىنى قوشۇۋېتىپ، رۇسىيەنىڭ 8-فېىدېراتسىيەسى−شىمالى كاۋكاز فېدېراتسىيە رايونىغا ئۆزگەرتتى. جامائەت : مېدۋېدېۋنىڭ بۇ ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرىشىدا يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان، دېدى. ئۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە ھۆكۈمىتى شىمالىي كاۋكاز فېدېراتسىيە رايونىنىڭ كەلگۈسى 15 يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، 2025-يىلىغا بارغاندا بۇ رايوننىڭ كىشى بېشى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 1.7 ھەسسە ئۆستۈرۈشنى، ئىشسىزلىق نىسبىتىنى ھازىرقى %16 دىن %5 كە چۈشۈرۈشنى پىلانلىدى. 
                 «بازا»تەشكىلاتى يۇشۇرۇن سىڭىپ كىرمەكتە
 تالىبان ۋە «بازا» تەشكىلاتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان «ئادەمبومبا» ھۇجۇمى شىمالىي كاۋكاز ‎فېدېراتسىيە رايونىدىمۇ تەدرىجىي كۆپىيىشكە باشلىدى. يېقىندىن بۇيانقى،«ئادەم بومبا»لارنىڭ ۋىدالىشىش سۆزلىرىنىڭ توردا تارقىتىش ئۇسۇللىرىدىن  ئىراق، ئافغانىستان قاراتارلىق رايونلاردا بۇنداق ۋاستىلارنىڭ كەڭ قوللىنىلغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر: شىمالىي كاۋكاز رايونىدا جانلىنىۋاتقان ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ ئارقىسىدا ئۇلارغا ياردەم ۋە مەدەت بېرىۋاتقان تاشقى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بار. بۇ ھادىسىلەرنىڭ كۆرىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم  سەۋەپ−بۇ رايوننىڭ ئۆزگىچە ئىجىمائىي تۇپرىقىدا. بۇ جايدا چىرىكلىشىش مەسىلىسى ئېغىر، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، جەمىئيەتتىن نارازى بولغانلار ئاسانلا دىن ئارقىلىق ئۆزىگە تەسەللىي بېرىش يولىنى تاللايدۇ.
     شىمالىي كاۋكاز بىلەن تاشقى كاۋكاز خۇددى چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن بولۇپ، تاشقى كاۋكازنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى مۇرەككەپلىكى شىمالىي كاۋكازغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى كاسپىي دېڭىزىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقىنى تالشىپ، جەنۇبىي كاۋكازدىكى سىياسىي كۈچلەرنى داۋاملىق قوللاپ كېلىۋاتىدۇ. غەرب دۆلەتلىرى شىمالىي كاۋكاز ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئۈچۈن، ئېغىزىدا رۇسىيەنىڭ چېچىنىيەدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللىغاندەك قىلسىمۇ، ئاستىرتتىن چېچىنىيە تېرروررچىلىرىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ، ھەتتا سىياسىي پاناھلىق بېرىۋاتىدۇ. تەھلىلچىلەر: تېررورلۇقنىڭ مەنبەسىنى تەل-تۆكۈش تۈگىتىش ئۈچۈن، رۇسىيە ھۆكۈمىتى «دۆلەت ئىچىنى تىنچلاندۇرۇش» بىلەن بىللە، «چەت ئەل كۈچلىرىگىمۇ قارشى تۇرىشى»كېرەك، دەپ قارىدى.
(مەنبە ئۇلىنىش تورى)
باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 671
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە671دانە
تۆھپىسى: 95
پۇلى: 863 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 197
ياخشى باھا: 863
توردا: 98(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-03-11
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-01 14:26

ئۆزىڭىز بىر تەھلىل قىلىۋەتمەمسىز؟