دوسلارنىڭ چاقچاق ئارلاشتۇرماي سەمىمىي مەسلىھەت بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
مەن بىر قىز بىلەن ئۇزۇن يىل مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن . ئەمما بۇ قىز مەن بىلەن بىر مىللەت بولماستىن بەلكى مىللىتى خەنزۇ . ھەر ئىككىمىز بىر - بىرىمىزنى چىن دىلىمىزدىن ياخشى كۆرىمىز . مەن بۇ قىز بىلەن دەسلەپ ئارلاشقان ۋاقىتتىلام ، ئىككىمىزنىڭ ئىشىنىڭ بىر باشقا چىقمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولساممۇ ، پەقەت گىپىمنى ئاڭلىمىدى . ئاخىرى مۇھەببىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىۋەردۇق . ئەمما يېقىندا ئىككىمىز توي قىلماقچى بولۇۋاتىمىز . توي قىلغاندىن كىيىن باشقىلارنىڭ باشقىچە قارىشىدىن ، سۆز - چۆچەك قىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن . مەن مۇشۇ گەپلەرنى ئۇنىڭغىمۇ دىسەم ، مۇھەببەت دىگەندە مىللەت، دىن ،دۆلەت ،ئېرق ئايرىمايدۇ ، توي قىلغاندىكىن بالىمىزنىڭ ئىسمىنىمۇ ( مەيلى قىز بولسۇن ياكى ئوغۇل بولسۇن ) ئۇيغۇرچە قويۇشقا رازى ئىكەنلىكىنى ، ھەتتا بالىمىزنىڭ ئانا تىلى ئۇيغۇرچە بولۇشقۇمۇ رازى ئىكەنلىكىنى دىدى .
مەن ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىدىن گۇمانلانمايمەن . بىراق بىز توي قىلغاندىن كىيىن ھازىرقىدەك ئۆتەلەمىزمۇ ؟ بەخىتلىك بىر ئائىلە قۇرالامىزمۇ ؟ دوسلارنىڭ سەمىمىي مەسلىھەت بېرىشىنى سورايمەن .
مەنبە : ئۆزۈم .