تۆۋەندىكى سۆھبەت ۋە ئانالىزدىن قارىغاندا ئېشەك بېقىش ئارقىلىق كارخانىلارنى يېتەرلىك خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەپ بىر تەرەپتىن قۇۋۋەت، كالىتسىي تولۇقلايدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ تەمىن بولۇشىغا ھەسسە قوشساق يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادى كىرىمىمىزنى ئاشۇرساق بولامدۇ _ قانداق ؟؟؟!!! جۇڭگو ئاكسىيىسى ئىستىمال مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى ئانالىزچى جاڭ شاۋكۈننىڭ دېيىشىچە ،ئېشەك تېرىسى مەنبەسىنىڭ تۆۋەنلەش ھادىسىسىنى ياخشىلاش قىيىن ئىكەن .
مۇخبىر: يېقىندا تېخى شەرق ئېشەك يىلىمى شىركىتى مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن مۇلاھىزە قىلىش سەھنىسىدە ، چەتئەلنىڭ ئېشەك تېرىسى مەنبەسىنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ،شىركەتنىڭ ئاللىبۇرۇن چەتئەلىدىكى مەنبە تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن پىكىرلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ،كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ئېشەك تېرىسى مەنبەسى ئىنتايىن قىس ، نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدۇ ؟
ئانالىزچى : ئەمەلىيەتتە ئېشەكنىڭ ساقلىنىشى 2004-يىلىدىن باشلاپلا تۆۋەنلەشكە قاراپ ماڭغان ،ھازىر باقمىچىلار ئېشەك بېقىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ ، ئەمەلىيەتتە ئاساسلىق سەۋەبى نەچچە خىل ، بىرىنجىدىن ئېشەك بېقىش مەزگىلى بىرقەدەر ئۇزاق ، ئادەتتە 3يىللاردا بىر ئېشەك يېتىلىپ بولىدۇ .بۇ ۋاقىت ھازىرقى قوي كالا چوشقا ، توخۇلارنى باققانغا سېلىشتۇرغاندا زىيانلىق بولىدۇ .
ئىككىنجىدىن ، ئېشەك باقمىچىلىق يېمەكلىكلىرىنى يېمەيدۇ ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ببېقىش تۈزۈلمىسى قۇرۇپ باشقۇرۇش بىرقەدەر تەس ، پەقەت باققۇچى ئۆزلىرى يېمەكلىك تەييارلىسىلا بولىدۇ .
ئۈچىنجىدىن ، ئېشەكنىڭ يەر ھەيدەش ۋە باشقا قاتناشقا ئىشلىتىش ئورۇنلىرى ھازىر ئاساسەن يوقاپ كەتتى . يۇقىرىقىلاردەك بېقىشنى خالىماسلىق ، بېقىش قىيىن بولۇش ، كىرىمى ياخشى بولماسلىقتەك بىرقاتار سەۋەبلەر ئېشەك مەنبەسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دېيىشكە بولىدۇ .يەنە كېلىپ بۇخىل ئەھۋالنى ياخشىلاش تەسكە چۈشىدۇ .
مۇخبىر : ئېشەكنىڭ ئازلىشىدا ئېشەك تېرىسىمۇ ئازلاپ شىركەتنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ، بۇ نۇقتىنى سىزنىڭچە شىركەت تەرەپ قانداق بىرتەرەپ قىلار ؟
ئانالىزچى : ھازىر ئۇلارنىڭ ماتىرىيال توپلاش ئۇسۇلى ئۈچ خىل .بىرىنجىسى بىۋاستە بازاردىن سودا قىلىپ سېتىۋېلىش .ئىككىنجىسى ئۆزلىرى باقمىچىلىق ئورنى ياساپ ماتىرىيال توپلاش . ئۈچىنجىسى چەتئەلدىن 100مىڭ دانە ئەتراپىدە ئېشەك تېرىسى ئىمپورت قىلىش . بۇ ماللارنىڭ تاموژنا تەكشۈرىشى ۋە يەنە بىرقاتار ئېتىقاد قائىدە تۈزۈملىرى تەكشۈرىشىدىن ئۆتۈشى بىرقەدەر قىيىن . شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلارنىڭ باقمىچىلارنى تەشكىللەپ ، باقمىچىلارغا تولۇقلىما بېرىش ۋە باشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۇسۇللىرى بىلەن مەنبە توپلىشىنى مۇۋاپىق دەپ قارايمىز .ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئېشەك مەنبەسىنىڭ تۆۋەنلىشى يەنە داۋاملىشى مۇمكىن .بۇخىل ئەھۋالنى ياخشىلاش خېلىلا قىيىنغا توختايدۇ .
مەنبە: نۇر تورى
http://www.nur.cn/html/news/32922.shtml