ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 248 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قىمارۋازلارنىڭ پۇشايمان خاتىرىسى
ئەلتېكىن
ھەممىگە توۋا قىلدىم...توۋا.كەچۈرگىن
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 49

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:ياراملىق ?????????323????
ئۆسۈش: 53.83%
  نادىر تىما: 1

  يوللانما: 323
  تۆھپىسى: 48
  پۇلى: 418 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 89
  ياخشى باھا: 413
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 111سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-02-25
  كىرىشى: 2011-10-17
0- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-10-01 20:20

قىمارۋازلارنىڭ پۇشايمان خاتىرىسى

    
      زامان ياخشىلاندى،قولىمىز پۇل كۆردى،شۇنىڭ بىلەن تاپقان پۇل بېقىنىمىزغا ئۈسۈپ نۇرغۇنلىرىمىزنى قىمار كوچىسىغا قاراپ چوڭ-چوڭ قەدەم تاشلاشقا ئۈندىدى.مەيلى يېزا مەيلى شەھەر،مەيلى چوڭ مەيلى كىچىك بولسۇن،گاھىدا ئاشكارە گاھىدا يۇشۇرۇن ھالەتتە قىمارۋازلار بارغانسىرى كۆپىيىشكە باشلىدى.بولمىسا ھېچقايسىمىز بۇرۇن قىمار ئويناپ بىرەرىنىڭ باي بولغىنى كۆرمىگەن ئىدۇق؟ ئاتا-ئانىمىزنىڭ،بوۋا-مومىلىرىمىزنىڭ،ئۇستازلىرىمىزنىڭ گىپى قۇلاققىمىزغا كىرمىدى.قىمار بىزگە ئاتا-ئانىمىزدىن،ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىزدىن ئەتىۋا بىر نەرسىگە ئايلىنىشقا باشلىدى.ئەسلىدىكى ئۇشۇق ئېتىپ ئوينايدىغان،قەرت بىلەن ئوينايدىغان ئەنئەنىۋى ئۇسۇللارنى پۇلى ئاينىمايدىكەن دەپ ئويۇنچۇقخانىلاردا ئوغىرلىقچە قويۇلغان ماشىنلارغا قاراپ يۈرۈش قىلدۇق.بىر ئۇرىشىمىز تۆۋىنى ئون كويدىن يۇقىرسى 100000يۇەنگىچە بولۇپ ھەش-پەش دېگۈچە بەزىلىرىمىز بىر يىل،بەزىلىرىمىز ئون يىل ھەتتا بەزەنلىرىمىز بىر ئۆمۈر يىققان پۇلىمىزنى ئالدىن تەڭشەپ قويۇلغان ماشىنىلارنىڭ ئاغزىغا ئۆز قولىمىز بىلەن يەم قىلىپ بەردۇق.شۇنچە ئۇتتۇرۋىتىپ تۆۋە قىلماقتا يوق،قەرز ئېلىپ،يەر زىمىننى ھەتتا خوتۇن-باللىرىمىزنى دوغا تىكىپ ئويناشقا باشلىدۇق.قىمار ئاخىر نۇرغۇنلىرىمىزنى كوچىدا تېنەپ يۈرۈيدىغان لالما ئىتقا ئوخشىتىپ قويدى. قورسىقىمىزغا يەيدىغان نەرسە يوق،ئاشخانىلارنىڭ ئالدىغان كېلىپ تەلمۈرۈپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدۇق. لىكىن قالغانلىرىمىز بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشتا يوق،قىمارۋازلار سېپىمىز بارغانسىرى كۈچىيىشكە باشلىدى.گەپنىڭ بېشىدىلا تەبىقىمىزنى بولىشىغا سۆكۈپ،چاۋىسىنى چىتقا يېيىۋەتىم.توختاپ تۇرۇڭ،مەن ھەرگىز ئىسپاتسىز جۆيلۈيدىغانلاردىن ئەمەس. تۆۋەندە ھەر قايسى قاتلاملاردىكى قىمارۋازلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىنى بىر بىرلەپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
 
1.ئوقۇغۇچى قىمارۋازلار.بۇ قىمارۋازلارنىڭ نامراتراق قاتلىمىدۇر.بۇ قاتلامدىكىلەرنىڭ ئاساسلىق قىمار ئويناش شەكلى ئۆيىدىن ئەۋەتكەن پۇلنى دەسمايە قىلىش،ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرماي تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپىمەن دىگەن سەپسەتىگە ئەگىشىش، ئاخىردا قولىدا بىر تىيىنمۇ پۇلى قالماي، پۇلى“تۇيۇقسىز يۈتۈپ كېتىش ياكىئېغىر كېسەل بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىش ئاتا-ئانىسىغا يىغلاپ-قاقشاپ خەۋەر يەتكۈزۈش شۇ ئارقىلىق تارتقان زىياننى تولۇقلاش. ئۆزىنى ۋاقتىدا بايقاپ قول ئۈزگەنلىرى بىر ئامال قىلىپ مەكتەپ پۈتتۈرۈش.تارتالمىغانلىرى مەكتەپ تەرپىدىن بايقاپ قېلىنىپ مەكتەپتىن ھەيدىلىش.بىردەم ئويناپ،بىر دەم توختايدىغانلىرى مەكتەپ ئەتىراپىدىكى ھەممە ئاشخانا،دۇكانلارغا قەرز بولۇش،مەكتەپ ئىچىدە يۈرەكلىك ئايلىنىپ يۇرەلمەسلىك.نېمە دېگەن بىچارىلىك ھە!سىز مەيلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە بولسۇن ياكى مەكتەپتە ئىشلەش جەريانىدا بولسۇن بۇنداق ئىشلارنى تالاي قېتىم كۆرەلەيسىز. مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئىشخانىسىدا بىچارىلەرچە تەلمۈرۈپ تۇرىۋاتقان،يىغلاۋاتقان ھەتتا تىزلىنىپ باش قويىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنى كۆرگەندە ئىچىڭىز سېرىلىپ بالا بولماي بالا بولىۋاتقان شۇ ناكەسلەردىن قاتتىق يىرگىنىسىز،ئەپسۇسلىنىسىز.
     2.ئوقۇتقۇچى قىمارۋازلار. بۇ يېڭىدىن شەكىللىنىشكە باشلىغان بىخ ھالىتىدىكى قىمارۋازلار كوللىكتىپى. ئۇلارنىڭ دەسمايە مەنبەسى ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا ياخشىراق.ئوينىغاندىمۇ كىچىك ئوينايدۇ.بەزىدە ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىپ قويۇپ،بەزىدە ئىشخانىنى مەھكەم تاقاپ ئويناشنى ئاساسى ئالاھىدىلىك قىلغان.قىمار ۋاقتىدا ئىشلىتىدىغان قۇرالى قەرت،بېلىيارت قاتارلىقلار.بۇلار ئىچىدىنمۇ ھازىر خېلى تەرەققىي قىلىپ كەتكەنلىرىمۇ بار. بۇلارنىڭ دەسلەپكى مەقسىتى پۇل ئۇتۇپ باي بولۇش ئەمەس،بەلكى ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىش.ئىچ-پۇشىقىنى نورمال چىقىرالايدىغانلىرى يەنىلا بۇرۇنقىدەك كېتىۋىرىدۇ.بەك چىقىرۋەتكەنلىرى يانچۇقنى قۇرۇقداپ،بەزىدە ئوقۇغۇچىلىرىدىن،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن قەرز سوراش،كىتاپ پۇلى ۋە باشقا كوللىكتىپ خىراجەتلەرگە خىيانەت قىلىشقىچە بارىدۇ. ئۇلار دائىم ئوقۇغۇچىلىرىغا قىمار ئوينىماسلىق ھەم قىمارنىڭ زىيىنى توغىرسىدا ناھايىتى چۈشىنىشلىك لېكسىيە سۆزلەيدۇ،چۈنكى ئۇلار پۈتۈن جەرياننى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان،نەزىرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتەگەنلەر تۇرسا.
3.مەمۇرى قىمارۋازلار. بۇلارنىڭ بىكار يۈرىيدىغان ۋاقتى ئەڭ كۆپ.قىلىدىغان ئىشى بىر قەدەر يەڭگىل،مۇناسىۋەت دائىرسى كەڭ.يالغاننى راست قىلىپ سۆزلەشكە،باشقىلارنى گېپىگە ئىشەندۈرۈشكە بەك ئۇستا.ئۇلارنىڭ قىمار ئوينىغاندا ئىشلىتىدىغان قورالى قەرت،بېليارت،ماجاڭ،ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇقخانىلاردىكى ماشىنا. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر مودا بولغىنى ئويۇىچۇقخانىلاردا ئويناش. چۈنكى،بۇ يەردە ئوينىغاندا ئوڭايلىقچە بايقىلىپ قالمايدۇ.ھەممە ئىش قانۇنلۇقتەك تۇيغۇ بېرىدۇ.
 
4.دېھقان قىمارۋزلار.بۇلارنىڭ ئاساسلىق ئوينايدىغان ۋاقتى قىش پەسىلگە يىغىنچاقلانغان.كۆز پەسلىدە ھوسۇلنى يىغىپ بولغاندىن كىيىن،بىر ياز ئىشلەپ تاپقىنىنى قىشىچە قىمارغا تۇتۇپ بېرىدۇ.ئۇلاردا ئوشۇق ئېتىشقا ئوخشاش ئەنئەنىۋى شەكىللەر كۆپرەك.لىكىن ھازىر بۇلاردىمۇ زور تەرەققىياتلار بار.ئۇلار ئەسلىدىكى ئۇشۇق،قەرت قاتارلىقلارنى چۆرۈپ تاشلاپ زامانىۋى ئويۇنچۇقخانىلارغا يۈزلەندى.
 
  5.سودىگەر قىمارۋازلار.بۇ قىمارۋازلار كوللىكىتىپى ئىچىدىكى بىر قەدەر باي بولغان بىر توپ.ئۇلار مەيلى قايسى خىلدىكى قىمار ئويناش ئۇسۇلىنى قوللانسۇن.تاۋكاغا تاشلانغان تۇڭگۇز قۇلاقنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ.بەزەنلىرى بىر كېچىدىلا مىلىيونىرغا ئايلانسا،بەزەنلىرى بىر كېچىدىلا قەلەندەرگە ئايلىنىپ كېتىدۇ.قىمار ئوينايدىغان جايغا ماشىنا بىلەن بېرىپ،ياياق قايتىپ كېلىدىغانلىرىمۇ،ئالىي دەرىجىلىك كاستۇيۇملارنى كىيىپ بېرىپ،تامبال بىلەن قايتىپ كېلىدىغانلىرىمۇ پات-پات چېلىقىپ تۇرىدۇ.
 
6.ئەمەلدار قىمارۋازلار.بۇلار بىر قەدەر مەخپىي ھەرىكەت قىلىدىغان قىمارۋازلار بولۇپ،ئۇلار قاتلاممۇ قاتلام ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇش تۈرۈمىنى يولغا قويغانلار.يەنى يېزا باشلىقىغا قول ئاستىدىكىلىرى جەزمەن ئۇتتۇرۇپ بېرىشى،يېزا باشلىقى ناھىيە ھاكىمىغا جەزمەن ئۇتتۇرۇپ بېرىشى،ناھىيە ھاكىملىرى….غا ئۇتتۇرۇپ بېرىشى شەرت.لىكىن بۇلار ئۆزىدىن يۇقىرى دەرىجىدىكى باشلىقلارغا ئۇتتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە باشقا قىمارۋازلارغا ئوخشاش خاپا بولۇپ پۇشايمان قىلىپ كەتمەستىن،ئەكسىچە بەك خوش بولۇپ كېتىدۇ.چۈنكى،باشقا ۋاقىتتا سۈڭگىتەلمىگەن پۇلنى مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئۆز يولىدا سىڭدۈرۋېتىدۇ.باشلىقمۇ پارا يېدىم دەپ“ۋىجدان ئازابى“تارتىپ يۈرمەيدۇ.
 
بىزنىڭ تەبىقىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى مۇشۇنداق كۆپ خىل،تۇرمۇشىمىز رەڭگارەڭ. بەزىدە پات-پات تەبىقەلەر ئارا قۇچاقلاشما جەڭمۇ بولۇپ تۇرىدۇ.ئىشقىلىپ ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزمەسلىك،ئامال بار نارمەتلىك قىلىش،ئالدامچىلىق ھۈنەرلىرىنى دادىل ئىشلىتىش،چېڭىغا چىقسا پالتا-پىچاق،تاياق-توقماق كۆتۈرۈش.چاپىغىنى ئېيتىپ ئۈلگىرەلمىگەنلەرنىڭ قاپىقىنى يېرىش،بەك شاشىپ كەتكەنلىرىنىڭ قورسىقىنى يېرىش بىزنىڭ ئاساسلىق خىزمەت ئۇسۇلىمىز.
ئەمدى قىمارۋازلىقنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن زىيانلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى.
 
1.ئىقتىسادى جەھەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،نۇرغۇن قان تەر بەدىلىگە كەلگەن مال-مۈلۈك،پۇل-پېچەك بىردەمدىلا كۆپۈككە ئايلاندى.يانچۇقىمىزنى تومپايتقان،يۈرىكىمىزنى يوغىناتقان،خۇدانىمۇ ناتۇنۇش قىلىۋەتكەن“بىر ئۇچى بىلەككە،بىر ئۇچى يۈرەككە تۇتاشقان پۇل قولىمىزنىلا ئەمەس يۈرىكىمىزنى شىددەتلىك تىتىرتىپ كۆز ئالدىمىزدىلا باشقىلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كەتتى.تاپقان چاغدا بېلىكىمىز سىقىراپ ئاغىرغان بولسا،ئۇتتۇرغان چاغدا يۈرىكىمىز چىڭقىلىپ ئاغىردى،ئۆپكىمىز ئاغزىمىزغا تىقىلدى.قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئۆزىمىزنى تۇتىۋىلىشقا تىرىشساقمۇ پۇشايمان ياشلىرىمىز ۋاقىتسىز كۆزى ئېچىلغان بۇلاقتەك تاراملاپ ئېقىشقا باشلىدى.ئۆيىمىزگە دەلدەڭشىگەن پېتى يېنىپ كېلىپ،مەيدىمىزنى داق يەرگە يېقىپ ھەپتە-ھەپتىلەپ، ھەتتا ئايلاپ يېتىپ كەتتۇق.بەزىلىرىمىز شۇ يىقىلغانچە قوپالمىدۇق.بەزىلىرىمىز قايتىدىن ئىش باشلاپ قايتا بېيىغان بولساقمۇ،بۇرۇنقى خاتالىقنى يەنە سادىر قىلدۇق.
2.كۆڭلىمىزدىن ئىنساپ،سەمىمىيلىك،ۋىجدان،مەسئۇلىيەت،ۋاپادارلىق دېگەنلەر پۇتۈنلەي كۆتۈرلۈپ كەتتى.كۆڭىلىمىزنىڭ بەتلىرى بارغانسىرى قارداشقا باشلىدى.ئاچچىق تولغاق يەپ بىزنى تۇغقان،بىر ئۆمۇر بېقىپ چوڭ قىلغان ئانىمىز كېسەل بولۇپ داۋالىندىغانغا پۇلى يوق ئىڭراپ ياتسا،خىيالىمىزغا كىرىپ چىقماي تاۋكاغا دۈم چۈشتۇق.ناتىۋان ئاياللىرىمىزنى قاراڭغۇ كېچە قوينىدا ھۇقۇشتەك يالغۇز تاشلاپ قويۇپ،ئۇلارنىڭ بىر كېچە كۆز يۇمماي ئۇھ تارتىشلىرىغا قۇلاق سالمىدۇق.بالىمىز دەپتەر قەلەم ئۈچۈن پۇل سورىسا ھۆمىيىپ،تاۋكادىن يانغاندا بىر مۇنچە پۇلنى مەرتلەرچە چوتاغا ئايرىۋىتىپ،غادايغان پېتى چىقىپ كەتتۇق..مەلۇم بىر ئائىلىدىكى ئەتىۋارلىق يالغۇز بىر ئوغۇل  بۇرادىرىمىز بۇ كەسىپكە ”ئىشتىياق باغلىغىلى خېلى بولغان.بىر كۈنى ئۇنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئاپىسى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ،دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتۇ. دادىسى باشقىلارغا يېلىنىپ يۈرۈپ بىر مۇنچە پۇلنى تەييار قىپتۇ.ھەمدە ئوغلىغا پۇلنى دوختۇرخانىغا تاپشۇرۇشنى تاپىلاپ ئۆيگە بىر نەرسە ئالغىلى كىتىپتۇ.بۇ ئوغۇل پۇل ئالغان ھامان ساكىراتتا ياتقان ئانىسىنى ئۇنتۇپ،ئۇدۇل ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇقخانىدىكى قورسىقى تويماس ئەجدىرھانىڭ يېنىغا چېپىپتۇ.ھەمدە بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 30-40مىڭ يۇەننى پاك پاكىز ئۇتتۇرۇپ بوپتۇ.پۇلنى ئۇتتۇرۇپ بولغاندىن كىيىنلا ئاپىسى ئېسىگە كېلىپ دوختۇرغانىغا چېپىپتۇ.دوختۇرغانىغا بارسا ئاپىسى ئاللىقاچان ئۇ دۇنياغا كەتكەن ئىكەن.دېمەك بۇنىڭدەك پاجىئەلەر بىزنىڭ ئەتىراپىمىزدا تولۇپ يېتىپتۇ.ئاڭلاشنى خالىساڭلار ئالدىرىمىغان ۋاقىتتا دەپ بېرىمىز.
 
ئۈچىنچى،قىمار جەريانىدا دوستلار ئارا سوقۇشۇپ،گاھىدا كالا-قاپاق يارساق،كاھىدا ئۈچەي-قورسىقىمىزنى يېرىشىپ،گاھىدا قېنىمىزنى ئىچىشىپ بىرىمىز تۈرمىگە،بىرىمىز ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ خېلى بار.ئاتقان مۇشتلىرىمىدىن ئوت،تىققان پىچاقلىرىمىزدىن قان،بوتۇلكا تۇتقان قوللىرىمىزدىن جان چاچىراپ چىقىدۇ.بىرلىرىمىز تارتۇق،بىرلىرىمىز توكۇر،بىرلىرىمىز ئەلەس بولۇپ كوچىغا چىققۇدەك يۈزىمىز قالمىدى.
 
 بۇنىڭ زىيانلىرىنى سۆزلەپ كەلسەم گەپ جىق.بىز بۇندىن كىيىن سىلەرگە شۇنى تەشەببۇس قىلىمىزكى.ئاتا-بوۋىلىرىمىز قىمما دېگەننى قىممىساق بولىدىكەن.ئۆزىمىزنى ساۋابلىق ئىشلارغا ئاتاپ،تاپقان پۇلىمىزنى چىڭ يەردە ساقلاپ،بىلىكىمىز پىچاقتەك،زېھنىمىز چاقماقتەك ۋاقتىدا ئۆز ئەجىرىمىزنىڭ قەدىرىگە يەتسەك بولىدىكەن.ئاتا-ئانىمىزغا كۆيۈمچان،خوتۇن باللىرىمىزغا ۋاپادار،دوست-بۇرادەرلىرىمىزگە سادىق بولۇپ،كىيىنكى پۇشايمان،ئاچچىق ئازاپلارنىڭ ئىگىسى بولۇپ قېلىشتىن ساقلانساق بولغىدەك.

مەنبە:  ماكانىم تورى.
(شۇ تور بەتتىكى مەزمۇندىن ئارىيە قىلىپ ئېلىپ كەلدىم، ئەھمىيەتلىك تەربىيە بولغۇسى دەپ.)
ا

-سىز كۆرۋاتقان تىما قىمارۋازلارنىڭ پۇشايمان خاتىرىسى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس._ ئەلتېكىن

بارلىق مۇناسىۋەتلەر ماددىنى چۆرىدەپ قۇرۇلغان ئىكەن...
مۇخلىسە
ئى ئاللا بىزنىڭ گۇناھلىرمىزنى كەچۈرگىن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 943

  جىنسى: قىز
ئۇنۋان:رەسمىي ?????????35????
ئۆسۈش: 35%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 35
  تۆھپىسى: 3
  پۇلى: 41 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 6
  ياخشى باھا: 41
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 9سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-09-09
  كىرىشى: 2011-10-17
1- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-10-01 21:31

راستىنلا تەربىيە ئەھمىيتى زوركەن

يۇرتۇغ
باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 10

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دوستانە ?????????405????
ئۆسۈش: 67.5%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 405
  تۆھپىسى: 75
  پۇلى: 555 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 157
  ياخشى باھا: 555
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 58سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-02-17
  كىرىشى: 2011-10-17
2- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 18:01

بۇرۇن قىمارنى پۇلنى ئاۋۇتىمەن دەپ ئوينايتۇق ، ئەپسۇس ئاينىماقتا يوق بارغانچە يوقايدىغان ئىشكەن ،  ئۇتتۇرغان كۈنى 1000سوم بولسىمۇ ئەتە كەپ قالار دەپ ئۆزىمىزگە تەسەللىي بىرىمىز ،ئەمما 200سوم ئۇتقان كۈنى خۇددى بىكارغا كەلگەندەك خەجلىۋەتكىچە ئالدىرايمىز  99-يىلى 10000سومنى يوق قىلغانىڭىزى جىم يۈرۈيدىغان بولغان ، ھازىرقى قىمارۋازلار مۇشۇنچىلىك پۇل بىلەن تۆۋە قىلسا بۇلاتتى ! بىراق ئادەمگە تەسىر قىلىدىغان بىرەر ئامىل بولمىسا «كىم دەيدۇ قىمارنى ھارام » دەپ يۈرۈيدىغان گەپكەن ... ماڭا «باياۋاندىكى گۈلخان» دېگەن كىتاب بەك تەسىر قىپتىكەن خۇدا خالىسا مانا 8يىل بوپتۇ جەمئىيەتكە باشقىچە نەزەردە قارايدىغان بولدۇم .

ئىمران
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 190

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:ياراملىق ?????????380????
ئۆسۈش: 63.33%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 380
  تۆھپىسى: 42
  پۇلى: 592 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 94
  ياخشى باھا: 462
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 111سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-03-13
  كىرىشى: 2011-10-17
3- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-10-03 02:32

مەن بىر چاغلادا 30 كوي ئۇتۇپلا تاشلىۋەتكەن بولمايدىكەن دەپ.

كۆزۇڭنى ئاچ
ئەلتېكىن
ھەممىگە توۋا قىلدىم...توۋا.كەچۈرگىن
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 49

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:ياراملىق ?????????323????
ئۆسۈش: 53.83%
  نادىر تىما: 1

  يوللانما: 323
  تۆھپىسى: 48
  پۇلى: 418 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 89
  ياخشى باھا: 413
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 111سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-02-25
  كىرىشى: 2011-10-17
4- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-10-03 12:25

مەن ئوينىسام بەك ئۇتىۋالاتتىم. بىر قېتىم 7 كوي ئۇتىۋېلىپ ، ئويۇن تۈگىگەندە ھەممىنى قايتۇرۇپ بەرگەنتىم.

قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس._ ئەلتېكىن

بارلىق مۇناسىۋەتلەر ماددىنى چۆرىدەپ قۇرۇلغان ئىكەن...