http://www.uycnr.com/ylxw/201108/W020110828371492022745.jpgنېگىرىيەدىكى بىر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى داۋالىغۇچى ماسابا 107 خوتۇن ئالغان، ئۇنىڭ بۇ خوتۇنلىرىنىڭ تۇرمۇشى قارىماققا تولىمۇ خوشال خورام كۆرۈنەتتى، بىراق يەرلىك دىنىي دائىرىلەر بۇ ئىشقا ئانچە خوشال ئەمەستەك قىلاتتى.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ماسابانىڭ 1-ئايالى تولىمۇ ساداقەتمەن، كۈيۈمچان بولۇپ، ماسابا 1-ئايالىغا تولىمۇ ئامراق ئىدى. 2-ئايالى ئۇنىڭ يىراق تۇغقىنى بولۇپ، ھەممە ئىشتا ماسابانىڭ گېپىنى ئاڭلايتتى، ماسابا ياخشى كۆرمىگەن ئىشنى پەقەتلا قىلمايدىغان بولۇپ، بۇ ئايالىغىمۇ تولىمۇ ئامراق ئىدى. 3-ئايالىمۇ ئۇنىڭ بارلىق تەلەپلىرىگە ماقۇل بولغاچقا، بۇ ئايالىغىمۇ بەكلا ئامراقتى.4-5-6-ئايالىدىن تارتىپ تاكى 107-ئايالىغىچە ھەممىسى دەل مانا مۇشۇنداق ياخشى ئاياللار ئىدى.
ماسابا نېگىرىيەنىڭ نېگىر شىتاتىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان داۋالىغۇچى بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇنىڭ ئىقتىسادى ياخشىلىنىشقا باشلاپ، بىر قانچە ئايدا بىر قېتىم توي قىلىدىغان بولغان، كېيىن ھەتتا بىر قانچە ھەپتىدە بىر قېتىم توي قىلغان. بۇ يىل 87 ياشقا كىرگەن بۇ داۋالىغۇچى جەمئىي 107 خوتۇن ئالغان، بۇرۇنقى كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمدىكى ئەنئەنىۋى جەمئىيەتتىمۇ بۇ سان ھەقىقەتەنمۇ كۆپ. نېگىرىيە ھۆكۈمىتى ۋە يەرلىك ئىسلام دىنىي دائىرىلىرىمۇ بۇ ئىشقا نارازى بولدى. ماسابا بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالسىلا، چوقۇم ئەمرىگە ئالىدۇ. ماسابانىڭ ھازىر 19 ياشتىن 64 ياشقىچە بولغان 86 ئايالى بار، قالغان 9 ئايالى ئۆلۈپ كەتكەن، 12 سى گەپ ئاڭلىماي ئاجرىشىپ كەتكەن. ماسابا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 21 يىل نورمال تۇرمۇش كەچۈرگەن. كىيىم-كېچەك شىركىتى ۋە قەنتچىلىك شىركىتىدە ئىشلىگەن، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىككىلا ئايالى بار ئىدى. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىشكە باشلىغان. ئۇ ئەينى ۋاقتىدا بۈيۈك ئەلچى گابرىئېلنىڭ زىيارەتكە كەلگىنىنى كۆرگەن. ئۇ قاتتىق ئاغرىغان. كۈنلەپ غىزا يېيەلمىگەن، ئۇخلىيالمىغان، دوختۇرلارنىڭ بەرگەن دورىسى ئۇنىڭ كېسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋەتكەن. ماسابا خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، دورا ئىشلەتمەيدىغان ئەنئەنىۋى داۋالىغۇچى بولغان، ھېلىقى بۈيۈك ئەلچىمۇ ئۇنىڭ توختىماي خوتۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇ: مەن ئالغان ھەر قانداق خوتۇننىڭ ھەممىسى تەڭرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى دېدى.
ماسابانىڭ 185 بالىسى بار بولۇپ،133 پەرزەنتى ھايات. ئەڭ كىچىكى ئاران بىر ئايلىق بولغان. ئۇنىڭ جەمەتىدە 5000 ئائىلە ئەزاسى بار، بۇنىڭ كۆپ قىسمى ئۇنىڭ قورۇسىدا تۇرىدۇ. ماسابانىڭ ئائىلىسىگە بىر كۈندە 3 تاغار گۈرۈچ، زور مىقداردا گۆش ۋە كۆكتات كېتىدۇ. بىراق، كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەنلەر تاپشۇرغان ھەق ئۇنى باي قىلىۋەتكەن. نېگىرىيەدىكى نېگىر شىتاتى مۇسۇلمانلار كۆپ شۇنداقلا ئىسلام دىنى شەرىئىتى يولغا قويۇلغان ئىشتات. 3 يىل بۇرۇن، بۇ شىتاتتىكى ئىسلام دىنى دائىرىلىرى ماسابانىڭ 82 ئايالى بىلەن ئاجرىشىش، قالغان تۆت ئايالىنى ساقلاپ قېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. ماسابا بۇنى رەت قىلغان، شۇڭا شەرىئەت بويىچە ئۇنىڭغا باشقا يەرگە كېتىش بۇيرۇلغان. 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ساقچىلار ماسابانىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنى تۈرمىگە سولىغان، ئۇنىڭ جىنايىتى دەل-ئاياللىرىنىڭ بويسۇنماسلىقىغا رۇخسەت قىلماسلىقى ئىكەن.
ماسابا:تۈرمىدە ئۇلار مەندىن جىنايىتىمنى سورىدى. مەن ساقچىلار مېنى قىلىشقا بۇيرۇغان ئىشىنى قىلمىدىم. شۇڭا ساقچىلار ماڭا ئۆچ دەيدۇ. ماسابا كېپىللىكە قويۇپ بېرىلىشنى رەت قىلدى. تۈرمىدە 22 كۈن ياتتى، بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئاياللىرى نامايىش قىلىپ، ئۇنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ11 ھامىلدار ئايالىمۇ بار ئىدى، ئاخىرىدا، بىر توپ خەلق ھوقۇقى ئادۋۇكاتلىرى ماسابانى قۇتقۇزۇپ، ئۇنى كېپىللىككە ئېلىپ چىقتى. 2008-يىلى 11-ئايدا، پايتەخت ئابۇجادىكى يۇقىرى سوت مەھكىمىسىدە ئادۋۇكات ماسابانىڭ ئاياللىرى ۋە ئاياللىرىنىڭ تۇغقانلىرىنى بىردىن بىردىن سوتتا گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ماسابا بىلەن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئىسپاتلىغان، 57-ئايالى سوتتا ئىسپات بەرمەكچى بولغاندا، سوت ئادۋۇكاتنىڭ توختىشىنى تەلەپ قىلىپ، ماسابانى قويۇپ بەرگەن.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى