ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 160 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھاياتىڭىزدا ئەپۇ قىلىشقا تىگىشلىك ئۈچ كىشى
مۇخلىسە
ئى ئاللا بىزنىڭ گۇناھلىرمىزنى كەچۈرگىن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 943

  جىنسى: قىز
ئۇنۋان:رەسمىي ?????????35????
ئۆسۈش: 35%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 35
  تۆھپىسى: 3
  پۇلى: 41 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 6
  ياخشى باھا: 41
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 9سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-09-09
  كىرىشى: 2011-10-16
0- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-10-01 21:23

ھاياتىڭىزدا ئەپۇ قىلىشقا تىگىشلىك ئۈچ كىشى

      قەدىمىي ئەسەرلەرنىڭ بىرىدە مۇنداق بىر مەشھۇر دىئالوگ بار. خەن شەنزى شى دېدىن : « ھاياتتا بەزىلەر ماڭا قارا چاپلاپ، مېنى ئالدىسا؛ بەزىلەر مېنى ھاقارەتلەپ، مەسخىرە قىلدى؛يەنە بەزىلەر مېنى كۆزگە ئىلمىدى، كەمسىتتى. قانداق قىلسام بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ. شى دې كۈلۈپ تۇرۇپ :« ئۇنىڭغا چىدا،يول قوي؛ ئۇنىڭدىن ساقلان،ئۇنى مەيلىگە قويىۋەت؛ ئۇنىڭغا سەۋر قىل،ھۆرمەت قىل؛ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. نەچچە يىل ئۆتكەندە ئاشۇلارغا قايتا قاراپ باققىن» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.  بۇنداق دۇردانە جۈملىلەر نۇرغۇن ھايات ھېكمىتى بىلەن يۇغۇرۇلغان. كەڭ قورساقلىق بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ھايات پەلسەپىسىدۇر.سىز ھاياتىڭىزدا كۆكسى –قارنىڭىزنى كەڭ تۇتۇپ بۇ ئۈچ كىشىنى ئەپۇ قىلىۋېتىڭ.
ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى ئەپۇ قىلىڭ. ھاياتتا قىلغان ئون ئىشىڭىزنىڭ سەككىز-توققۇزى دېگۈدەك كۈتكەن يېرىڭىزدىن چىقمايدۇ. جاھاندا كەم-كۇتىسىز ئىش بولمايدۇ.شۇنداقلا، ھەممە ئادەمنىڭ كەتكۈزۈپ قويىدىغان ۋاقتى ۋە قىلالمايدىغان ئىشى بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ بىردەك ئېتراپ قىلىشىغا ئىرىشىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. سىز دائىم ئۆز- ئۆزىڭىزنى  ئەيىبلەۋەرسىڭىز، ھاياتىڭىز ئۈمۈتسىزلىك پاتقىغىقا پېتىپ قالىدۇ.ئىلگىرىكى خاتالىقلىرىڭىز تۈزەلمەيلا قالماي ، ئەكسىچە  تېخىمۇ كۆپ سادىر بولىدۇ. شۇڭا، سىز ھەر ۋاقىت تەبەسسۇمىڭىز بىلەن ئۆز -ئۆزىڭىزگە كەڭ قورساق بولۇڭ.
دۇشمەنلىرىڭىزنى ئەپۇ قىلىڭ.رىقابەت كەسكىن بۇ دەۋردە قاچانلاردا بىر دۈشمىنىڭىزنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى بىلمەيلا قالىسىز.بولۇپمۇ ھازىرقىدەك خىزمەت بېسىمى كۈندىن – كۈنگە ئېشىۋاتقان زاماندا بەزى كىشىلەرنىڭ سىز بىلەن ئوخشاش بولمىغان پىكىردە بولىشىدىن خالىي بولماق تەس. ئۇ، بەلكىم كەينىڭىزدىن گەپ تاپقاندۇ،سىزگە قارا چاپلىغاندۇ ياكى  سىزنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرگەندۇ. شۇنداق ،گەرچە سىز بىر يۇۋاش-يۇمشاق ئادەم بولسىڭىزمۇ ئاۋارىچىلىقلار بۇسۇغىڭىزدىلا ئەگىپ يۈرۈيدۇ. بۇنداق چاغدا قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟ دۈشمىنڭىزگە ئوخشاش پىتنىخورلوق قىلىشىڭىز كېرەكمۇ؟ ياكى سىزنى ئورىغا ئىتتىزگەنلەرگە  ئاداۋەت ساقلاپ ئۆتۈشىڭىز كېرەكمۇ؟ مېنىڭچە،ئۇلارغا يەنىلا ئەپۇچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ. چۈنكى، غەزەپلەنسىڭىز باشقىلارنىڭ ئەمەس ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىسىز. دۈشمىنىڭىزگە رەھمەت ئېيتىشىڭىز كېرەك. چۈنكى ،ئاشۇ رەزىللىكلەر سىزنى ھاياتتىكى گۈزەللىكلەرنى تېخىمۇ قەدىرلەشنى ئۆگەتتى.سىزگە ھەقىقىي بەختنىڭ نىمىلىكىنى يەنىمۇ ئېنىق تۇنۇتتى.
سىز يەنە دوستلىرىڭىزنى ئەپۇ قىلىڭ. خوشاللىق ئىزدەش سەپىرىدە ئېھتىمال ئەڭ يېقىن دوستلىرىڭىز سىزگە ئەڭ ئېغىر تالاپەت كەلتۈرگەندۇ. بىراق،دوستلىرىڭىز بۇلارنى مەقسەتسىزلا ياكى بىر دەملىك ھەسەتخورلۇقتىن قىلىپ سالغان بۇلىشى مۇمكىن. شۇڭا،سىز ئۇلارنى ئەپۇ قىلىۋېتىڭ.چۈنكى،ئۇلار ئىلگىرى سىزگە ياردەم بەرگەن ۋە خوشاللىق ئاتا قىلغان.
ھاياتىمىزدا ئەپۇ قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ۋە ئادەم يوق.
شۇنداق، ھەممىمىز ئەپۇچانلىقنى ئۆگىنىۋالايلى .تۇرمۇش بىزنى ئۈمۈتسىزلەندۈرگەن  چېغىدا ئۇنىڭدىن يېڭى بىر رۆجەك ئېچىپ باقايلى  . بەلكىم  ، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن.
 
بۇ ماقالە «ياشلار ئوقۇشلۇقى» ژورنىلىنىڭ2009 –يىللىق 7- ئايلىق سانىنىڭ كىيىنكى يېرىم ئايلىق سانىدىن

-سىز كۆرۋاتقان تىما ھاياتىڭىزدا ئەپۇ قىلىشقا تىگىشلىك ئۈچ كىشى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
يۇرتۇغ
باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 10

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دوستانە ?????????404????
ئۆسۈش: 67.33%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 404
  تۆھپىسى: 75
  پۇلى: 554 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 157
  ياخشى باھا: 554
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 58سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-02-17
  كىرىشى: 2011-10-17
1- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-10-05 20:45

كەچۈرۈشكە بولمايدىغان شۇنداق كىشلەر بار ئۇ بولسىمۇ :مىللەت خائىنى!

مېھرىگىياھ
ئۇ، سۆزىدىن يانمايدۇ.
دەرىجە: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 19

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:ياخشى ?????????207????
ئۆسۈش: 69%
  نادىر تىما: 4

  يوللانما: 207
  تۆھپىسى: 50
  پۇلى: 457 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 60
  ياخشى باھا: 267
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 73سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-02-18
  كىرىشى: 2011-10-17
2- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-10-06 12:02

سۆيگۈ-مۇھەببەت
رەزىللىك بىلەن ئېلىشىڭ، ئەمما رەزىللەر بىلەن سۈلھىلىشىڭ. بىراۋنىڭ قىلغان ئەسكى ئىشىدىن يىرگىنىڭ، ئەمما ئەسكى ئىش قىلغان ئادەمدىن يىرگىنىپ كەتمەڭ.
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزى يۇمران بولسىمۇ، ئەڭ قاتتىق تاش-تۇپراقنىمۇ تېشىپ ئۆتەلەيدۇ، ھەتتا تاغ جىنسلىرىنىڭ چاك-يېرىقلىرىدىنمۇ ئاتلاپ ئۆتەلەيدۇ. سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ ھەرىكىتىمۇ مانا شۇنداق، دۇنيادا سۆيگۈ-مۇھەببەتنى توسالايدىغان ھېچنەرسە مەۋجۇت ئەمەس.
−ھېنرى داۋىد زورو
ھەقەمسايىڭىزنى سۆيۈپ، خۇدانى سۆيمىسىڭىز، بۇ خۇددى يىلتىزىدىن ئايرىلغان دەرەختەك بىر ئىش بولىدۇ.
سىز خۇدانى سۆيگىنىڭىز ئۈچۈن ئۆز ھەقەمسايىلىرىڭىزنى سۆيسىڭىز، ھەر بىر ئادەمزاتىنى سۆيۈشىڭىز، ھەتتا ئۆزىڭىز ياخشى كۆرمىگەن ياكى چىرايى سەت ئادەملەرنىمۇ قالدۇرماي سۆيۈشىڭىز كېرەك. سەمىمىي سۆيگۈ-مۇھەببەتلا بىردىن-بىر مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قىلچە ئۆڭمەيدۇ.
10-ئاينىڭ 6-كۈنى

مېھرىگىياھ
ئۇ، سۆزىدىن يانمايدۇ.
دەرىجە: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 19

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:ياخشى ?????????207????
ئۆسۈش: 69%
  نادىر تىما: 4

  يوللانما: 207
  تۆھپىسى: 50
  پۇلى: 457 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 60
  ياخشى باھا: 267
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 73سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-02-18
  كىرىشى: 2011-10-17
3- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-10-06 12:05

ئوكيان تورىدا يېزىلغان يۇقىرىقى ئابزاس تېما مەزمۇنىغا تېخىمۇ جۇلا بېرىدىكەن.

ئەپۇ قىلسا، ئەپۇ قىلىنغۇچىلار ئەزۋەيلەپ كىتىدۇ؛ ئەپۇ قىلمىسا، ئۇلار يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

5-6 يىل تەڭقىس بولغان بۇ مۇھىم مەسىلىنىڭ يېشىمىگە يىتەي دەپ قالدىم.