ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 174 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: 33 كوبلېت شېئىر ( تاڭنۇر)
تاڭنۇر
دەرىجە: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 136

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ?????????21????
ئۆسۈش: 21%
  نادىر تىما: 2

  يوللانما: 21
  تۆھپىسى: 33
  پۇلى: 87 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 47
  ياخشى باھا: 77
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 6سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-03-07
  كىرىشى: 2011-10-17
0- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-10-04 22:14

33 كوبلېت شېئىر ( تاڭنۇر)

(باش ئاخىرى يوق)


پۇت قوللار ئون تالدىن ، يىگىرمە بارماق ،   1
بەزىدە بوپ قالار ، شەيتانغا ئامراق .  
ئويلايمەن ئىنسانلار ، پاك ياشاپ كەتسە ،  
دىللىرى گۇناھسىز ، بوپ كىتەر ئاپئاق .

جىلۋىلەيدۇ گۈللەر بەرگىدە. 2
گاھى نەسىر ، گاھى لىرىكا ،  
پەيدا قىلار ، ھەم يەنە نىسپەت ،  
كىشى قەلبىدە ، سىرلىق فىزىكا .  

مىللەت ئۈچۈن ئەل ئۈچۈن شامدەك ياشاڭ ھەي ئۇدۇن ! 3
بولۇپ قالماڭ ھەرگىزمۇ ، قۇرۇق -قاقشال ، تاش- ئوتۇن .  

ھايات يولى ئەگرىدۇر ، گاھى توقاي ، گاھى تۈز ،  
مەيلى جۇدۇن - ئىسسىقتا ، ئايدەك ياشاڭ ھەي ئۇدۇن ،  

بۇۋاق ئىدىڭ يىتىلدىڭ ، مانا قىران ئەر بولدۇڭ ،  
بۇلالمىساڭ قىزىل گۈل ، تېرىق بولغىن ھەي ئۇدۇن .  

يىلتىزداشلار ئارىسى ، كۆپتۇر ، ئاجىز - يىتىملەر ،  
بۇلالمىساڭ سەن بۇلاق ، ئېرىق بولغىن ھەي ئۇدۇن .  

خىجىلسەن گاھىدا، دىھقان دادام دەپ ،  4
سەن ئۈچۈن كەتمەننى چاپقان گۇناھمۇ ؟  

راھىتىڭ -بەختىڭگە شام قىلىپ ئۆزىنى ،  
ھەر جاپا- مۈشكۈلگە ئاتقان گۈناھمۇ ؟  

يۈركۈم پارىسى ، ئۇماق بالام دەپ ،  
خوشلۇقتىن ناخشىغا ، قاتقان گۇناھمۇ ؟

ھەقىقەت پىيازنىڭ پوستى ياخشىراق.  5
نادان دوس ھەرقاچان ساختا يالتىراق ،  
پوق دىگەن ئەزەلدىن ئەمەستۈر گۆھەر  
رەڭگارەڭ بىزىلىپ ، تۇرسا پارقىراق .

يىتەلمەي جاناننىڭ گۈزەل ۋەسلىگە.  6
بوپ قالدى مىجەزىم سەپرا ھەم ئوسال،  
سۆيگۈمنى قۇبۇل قىپ كەلسە شۇ يايرىم ،  
بۇلبۇلدەك ناۋا قىپ ، كۈلەتتىم خۇشال .  

تۈكۈلەر دەرەختىن يۇپۇرماق ئەنسىز ، 7
بەزىلەر ھاياتى ، مەنىسىز -رەڭسىز ،  
بىرەيلى گىياھتەك ، ئۆزگىگە ھوزۇر ،  
مىللىتىم گۈللەنمەس ، سىنىڭسز-مەنسىز .

ئەل يۇرتنى ، بىر چىشلەم لوقمىغا  ساتار .  8
مۇناپىق -دەيۇزلەر ،ئۆزىنى بەگ ئاتار ،  
ياخشنى كۆرەلمەي ، قىلتاقلار قۇرۇپ ،  
ئىت كەبى سۆڭەكنى ، مارلاپلا ياتار

ئەخلاقنى،قانۇننى،تۇرمۇشنى بۇزار. 9
شەھۋەتكە يۇلۇققان توزغاقتەك تۇزار ،  
ھايا ۋە نۇمۇسنى ، دەپسەندە قىلىپ ،  
باياشات ياشاشنىڭ، چوتىنى سۇقار .  

ئىمان - ئىتقات ،ئىسلامى ئەخلاق. 10
ئىنسان ئۈچۈن ، بولىدۇ قانات ،  
پاك غورۇرى يوق  - ئىمانسىزلار ،  
ھامان بىر كۈن قالىدۇ ياياق .  

پارلاق مەنزىلگە ئۇرايلى پالاق. 11
ئازغاننى يىتەكلەپ بىرىپ ھەم ساۋاق ،  
بۇ ھايات يولىدا ، نىشانسىز ياشاپ ،  
قۇنالغۇ بولمىسۇن بىز ئۈچۈن قاۋاق .

مېھنەت تەرىدىن ئېچىلغان گۈلدىن،  12
تېمىپ تۇرار ، ئەجىرلىك پۇراق ،  
ئەجىرسىز ياشىغان ،تەييارتاپلاردىن ،  
ياخشىدۇر مەڭگۈ بىر تېرىق قۇناق  

غەپلەت ئىچىگە ،ئاتار ئۆزىنى، 13
قەلبى زۇلمەت ،ھەقنى بىلمەسلەر ،  
«قالپاق»  دىسە ،كىسەر بېشىنى ،  
مەنسەپ ئۈچۈن مىللەت سۆيمەسلەر .  

شەرىئەتكە مەھكەم ئېسىلساڭ. 14
مىللەت ئۈچۈن ئوقتەك ئېتىلساڭ ،  
يىتىملەرگە نۇردەك چېچىلساڭ ،  
بولار سەندىن ئەللەر بەك خۇشال .  

ئەل ئۈچۈن تەر تۆكۈپ ياسىغىن گۈلزار. 15
بېغىڭغا رەڭ قوشۇپ ، سايرىسۇن بۇلبۇل .  
بولساڭ گەر ئەل ئۈچۈن قۇرىماس بۇلاق ،  
ئاللاھدىن رەھمەتلەر ، قىلىسەن قۇبۇل .

نادان ھەر ۋاق يۇمۇپ كۆزىنى.  16
ھەقىقەتتىن بۇلاركەن يىراق ،  
چولتا ئەقىل ، ئالداشلار بىلەن ،  
ياخشى يولىغا قۇراركەن تۇزاق ،

بولساڭ ئەگەر، بۈيۈك ئېجادكار.  17
ھالال ئەجرىڭ قالماس خارلىنىپ ،  
مىللەت ئۈچۈن شام بولغانلارنىڭ ،  
قالمىسا دەيمەن يۈركى يارلىنىپ .  

ئۇيغۇر بىز تارىختا ،قالدى نامىمىز ، 18
ئۇھسۇندۇق بەزىدە قالماي ھالىمىز  
كۈلپەتلەر تۇرسىمۇ ، قەدەمدە ئۇچراپ ،  
ۋەتەنگە شات قۇچۇش ئارمان غايىمىز .

بەزىلەر كۈنلىرى ، ئۆتىدۇ كۈلۈپ ، 19
بەزىلەر كۈرەلمەس،غاجايدۇ سۆكۈپ .  
بەزىلەر تىل دىلى بولغاچ مۇجەسسەم ،  
تۈنلەردە چاقنايدۇ ، نۇرىنى تۆكۈپ .

كېلىمىز ،كېتىمىز  ،ئۆمۈر بەك قىسقا.  20
جاۋاپكار بولىمىز ھەرقانداق ئىشقا ،  
ھەر تىنىق نەپەسنىڭ بۇلار سورىقى ،  
ياز كەلسە ئەگىشىپ بارغاندەك قىشقا .

بىر بۇردا نان ئۈچۈن بەزىلەر قۇلدۇر ، 21
شان مەنسەپ تاج ئۈچۈن بەزىلەر گولدۇر ،  
ھەر ئىسىل ئىنسانلار ، قالدى خارلىنىپ ،  
ئۇلارنى كۆرمەيدۇ ، كۆزلىرى كوردۇر ،« پۇتپول »


بۇ دۇنيا قونالغۇ، ئۆلۈپ كىتەرمىز ، 22
ھەر جاپا راھەتكە كۆنۈپ كىتەرمىز ،  
ئۇسسىغان دىللارغا بەرسەك ئۇسۇزلۇق ،  
كىتەردە دۇنيادىن ، كۈلۈپ كىتەرمىز .  

ئۆزۈڭنى يىراق تۇت نامەرت قېشىدىن،  23
ئالدىنىپ كەتمىگىن ، يالغان يېشىدىن . « كۆز ياش »  
ھالال- پاك تىنىڭگە، كەلمەيدۇ ھوزۇر ،  
سەن ئۈچۈن سۇنۇلغان تەرسىز ئېشىدىن .  

ھاياتلىق ئىنسانغا بىرىلگەن سىناق، 24
ئۇ دۇنيا بىز ئۈچۈن ئەمەستۇر يىراق .  
تۆت كۈنلۈك ئالەمدە قۇياشتەك كۈلۈپ ،  
قاراڭغۇ دىللارغا ، ياقايلى چىراق .  


بىلىملىك ،مەرت بىلەن بولغىن ئۈلپەتداش، 25
جاپا ھەم راھەتتە ، بولغىن قەلىپداش ،  
ئىسىڭدە بولسۇنكى ، بىر تال تېرىقتىن ،  
ھەر يانغا مىدرايدۇ ھەتتا شېغىل تاش .  

زىمىنغا نۇر بىرەر ، شۇ سىرلىق قۇياش ، 26
ئاي -يۇلتۇز ھەمراھى ،يىلتىزى تۇتاش ،  
ۋەتەن دەپ ، مىللەت دەپ سوققان يۈرەكلەر ،  
ھەر يەردە بولسىمۇ ، مىھرى بىر تۇتاش .

كۆڭلۈم مېنىڭ ،شۇنچە پەرىشان.  27
غەملەر بىلەن، ئۆتمەكتە كۈنۈم ،  
يارنى سېغىنىپ ناخشىلار ئېيتسام ،  
مۇڭ تامىدۇ ، قىسىلغاچ ئۈنۈم ،  

ئەجرىمىزدىن نەپ يەتسۇن يۇرت ئەھلىگە.  28
ئىزلار سالسۇن قەدەملەر ،جاھان تەھتىگە .  
يۈرەكتىن - يۈرەككە ، مىھىرلەر بېرىپ .  
قالمايلى ئەللەرنىڭ ، تۈگمەس لەنتىگە ،  

ئۇلاردىن يىراقتۇر ۋىجدان ئار - نۇمۇس ، 29
ئۇلاردىن قەدىرلىك ،تىك ئۆسكەن قۇمۇش ،  
ئۇلارغا يېقىندۇر ، يەپ -ئىچىپ، قۇسۇش ،  
ئۇلاردىن كەلمەيدۇ، مىللەتنى سۆيۈش .  
ئۇ شۇنداق يالاقچى ، بەئەينى ھوقۇش.  

ئالقىشتىن بىزەكتۇر ،ھاياتىنىڭ بېتى.  30
ئەتىگە ئۇل سالسا ،ئىنساننىڭ ئېتى ،  
مىللەتكە تېرىقتەك ،كۈچ قۇشالىساق ،  
ھاياتقا قالمايدۇ ، كۆڭۈلنىڭ دېتى .‹ دات ›  

سامادىن ئايرىلسا ،بەلكى سۇمۇرۇغ. 31
تۈلكىدەك ھىلىگەر بوپ كىتەر بەلكىم .  
ئىنسانغا يارىشا ، ۋىجدان بولمىسا ،  
تۆت پۇتلۇق ھايۋاندەك ، ئۆمىلەر بەلكىم .

نەئۇ ئۈچۈن باتۇردىن داستانلار قالار.  32
نە ئۈچۈن تارىختىن ئۆچمەس ئىز قالار ،  
سەۋەپ شۇ ئىسىلنىڭ نامى ئۆچمىگەچ ،  
مەنسەپتىن ئارتۇقراق ، تۆھپىسى قالار .

يازغىنىڭ كىشىگە ،بەرمىسە ھوزۇر ، 33
بەرىبىر ئەخلەت ئۇ بولسىمۇ پوزۇر .  
يازغىنىڭ يېقىشلىق،بولسا تېتىملىق ،  
دىللاردا ساقلىنىپ ، بولىدۇ كوزۇر ،

مەنبە--- تاڭنۇر « خەيرۇللا قۇربان » بۆرتالا
[ ئەلتېكىنتەرىپىدىن2011-10-05 15:36قايتا تەھرىرلەندى ]

-سىز كۆرۋاتقان تىما 33 كوبلېت شېئىر ( تاڭنۇر),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
ئىمران
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 190

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:ياراملىق ?????????380????
ئۆسۈش: 63.33%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 380
  تۆھپىسى: 42
  پۇلى: 592 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 94
  ياخشى باھا: 462
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 111سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-03-13
  كىرىشى: 2011-10-17
1- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-10-05 18:03

يازغىنىڭ كىشىگە ،بەرمىسە ھوزۇر ،
بەرىبىر ئەخلەت ئۇ بولسىمۇ پوزۇر .  
يازغىنىڭ يېقىشلىق،بولسا تېتىملىق ،  
دىللاردا ساقلىنىپ ، بولىدۇ كوزۇر .


           تاڭنۇر بوزقىرغا قۇرۇق كىرمەيسىز جۇمۇ.

كۆزۇڭنى ئاچ
bozqir
دەرىجە: بىكەت باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 1

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:دائىملىق ?????????166????
ئۆسۈش: 55.33%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 166
  تۆھپىسى: 104
  پۇلى: 1159 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 108
  ياخشى باھا: 259
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 81سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-02-16
  كىرىشى: 2011-10-17
2- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-10-05 19:04

تاڭنۇرغا كۆز تەگمىسۇن....

خەمىت
مەن يەنىلا بۇرۇنقى خەمىت
دەرىجە: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 243

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:رەسمىي ?????????34????
ئۆسۈش: 34%
  نادىر تىما: 2

  يوللانما: 34
  تۆھپىسى: 32
  پۇلى: 25 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 44
  ياخشى باھا: 88
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 5سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-03-24
  كىرىشى: 2011-10-10
3- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-10-09 14:58

33 كوبلىت تىتملىق شئېر ھە !

ئىلتەرىش