ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بوزقىر مۇنبېرىمىز دىكى تورداش دوسلار ،مەن مۇنبېرىمىز دە ئېلان قىلىنغان مەلۇم تارىخى مەشھۇر كىشىلېرىمىز توغرىسىدىكى بەزى ماقالىلەر دە تىلغا ئېلىنغان كۆزقاراشلار تازا ئىدىيەمدىن ئۆتمەي .مۇشۇ خۇسۇستا ئازراق ئىزدىنىپ باقاي ھەم مۇنبەردىكى تورداشلار بىلەن پىكىردە ئورتاقلىشاي دەپ مۇشۇ تىمىنى بولسىمۇ يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن .ئاساسلىقى مەلۇم تورداشلېرىمنىڭ تىمىسىدا تىلغا ئالغان ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنىڭ شىڭشىسەي تەرىپىدىن قەشقەر گە ۋالى قىلىپ سايلاندى دىگەن كۆزقارىشىغا ئاساسەن ،ھەم ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنىڭ ئۇيغۇر ئاقارتىش ئىشلېرى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ،ھەم توسقۇنلۇق قىلغان دىگەن پىكىر لېرىگە قارىتا ئىزدەپ باقتىم .ئەپسۇس ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم ۋالى بولغان دەۋىردىن مەن ھىچ شىڭشىسەينى شىنجاڭدىن تاپالمىدىم ،قارىسام ئۇچاغدا شىڭشىسەي ئاللىبۇرۇن چۇڭچىڭغا كېتىپ ،دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق مىنىستىرى بوپتىكەن .( 1944-يىلى 9-ئايدا )
ئەمما بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى تەپسىلىرەك تارىخى ماتىرياللارغا ئېرىشمەك بەك تەسكەن . شۇڭا ھازىر چە كەڭ ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى دوسلار نىڭ يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ( ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم ) توغرىسىدا سۆزلىگەن بەزى بايانلېرىنى تورداشلارغا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرىتكەن ئاساستا سۇندۇم .مەخسىتىم مۇنبەرداشلار ئارا ئىلمى مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق تارىخې مەسىلىلەر ۋە تارىخې شەخىسلەر گە بولغان كۆز قارىشىمىز نى بىر توغرا يەكۈنگە كېلىپ قالار دەيمەن .ھەرقايسى مەنبە ئىگىلىرىنىڭ مەندىن ھەم مۇنبېرىمىز دىن ھەرگىز خاپا بولماسلىقىنى سورايمەن .
1.جاڭ جىجۇڭنىڭ شىنجاڭغا ئەۋەتىلىشى ۋە ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنىڭ قانداق بولۇپ قەشقەرگە ۋالى بولۇپ سايلانغانلىقى.
1945- يىل 9- ئايدا جاڭ جىجوڭ گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن، شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭغا كېلىپ، تاكى 1947- يىل 5- ئايدا شىنجاڭدىكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغۇچە بولغان ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، شىنجاڭدا تىنچلىق ئورنىتىلىپ، سىياسىي، مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە ئىشلىرىدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ مەزگىلدە، پۈتۈن مەملىكەت ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا پاتقان بولسىمۇ، ئەمما شىنجاڭ يەنىلا تىنچ ھالىتىنى ساقلاپ كەلدى. شۇڭا، ئەنگلىيە تارىخچىسى لىندا بېنسون خانىم ئۆزىنىڭ «ئىلى ئىنقىلابى» ناملىق ئەسىرىدە: «جاڭ جىجۇڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئىككى يىلدا، شىنجاڭدا بۇرۇنقى 10 يىلدىكىدىنمۇ كۆپرەك ئىلگىرىلەش بولدى.» دەپ يەكۈن چىقارغانىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى ۋە جاڭ جىجۇڭنىڭ شىنجاڭدا يول قويغان دېموكراتىك سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق بېتىم ئىمزالىنىپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلدى. بىرلەشمە ھۆكۈمەت جاڭ جىجۇڭنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا يەرلىك مىللەت كىشىلىرىنى كۆپلەپ قاتناشتۇردى، يەرلىكتىكى مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇل خادىملىرى ئەركىن سايلام ئۇسۇلى بىلەن سايلاپ چىقىلدى، يەرلىكتىن ئېلىنىدىغان باج كېمەيتىلىپ، ئىلگىرى ئېلىنغان باجمۇ يەرلىككە قايتۇرۇلدى. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا، خەنزۇ تىلى بىلەن يەرلىك تىل تەڭ قوللىنىلدى. مائارىپتا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىدا دەرس ئاڭلىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
جاڭ جىجۇڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، يەرلىكتە سايلام ئارقىلىق يەرلىك ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى سايلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. سايلامدا گومىنداڭچىلار بىلەن ئۈچ ۋىلايەتچىلەر ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى كەسكىن كۆرەش بولىدۇ. ئىككىلا تەرەپ ئۆزلىرى ھىمايە قىلىدىغان كىشىلەرنى سايلاپ چىقىشقا ئۇرۇنىدۇ، بۇ خىلدىكى كۆرەش تۇرپان، قەشقەر رايونلىرىدا ئەڭ كەسكىن بولىدۇ. ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ نامزات كۆرسىتىشى بىلەن، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم قەشقەرنىڭ ۋالىيلىقىغا سايلىنىدۇ. بۇ، قەشقەردىكى گومىنداڭ قوشۇنىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. نەتىجىدە، جاڭ جىجۇڭنىڭ ئارىغا چۈشۈشى بىلەن، بۇ ئىش پەسكويغا چۈشىدۇ. جاڭ جىجۇڭ ئۈچ ۋىلايەت تەرەپكە يول قويغان ئاساستا، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنىڭ ۋالىيلىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئوخشاشلا ئەخمەتجان قاتارلىقلارنىڭ نامزات كۆرسىتىشى بىلەن ئابدۇراخمان تۇرپانغا ھاكىملىققا تەيىنلەنگەندە، گومىنداڭ تەرەپ يەنە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ ھەم جاڭ جىجۇڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەتكە يول قويغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرىدۇ. ئۈرۈمچىدە «25- فېۋرال ۋەقەسى» يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، خەلق ئاممىسىنىڭ تەلىپى ۋە ئەخمەتجان قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرىنىڭ چىڭ تۇرۇۋېلىشى بىلەن، خوتەننىڭ ۋالىيسى چى دىڭباڭ، يەكەننىڭ ۋالىيسى جۇ فاڭگاڭ قاتارلىقلار ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدۇ، بۇ ۋەقە بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى گومىنداڭچىلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. ئۇلار جاڭ جىجۇڭنىڭ سىياسىتىدىن گۇمانلىنىپ، ئۇنى ئۈچ ۋىلايەتكە ھەددىدىن زىيادە يول قويدى، دەپ ئەيىبلىشىدۇ.(مەنبە :شىنجاڭ پەلسەپە-ئىجتىمائى پەنلەر توربېكىتى،جاڭ جىجۇڭنىڭ شىنجاڭغا ئەۋەتىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى.ئاپتورى:مامۇت ئابدۇۋەلى.)
2.ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنىڭ ئەينى دەۋىردە خەلىقنى ئاقارتىش ،جاھالەتتىن قۇتقۇزۇش پائالىيەتلېرىگە ئاكتىپ قاتناشقانلىقىغا دائىر بىر مىسال .
1914-يىلى يازدا باھاۋدۇن باينىڭ غەيرىتى بىلەن ئۈستنئاتۇشتا ئېچىلغان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخدىكى تۇنجى پېداگوگىكا مەكتىپى - ‹ قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن» نىڭ باش موئەللىمى ئەھمەد كامالنى ۋە ئۇنىڭ مائارىپ ھەرىكتىنى قوللاش ياكى قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە قەشقەردىكى دىنى ئۆلىمالار ۋە باي –بايۋەچچىلەر دەسلەپتە ئىككى گۇرۇقا بۆلۈنۈپ كەتكەن، ئابدۇقادىر دامۇللا، باۋدۇن باي، شەمشىدىن دامۇللام، مەھمۇد ئاخۇن دامۇللام، زىرىپ قارىھاجىم، ئابدۇقادىر ھاجىم، ، ئابدۇغۇپۇر ئاخۇن مەخدۇم، نورززادە ھاجى مۇھەممەت ئەلى، ، ئوبۇلقاسىم دامۇللام، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم، ، قازىكالام ئىسلام دامۇللام قاتارلىق كىشلەر قوللايدىغان گۇرۇھىنى، ئۆمەر باي، سېلىم دامۇللام قاتارلىقلار قارشى تۇرىدىغان گۇرھىنى تەشكىل قىلغان، قارشى تۇرىدىغان گۇرۇھ رۇس كونسۇلخانسى ۋە ئەكسىيەتچى يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەن بىرلىشىپ. بۇ كۈرەشتە كۈچلۈك ئورۇندا تۇرغان.(مەنبە:شىنجاڭ پەلسەپە-ئىجتىمائى پەنلەر توربېكىتى،20-ئەسىردىكى تۇنجىئىسلاھاتچى ئابدۇقادىر داموللام ...دىگەن ماقالىدىن ئېلىندى.ئاپتورى:يالقۇن روزى .)
1933-يىلى5-ئاينىڭ1-كۈنى ئۇيغۇر،قىرغىز قوزغىلاڭچىلېرى قەشقەرنى ئىشغال قىلدى.بىراق قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدامۇستەھكەم بىرلىك يوق ئىدى.قوزغىلاڭچىلار بىرنەچچە گورۇھقا بولۈندى.قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغۇچىلارئىچىدە ئورۇن،مەنسەپ،بايلىق تالىشىش جاڭجاللېرى كۈچىيىپ كەتى .بۇ ئەھۋال خەلققە يەنە بىر بىلىم بەردى .خەلىق ئىلغار ئىدىيە ۋە ئىلىم-پەن بىلەن قۇراللانماي تۇرۇپ زۇلۇمدىن قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ،بىرلىككە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى . شۇنىڭ بىلەن قەشقەر خەلقىنىڭ ئىلىم-مەرىپەتكە بولغان قىزغىنلىقى گويا توسۇلۇپ قالغان چوڭ سۇ دولقۇنى توساقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ ،كەلكۈن ياساپ ئاققاندەك ئېقىشقا باشلىدى .
قەشقەردە خېلى بۇرۇندىن خەلقنى ئىلىم-مەرىپەت بىلەن نادانلىق ۋە جاھالەت ئىسكەنجىسىدىن قۇتقۇزۇش يولىدا ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ،ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم ،ئىبراھىم ئاخۇن بايۋەتچە ،ئەمەت پاختا ،ئابلا قاسساپ،ساۋۇت ھاجىم سەرراپ قاتارلىق مەرىپەت پەرۋەر كىشىلەر خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىپ ،مائارىپ ئىشلېرىغا كىرىشىپ كەتتى .
ئۇلار ئالدى بىلەن 8 كىشىدىن تەركىب تاپقان مائارىپ ئىشلېرىغا يىتاكچىلىك قىلىش ھەيئىتى قۇردى.ئۇلارنىڭ خىزمەت بىجىرىش ئورنى دەسلەپ نوربېشى مەكتەپتە ،ئاندىن ھازىرقى بۆشۈك بازىرىدىكى گوداڭ كوچا ئاغزىدىكى پىششىق قىش سارىيىدا ،ئاندىن رەستىدىكى چايخانا دەپ ئاتىلىدىغان قورو ئىچىدە بولدى .ھەيئەت قەشقەر تەۋەسىدىكى ھەزرىتى سۇلتان ،ھەزرىتى موللام،ئارسلانخان ،يۇسۇف قادىر خان ،،ئاپاق خوجا مازىرى قاتارلىق جايلاردىكى كۆللەرنىڭ ۋەخپە يەرلېرىنى ھەمدە شەھەردىكى مەرىپەت پەرۋەر بايلارنى ھەركەتلەندۈرۈپ ئىئانە يىغدى.
1933-يىلى6-ئايدا قەشقەر نوربېشىدىكى بۇتخانا چېقىپ تاشلىنىپ ،ئورنىغا 20 سىنىپلىق بىر مەكتەپ سېلىندى .(ھازىرقى قەشقەر شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ ئورنىدا )دەسلىپىدە مەكتەپكە 600ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ ،ياش ۋە بىلىم ئىقتىدارلېرىغا ئاساسەن سىنىپلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى .(مەنبە ،ئانا يۇرت توربېتى : قەشقەرنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخى ).
ۋاقىت سەۋەبىدىن ھازىر چە مۇشۇنچىلىك يوللىيالىدىم ،بەكلا ئاددى ۋە يۈزەكى بولۇپ قالدى .كەم قالغان يەرلېرىنى تورداشلار نىڭ تولۇقلاپ ،ئوشۇق يەرلېرىنى تەنقىتلەپ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن .مەنمۇ ئاساسەن توردىكى ماتىرياللاردىنلا پايدىلاندىم .كىيىنچە چوقۇم مۇشۇنداق مەشھۇر كىشىلېرىمىز توغرىسىدا تەپسىلىرەك ،بىر تىما يوللاشقا تىرىشىمەن .
(داۋامى داۋاملىېق يوللىنىدۇ،يەنى ئىستالىن مۇكاپاتى،ۋە ئستالىننىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن كىشىلېرىمىز توغرىسىدا )
[ سەھراقىزىتەرىپىدىن2011-10-01 17:29قايتا تەھرىرلەند ]