ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 113 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ﺳﺎﻳﺮﺍﻡ ﻛﯚﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻘﻰ ﻧﺎﻣﻰ - }ﺳﯜﺗﻜﯚﻝ
يۇرتۇغ
باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 10

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دوستانە ?????????405????
ئۆسۈش: 67.5%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 405
  تۆھپىسى: 75
  پۇلى: 555 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 157
  ياخشى باھا: 555
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 58سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-02-17
  كىرىشى: 2011-10-17
0- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-10-03 10:37

ﺳﺎﻳﺮﺍﻡ ﻛﯚﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻘﻰ ﻧﺎﻣﻰ - }ﺳﯜﺗﻜﯚﻝ

<ﺑﻮﺭﺗﺎﻻ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﻠﯩﻖ ﻣﯘﺯﯨﻴﯩﺪﯨﻦ>

سايرام كۆلى - تەڭرىتاغنىڭ غەربىي شىمالىغا ، جىڭ ناھىيىسى بىلەن قورغاس ناھىيىسىنىڭ چېگىرسىغا جايلاشىقان بولۇپ، ئاپتوۇنۇم رايۇنىمىز بويىچە 3 ‏- چوڭ كۆل ھېساپلىنىدۇ. جۇغراپىيىلىك ئورنى جەھەتتىن ئالغاندا ، شەرقىي مېردىئان " 45 ، 26 ، 81 قا، شىمالىي پارالېل " 25 ، 43، 44 قا توغرا كېلىدۇ. كۆلىمى 460 كۋادىرات كېلومىتېىر ، چوڭقۇر يېرى 90 مېتىر ، دېڭىز يۈزدىن ئېگىزلىكى 2094 مېىتىر كېلىدۇ. سۇ كۆلىمى بورتالا ئوبلاسىتى بويىچە سۇ كۆلىمىنىڭ 45 پىرنىسەتنى تەشىكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىنى ئېگىز تاغلار ، قارلىق چوقىقىلار ئوراپ تۇرىدۇ. بۇ ئەتراپتا قىىشىتا قار كۆپ ياغدۇ.، قاتتىق سوغاق بولىدۇ، يازدا سالىقىن بولىدۇ. تاغ باغرىدىكى يايلاقىتىن ھەرخىل يېپىنچا ئۆسۈملۈك ۋە گۈل- گىياھلارنى ئۇچراتىقىلى كۆپكۈك قارغايلار گويا سايرام كۆلنى گۈزەل ، مەنزىرلىك جاي بولىغاچقا ، قەدىمىدىن تارتىپ نۇرلانغانغان قەبىلە ۋە مىللەتلەر بۇ جايدا ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن ياشاپ كەلگەن ھەمدە بۇ كۆلنى ئۆز تىلىدا گۈزەل ناملار بىلەن ئاتىغان. قەدىمىدە ھون، ساك، تۈرك، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتىلەر بايقال كۆلى ۋە بالقاش كۆلى ئەتراپدا ، تەڭرىتاغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىيى ئېتەكلىرىدە ياشىغان . شۇلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمىكى ئەجدادى بولغان تۇرالار >شەقىي تۇرالار < مىلادى 487‏- يىلى ئاكا ‏-ئۇكا ئاي ئوجرو بىلەن چۆنچىنىڭ باشلامچىلىقىدا جۇجانلارغا قارىشى ئىسيان كۆتۈرۈپ ،ھازىرقىي موڭغۇلىيىدىن ئالتاي ۋە تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىگە كۆچۆپ كەلگەن ھەمدە بۇ يەردىكى قان ‏-قېرنداشى بولغان غەربىي تۇرالار بىلەن قۇشۇلۇپ ،جۇجان خانلىقىنى يوقىتىپ ،ھازىرقىي ماناس ئەتىراپىدا قاڭقىل خانلىقىنى قۇرغان . قاڭقىل خانلىقىنىڭ زېمىنى شىمالىدا ئالتاي تاغلىرى ، غەربدە شۆتكۆل ،شەرقىدە جىيا يۈگۈن ،جەنۇبىدا قارا شەھەرنىڭ غەربىي ،شەرقىي جەنۇبتا كىرورەنگىچە سوزلۇلغان بولۇپ ،60 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇرلار ئەشۇ زامانلاردا ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆلنى ئانا سۈتىگەياكى ھايۋاناتلارنىڭ سۈتىگە ئوخىشىتىپ، » سۈتكۆل« دەپ ئاتاشقان . ئۇنىڭ ئۈستىگە ،ياز كۈنلىرى كۆلدە نۇرغۇنلىغان ئاققۇلار ئۈزۈپ يۈرىشىدۇ ھەمدە كۆلنىڭ ھەيۋەتلىك دولقۇنىدىن ھاسىل بولغان بۇژغۇنلار يىراقتىن قارىسىڭىز گويا ئاق بۇلۇتلار سايرام كۆلىنىڭ يۈزىگە چۈشۈپ قالغاندەك كۆرىنىدۇ . ئاي تولغان كېچىلەردە بولسا چوڭ بىر جانان چىنە ئىچىدە قېلىن قايماق تۇتقان سۈتتەك كۆرىنىدۇ . ئۇنىڭ » سۈتكۆل» دەپ ئاتىلىشىدا بۇ ئامىلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋىتىشكە بولمايدۇ.
تاڭ سۇلالىسى پادىشاھى تاڭ تەيزۇڭ غەربىي يۇرتىكى كۆك تۈرۈكلەرنىڭ تەسىرىنى تامامەن يۇقىتىپ ،ئۆزىنىڭ ئورنىنى تىكلىگەندىن كېيىن ، غەلبىنى تەبىرىكلەش يۈزىسىدىن » چېگىرىنى تىنچلاندۇرۇش خاتىرىسى« دېگەن مۇنداق بىر شېئىرىنى يازغان :

» تەلپۈندى پايتەخىتكە ئەمدى سۈتكۆل ،
خانلىققا تەۋە بولۇپ قۇش سۇ پۈتكۈل «
كېيىنىكى كۈنلەردە يەنى موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كېيىن ، بۇ يەردە مۇڭغۇللار كۆپلەپ ئولتۇراقلاشىشى تۈپەيلىدىن بۇ كۆل » سايرام كۆلى « دەپ ئاتالغان . موڭغۇل تىلىدا سايرام كۆلى »چاغان سەرىم نۇر « دېيىلىدۇ . بۇنىڭدىن » چاغان» سۆزى "ئاق" دېگەن مەنىنى ، « سەرىم» سۆزى »تىنچ ، دولقۇنسىز » دېگەن مەنىنى ، "نۇر" سۆزى » كۆل» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ . ئومۇمىي مەنىسى »ئاق تىنىچ كۆل» دېگەنلىك بۇلۇپ ،ئەمىلىيەتتە ،ئۇيغۇرچە »سۈتكۆل» بىلەن باراۋەر.
يۇەن سۇلالىسى دەۋىرىدىكى ساياھەتچى چىيۇ چۇجى سەمەرقەنتكە بېرىش سەپىرىدە سايرام كۆلى بۇيىدىن ئۆتكەن . شۇ چاغدا سايرام كۆلى بويىدىكى موڭغۇل قەبىلىلىرى ئۇنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن كاتتا زىياپەت بېرىپ ، چىيۇ جۇجىغا بولغان دوستلۇق رىشتىسنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن موڭغۇللار نىڭ قائىدىسى بۇيىچە "سەرىم" ، ]سەرىن[ " خادا دەپمۇ ئاتىلىدۇ " تەقدىم قىلغان . راھىب چىيۇ "بۇ نېمە دەپ " سورىغىنىدا موڭغۇللارنىڭ ئاقساقىلى چۈشەندۈرۈپ : "بۇ بىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك سوغىمىز يەنى " سەرىم " ،دەپ چۈشەندۈرگەن . شۇنىڭ بىلەن راھىب چىيۇ چۇجى : " بۇ يەرنىڭ نامىمۇ سەرىم بولسۇن " ،دەپ ئېيتقانكەن . كىشلەرنىڭ بۇ رىۋايەتكە ئاساسەن ،" سەرىم " كېيىن سايرام كۆلىنىڭ نامى بولغان دەپ قارايدۇ. لېكىن چيۇ چۇجى " ئەۋلىيا چيۇ چۇجىنىڭ غەربكە قىلغان ساياھىتى" دېگەن ئەسىرىدە سايرام كۆلىنى قانداقتۇر "تەڭرى كۆلى " دەپ تىلغا ئالغان > سۇ بېيخەي : » غەربىي يۇرتنىڭ تارىغىجۇغۇراپىيىسى « خەنزۇچە نەشىر ، 273‏-ﺑﻪﺕ >

-سىز كۆرۋاتقان تىما ﺳﺎﻳﺮﺍﻡ ﻛﯚﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻘﻰ ﻧﺎﻣﻰ - }ﺳﯜﺗﻜﯚﻝ,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى: