شەيتاننىڭ تۆھپىسى
مەن ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى تونۇيدىغان،ئەمما ھىچقايسىسى كۆرۇپ باقمىغان بىر ئادەم.ياق، مەن ئادەممۇ ئەمەس،نەرسىمۇ ئەمەس،دەل شەيتانمەن. مىنىڭ تۆھپەم كۆپ، ئىنسانلارنى غالجىرلاشتۇرىدىغان دوست-بۇرادەر،قان- قېرىنداشلىرىممۇ ناھايىتى كۆپ.ئالايلۇق،ھاراق.
ھاراق_ئۇ ئادەملەر خۇشال بولامدۇ،كۆڭلى يىرىم بولامدۇ،قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ ئىچىپ،كوچىكوچىلاردا سەتلىشىپ،ئۆيگە بارغاندا خوتۇن بالىلىرىنى ئۇرۇپ،ھەممىدىن يۈز ئۆرۇپ،مىنى قىن-قىنىمغا پاتمىغۇدەك قىلىپ كۇلدۇرۇپ،گۇلقەقەلىرىمنى ئىچىلدۇرىۋىتىدىغان نەرسە.مىنىڭ يەنە بىر قىرىندىشىم بار،ئۇنىڭ ئىسمى تاماكا.ئۇنىڭ مىنى ىۇشال قىلىدىغان تەرىپى ھاراقتىن قىلىشمايدۇ.تاماكىنى چىكىشىدۇ بۇلۇڭ بۇچقاقلاردا ئولتۇرۇپ ئاشۇ كىشىلەر،ئۇلار تاماكىنىڭ قىسقىرىشىغا ئەگىشىپ،ئومرىنىڭمۇ قىسقىراۋاتقانلىقىنى سەزمەي قىلىشىدۇ.ئۆپكىلىرىنىڭ قارىداپ خۇددى كۆمۇرگە ئوخشاپ قالغىنىنىمۇ بىلمەي قىلىشىدۇ.بۇلارنى ئويلىغىنىمدا كۇلكەم بارغانسىرىيۇقىرى پەللىگە كوتۇرۇلۇپ كىتىدۇ. ھە راست،تاماكا يىقىندا ماڭا ‹‹زەھەر››دىگەن ئاغىنىسىنى تونۇشتۇرۇپ قويدى.زەھەرنىڭمۇ جەمئىيەتتىكى تۆھپىسى ئاجايىپ چوڭكەن،ئۇ ياش-قېرى دەپ ئايرىماي نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە خۇمار قىلىپ ، ئادەملەرنى ھەرخىل يولدا پۇل تاپتۇرۇپ،ئۆزىنى سىتىۋالغۇزۇپ، چەكتۇرىدىكەن،ئۇنى چەككەن ئادەملەر بولسا ئاستا-ئاستا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خوراپ،ئاخىرى ئازاپ ئىچىدە قىيلىنىپ ئۆلۇپ كىتىدىكەن. بۇلارنى كورۇپ مەن كۇلمەي تۇرالامدىم؟
مىنىڭ قىمار دەپ يەنە بىر ئاغىنەم بار،ئۇنىڭمۇ تەسىر دائىرىسى ناھايىتى چوڭ جۇمۇ!ئۇ ھەممىنى ئۆزىگە قەلىپ قىلىدۇ-دە،ئۇلارنى ئۇتتۇرغۇزىدۇ،پۇل-ماللىرىدىن،ئۆي-بىسات،خوتۇن باللىرىدىن ئايرىپ،بەخىتلىك ئائىلىسىنى بۇزۇپ،ئۇلارنى خانىۋەيران قىلىپ توزىتىۋىتىدۇ.
‹‹ھا...ھا...ھا...››نىمىدىگەن خوشاللىق بۇ!مىنىڭ دوست-بۇرادەر،قان-قېرىنداشلىرىم ماڭا نىمىدىگەن سادىق-ھە!ئويلىغانسىرى خۇش بولۇپ كىتىۋاتىمەن.
كەل،ئىنسان،كەل!ھەي،دۇنيا،سەنمۇ كەل!ئوينا،ئىچ،چەك،ئوشۇقلىرىڭنى تاشلاپ ئوينا!مەن كۈلەي! سىنىڭ ئازاپ ياشلىرىڭ مىنىڭ كۇلكەمنى سۇغارسۇن!مەن كۇلەي،پۇخادىن چىققۇچە كۇلەي، سەن ئۆپكەڭ ئۆرتەنەۇدەك يىغلا!
بورتالا جىڭ ناھىيە تولۇقسۇىز ئوتتۇرا مەكتەپ8-يىللىق 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى :
شەھرىبانۇ
[ ھونتەرىپىدىن2011-10-04 19:25قايتا تەھرىرلەندى ]