ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 675 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: «سېلىم بوۋام»نى كۆرۈپ كەلدىم
دوستلىشىش
ۋاپادارىم912
جىم تۇرما يۈرەك
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 36
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 221
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە221دانە
تۆھپىسى: 155
پۇلى: 903 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 211
ياخشى باھا: 482
توردا: 44(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-20
ئاخىرقى: 2012-05-27
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-06 00:51

«سېلىم بوۋام»نى كۆرۈپ كەلدىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  قەدىردان ئۇيغۇر تۇغقانلار ،1-چىسىلادىن باشلاپ شەھرى قارامايدا 4 ساياھەت قىلىپ ئويناپ كەلگەن ،مۇشۇ جەرياندا "كونا خۇي"بويىچە  كۆرگەن يەرلەرنى رەسىمگە ئېلىپ قويغان ،تورغا بىر نېمە يازىمەن دەپ  ،بۈگۈن ياراتقان  ئىگىسى مۇشۇ رەسىملەرنى تورغا يوللاشقا نىسىپ ئەيلەپتۇ ،ئەمىسە رەسىملەر بىلەن يانداش بايانغا مەرھەمەت ئەيلەڭلار ،كۆرگەنلەر بىز بارغان يەرلەركەنا دەپ ئەسلەپ ئۆتەرسىلەر ، كۆرمىگەنلەر ۋە قاراماي شەھرىگە بېرىش  پىلانى بارلار ھە مۇشۇنداق يەرلەرگە بارىدىكەنمىز دەپ بىر پىلان سوقارسىلەر ،قېنى مەرھەمەت :


شىمالىي يۇرتتا  غۇلجا شەھرىدىن باشقا يەرلەردە شەھەر ئىچىدىن  مىللىي پۇراق ئىزدەپ يۈرمىگەچكە،قاراماي شەھىرى  ئىچىدىكى ئۆزى گۈزەل ھەشەمەت ،لىكىن سوغ بىنا سەلتەنەتلەرنى رەسىمگە تارتىپ يۈرمىدىم ھېسىياتنى ئىسراپ قىلىپ  ،مۇنۇسى كونا قاراماي دېگەن يەر ئىكەن .


ساياھەت رايونىنىڭ ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشلىرى بولسىلا رەسىمگە تارتىۋالدىم ،ئۇيغۇرچىنى بىلىدىغانلار ئوقۇۋالسۇن دەپ ،ئۇيغۇرچە خەتنى  ئوقۇۋىلىڭلار ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ-
ئوقۇتماي بالىلارنى مەكتەپتە ھەجەپ خوپ ياخشى چوڭ قىلدۇق ،
ئېسىت ئاخىر بۇ بالىلار يېرىم ناننى تاپالغايمۇ ؟ دەپ شئېرنى بولىدىغان،ناۋاچەندە يېنىڭلاردا بىللە تورغا چىققان  "سىيىت نوچى"ئۇڭا سىڭىللىرىڭلار بولسا  بولسا خېتىنى ئوقۇپ بېرىڭلار ،ھازىر مەكتەپتە ئوقۇپمۇ خېتنى ئوقالمايدۇ ئەمەسمۇ بۇ  كىچىكلەر  !



مانا بۇ كونا قاراماي مەنزىرىگاھىنىڭ ساياھەت رەسىم سىخمىسى



تاشقا ئويۇلغان بۇ خەتلەر كۆزۈمگە شۇنچە ئىللىق  كۆرۈنۈپ كەتتى .



نېفىت دېگەن نېمىنى بۈگۈن تۇنجى كۆرۈشۈم ،كىچىك چاغلاردا قارا موم چايلاپ كېتەتتۇق ،قارا مومغا ئازراق ئاق سېغىز (پو پو تاڭ )دېگەن نېمىنى قېتىپ چاينىساق قاپقارا سېغىز سەل ئاق رەڭگە كىرەتتى ،بۇ يەردىكى تونۇش پۇراقلاردىن ئەنە شۇ بالا چاغلاردا چاينىغان قارا موم ئسىمگە كېلىپ قالدى ....


بۇلــــــــــــــــــــــدۇق ،بۇلـــــــــــــــــــــــــــــــــدۇق ،بۇلــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــدۇق ........ مۇشۇ بۇلدۇقلارغا قاراپ تىنىچ ئولتۇرۇپ خىيال سۈرسە بەك پەيزىكەن جۇمۇ ،شائىر بالىلار بارساڭلار شئېر يېزىۋىتىسىلەر ئەمما !



يەر تەكتىدىن ئاستا ئاستا بۇلدۇق ئېتىپ  چىققان نېفىتكە قاراپ تولۇقسىز ۋاقىتلاردا ئوقۇتقۇچى ئاپامنىڭ بىزگە سىتىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى چۈشەندۈرۈپ؛باللىرىم ، ئېتىزغا پاختا تەرگىلى چىقساڭلار ،ھەي بىزنى تېرىۋال ،مېنى تىرىۋال دەپ ئاپئاق پاختىلار سىلەرنى چاقىرىدۇ ،قارامايدىمۇ نېفىت ئۇزۇن يىل يەر ئاستىدا يېتىپ ئىچى پۇشۇپ ،ئۇنى قازمىغان ئادەملەردىن ئىچى تىتىلداپ ،ھەي ئادەملەر ،مەن نېفىت بولىمەن ،مېنى قېزىڭلار دەپ  يەرگە ئۆزى بۇلدۇقلاپ ئېتىلىپ چىقىپتىكەن ....دېگەن گەپلىرى ئېسىمگە كەلدى ،بۇ كونا قاراماي دېگەن ئابىدە يەردە نېفىت مانا شۇنداق ئۆزى ئېتىلىپ چىقىدىكەن ،دوستۇمنىڭ دېيىشىچە بۇ كىچىك تۆپىلىكمۇ مۇشۇ بۇلدۇقلاپ چىققان نىفىتلارنىڭ تىنىشىدىن ھاسىل بولغان ئىكەن ....



ئىلى دەرياسى كۆۋرۈكىدىن تۇنجى ئۆتكۈنۈمدە ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى توۋلاپ ھاياجاندا ئۆتكەن ئىدىم ،تۇرپاندائابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قەبرىسىنى  كۆرگەندە ،ئاقسۇدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ قەبرىسىدە ،ئاتۇشقا مەمتىلى تەۋپىق قەبرىسىدە يىغلىۋەتكەن ئىدىم ،مانا بۈگۈن قارامايدا ،سېلىم بوۋاينىڭ مۇشۇ ھەيكىلى ئالدىدا پەخىرلىنىش ھېسىياتىدا ئۇنىڭغا دۇئالار قىلدىم ،بىر سۆيۈملۈك بوۋاي ،بىر قەدىردان ئۇيغۇر !
(سېلىم بوۋاينىڭ تەپسىلاتىغا قىززىقۇچىلاردا توردىن مۇنۇ ماتىرىيالنى تاپتىم :
قاراماي 18-ئەسىردىن ئىلگىرى ئادەمزاتسىز چۆللۈك بۇلۇپ،كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلالمىغان.19-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە قاراماي ھەققىدە ئانچە-مۇنچە خاتىرىلەرقالدۇرۇلغان.مەسىلەن:‹‹ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يازما ھۆججەتلەر ھەققىدە ئومۇمىي تەھسىل ›› دە ‹‹ قارامايدا ( قارا مايتاغ دەپ ئاتالغان ) ماي بۇلاقلار بەك كۆپ.بۇنىڭ ئىچىدە تاغ چوققىسىدىكى بۇلاق ئەڭ چوڭ،ھەر كۈنى 200 جىڭدىن كۆپ ماي ئالغىلى بۇلىدۇ ›› دەپ خاتىرلەنگەن.‹‹ شىنجاڭنىڭ ساياھەت خاتىرىسى ›› دىگەن كىتاپتا: ‹‹ چۆچەكتە نىفىتلىك بار.نىفىت چىقىدىغان جاي ئۇنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى يېزىدا.چوڭى كۆكتاش،كىچىكى قارامايتاغ دەپ ئاتىلىدۇ.دىخۇا بىلەن ئارلىقى 680 چاقىرىم كىلىدۇ.ھازىرغىچە بايقالغان ماي بۇلاقلار بەك كۆپ…شەخسىيلەر پايدىلىنىدۇ.ماينىڭ سۈپىتى ياخشى بۇلۇپ قۇيۇق ھەم قارا ›› دەپ يېزىلغان.يۇقارقى تارىخى بايانلاردا قارامايدىن ماي چىقىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ،ئەمما ماينىڭ كىم تەرىپىدىن قانداق ئېلىنغانلىقىدەك مۇھىم مەزمۇن خاتىرلەنمىگەن،مەن تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى كۆز-قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتەيقاراماي دىگەن بۇ نام بۇ جاينى تۇنجى قېتىم تاپقان ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلانغان كىشى-سېلىم بوۋاي تەرىپىدىن قۇيۇلغان.سېلىم بوۋاينىڭ قاچان قايەردە تۇغۇلۇپ،قاچان قايەردە ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە ئىنىق ماتىريال يوق.ئېيتىشلارغا قارىغاندا،ئۇ قارامايغا بېرىشتىن ئىلگىرى شىخونىڭ چېپەيزە دىگەن يېرىدىكى ئەشمەت ئىسىملىك بىر چارۋىچىنىڭ ئۆيىدە بىر مەزگىل ئىشلىگەن ئىكەن.بىر قېتىم ئەشمەت مال باققىلى چىققاندا قاتتىق بوران چىقىپ كىتىپ قايتىپ كېلەلمىگەن.سېلىم ئۇنى ئىزلەش جەريانىدا ھازىرقى كونا قارامايدىكى تاغ ئۈستىدىن بۇلدۇقلاپ ماي چىقىپ تۇرغان بۇلاقنى ئۇچۇرتىپ قالغان.شۇ چاغلاردا ئۇ تىرىكچىلىك قىلىشنىڭ يولىنى ئىزلەپ يۈرگەنلىكى ھەم ئەشمەتنىڭ ئۆيىدە بىكار يېتىپ يۈرۈشنى ئۆزىگە لايىق كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن،شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ جاينى ماكان تۇتۇپ ياشاپ ئالەمدىن ئۆتكەن.بۇ 1911-يىللارنىڭ ئالدى-كەينى بولغاچقا،ئۇ چاغلاردا شىنجاڭدا تېخى ئىلىكتىر چىراقلار يوق ئىدى.شۇڭلاشقا سېلىم بوۋاي ماي بۇلاقتىكى ماينى يەرلىك ئۇسۇلدا چەككىلەپ ئەتىراپتىكى يېزا-قىشلاقلارغا ئاپىرىپ سېتىش بىلەن جان باققان.كىشىلەر ئۇنىڭدىن ‹‹ سەن نەلىك؟ ›› دەپ سورىسا ئۇ: ‹‹ ماي بۇلاقلىق ›› ( يەر يېغى چىقىدىغان يەردىن) دەپ جاۋاپ بەرگەن.كېيىنچە ئۇ بۇنىڭغا قانائەتلەنمەي يەر يېغى قارا بولغاچقا ھەم ماي بۇلاقلار جايلاشقان تاغلار قارا بولغاچقا ئۆزىنى ‹‹ قارا مايلىق ›› دەپ ئاتايدىغان بولغان (بۇ جاي ھېلىمۇ كونا قاراماي دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە).سېلىم بوۋاي ئۇستا قوشاقچى ۋە سازەندە بۇلۇپ،ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىشلىرى ھەققىدە       
   نەلىكسەن دىگەنلەرگە،    
    قارامايلىق دەپ كەتتىم   
    ئېشەكلىك ئۈچ كۈن مېڭىپ           
     شىخۇغا ئاران يەتتىم
دەپ قوشاق تۇقۇغان.سېلىم بوۋاينىڭ تىۋىپلىقتىنمۇ خەۋىرى بۇلۇپ،ئۆز كېسىلىنى ئۆزى كۆرگەن.شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئۆمىرى جاپادا ئۆتكەن بولسىمۇ،70 ياشتىن ئاشقاندا ئالەمدىن ئۆتكەن.
سېلىم بوۋاينىڭ ماي بۇلاق (قاراماي) دىكى ھاياتى 1911-يىلدىن 1957-يىلغىچە داۋاملاشقان بۇلۇپ، ئۇ بۇ ئۇزاق جەرياندا ماي بۇلاق ئەتىراپىنى كېزىپ نۇرغۇنلىغان ماي بۇلاقلارنى بايقىغان تۇنجى ئىگلىك ياراتقۇچى.ئۇ ئازادلىقتىن كېيىن جۇڭگۇ نىفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئومكىگە يولباشچى بۇلۇپ قاراماي نىفىتلىكىنىڭ ئېچىلىشىغا زور تۆھپە قوشقان.
   
ماكانىمدۇر ماي بۇلاق،      نەلىكسەن دىگەنلەرگە،      ئوت-چۆپى بار بۇ يەرنىڭ،
جەرەن بۇلاق،ئاق بۇلاق.   قارامايلىق دەپ قويدۇم.     سۈيى يوكەن بۇ يەرنىڭ.
توھمەت،ئالۋاڭ-ياساقتىن،   تاپسام يېڭى ماي بۇلاق،    قاراماي دەپ ئات قويدۇم،
باغرى تازا ساق بۇلاق.      دۇرۇت ئوقۇپ ئات قويدۇم.   مېيى باركەن بۇ يەرنىڭ.

  ‹‹ سېلىم بوۋاي قوشاقلىرى ››
 
مەنبە:شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 
،ماكانىم مۇنبىرى )
ئەمدى قاراماي شەھەر ئىچىدىكى شاقىراتمىنىڭ مەنزىرىسىدىن ئۈچ ۋاراق :



ئۇنى دەيمىز بۇنى دەيمىز بۇ قۇرۇلۇش تولىمۇ بەلەن ئىكەن ،بولۇپمۇ سالقىنلىقى ...



يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرى بۇ يەر ساياھەتچىلەرنىڭ ۋە شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللاش ئورنى ئىكەن ،بۇژغۇنلىغان سۇلار يېنىدا ئاۋۇ ئاسما كۆۋرۈكتىن ئۆتسە تولىمۇ سالقىنداپ قالىدىكەن كىشى ...


كۈندۈزلۈك مەنزىرىسىنى كۆرۈپ گەپلىرىمگە ئىشەنمەي قالمىسۇن دەپ چىراغلىق كەچلىك مەنزىرىسىنىمۇ رەسىمگە تارتىۋالدىم ..ھەقىقەتەن پەيزىكەن ..
شۇنداق قىلىپ قاراماي شەھەر ئىچىدە ئويناپ بولغاندىن كىيىن 100 كىلومىتىر يىراقتىكى شەيتانكەرش تامان يۈرۈپ كەتتۇق .


قارامايدىن چىقىپ شەيتانكەرشتە ماڭغان يولدا كۆز يەتكۈسىز دالىدا ،دۆڭلۈك تاغلاردا سانسىزلىغان  بۇرغۇلاش ماشىنىلىرىنى كۆردۈق ،ساناپ بېقىۋىدۇق ،ئېزىپ كەتتۇق ....
 

شەيتانكەرشكە ماڭار يولدا قەھرىمان قۇدۇق دەپ نام بېرىلگەن 193-نېفىت بۇرغىلاش قۇدۇقىنى كۆزدىن كەچۈردۇق .



قەھرىمان قۇدۇقنىڭ تەرجىمھالى بۇ يەردە قېنى ئالدىرماي ئوقۇيلى بۇرادەرلەر ....



شەيتانكەرشنىڭ بايانىنى مۇنۇ قۇرلاردىن كۆرۈڭ



تەبىئەتنىڭ بۇ مۆجىزىلىرى كىشىنى ھاڭ تاڭ قالدۇرىدۇ ،مۇنۇ رەسىمدىن شىر تەنلىك ئادەم يۈزلۈك تۆپىلىكنى تېپىپ بېقىڭ ؟


بىر سائەتلىك سەپەر ئىچىدە ساياھەت  ماشىنىسى 4-5 يەردە توختاپ ساياھەتچىلەرگە نۇقتلىق مەنزىرىگاھلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ،ساياھەتچىلەرمۇ بەس بەستە تۆگىگە مىنىپ ،قىلىچلارنى تۇتۇپ رەسىملەرگە چۈشتى ۋە قۇملۇق موتوسىكىلىتىنى ھەيدەشتى .
يۇقاردىكى رەسىمنى يېتەكچى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ؛جۇرۇنفا،پۇرۇنفا دەمدۇ 3-4فىلىمنى كۆرۈنۈشكە ئالغان يەر دەپ كۆرسەتتى ،مەن ئۇنى بىلمىگەندىن كىيىن ئۆزۈم ئۇياق بۇياقلارغا قاراپ ھەر خىل ھايۋانلارغا ئوخشايدىغان توپا دۆۋىلىرىنى رەسىمگە تارتتىم ....



شەيتانكەرش باغچىسىدىن چىقىپ قايتار يولىمىزدا ئورقۇ بازىرىدا مۇنۇ دىنىزاۋور باغچىسىغا كىرىپ  2-3 رەسىمگە تارتتىم ؛



بۇ باغچىغا كىچىك بالىلارنى بىر ئېلىپ بارسا بولغۇدەك ،ئۇنىڭ ئىچىدە ھەر خىل دىنىزاۋور ھەيكىلى بولغاندىن سىرىت يەنە كىچىك كۆل ئۈستىدە ھەر خىل تەنھەركەت ئۈسكۈنىلىرى بولۇپ خەنزۇچە جېجىياڭ قانىلىدىكى "ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش "تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئىچىدىكى بىر قانچە تۈر بار ئىكەن ....


مۇنۇ رەسىمگە قاراپ سۇنىڭ قانچىلىك تېز  ئېقىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلالىدىڭىزمۇ ؟ناۋادا رەسىمگە قاراپ پەرەز قىلالمىغان بولسىڭىز ،سىز ئۈچۈن ئايرىم تەييارلىغان سىن نۇسخىسىنى بىر كۆرۈپ قويۇڭ .
مەن تېز ئاققان بۇ سۇغا قاراپ  "ئاققان سۇدەك ئۆتكەن ۋاقىت "دېگەن،سۇدەك ئۆتكەن ھايات مۇساپىسى دېگەننىڭ نېمىلىكىنى بىلگەندەك بولدۇم .....
ئاققان سۇدەك ئۆتۈپ كەتكەن ھايات -توغرا ،ۋاقىت ھەقىقەتەن تېز ئۆتمەكتە ،مانا ھەش-پەش دېگۈچە 2011-يىلىمۇ ئاخىرقى پەسىلگە كىردى ،ھەممىمىز ۋاقىتنى قەدىرلەپ ،ھەر بىر كۈنىمىزنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ ئۆزىمىزگە يۈز كېلىپ ياشايلى ،چەكلىك ۋاقىتتىن ئوبدان پايدىلىنىپ ھاياتىمىزنىڭ ھەر قايسى پەسىللىرىنى رەڭدار مەنالارغا تولدۇرۇشقا تىرىشايلى ........

چېكىنىش- ۋاز كېچىش ئەمەس !
دوستلىشىش
ئەلتېكىن
ھەممىگە توۋا ...
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 49
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 382
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە382دانە
تۆھپىسى: 56
پۇلى: 498 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 105
ياخشى باھا: 493
توردا: 142(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-25
ئاخىرقى: 2012-10-23
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-06 23:52

     سەپەر قىلىش كۆپ كىشىگە نېسىپ بولىدۇ، ئەمما سەپەردىن ئويغا چۆمۈش، تەپەككۇر قىلىش ۋە تەسىراتلارغا ئىگە بولۇش ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن قىسقىچە خۇلاسە چىقىرىش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىۋەرمەيدۇ ياكى كېلىنمەيدۇ.
    ۋاپادارىمنىڭ ئىسىل سۈرەتلىرىدىن ھوزۇرلانغاچ ھەر خىل ئويلاغا چۆككىنىمدىن خۇشال ، ۋەپادارىمدىن خۇرسەن بولدۇم.
    قاراماي، بېرىشنى ئارزۇ قىلىپ تۇرىۋاتقان شەھەر. ئامانچىلىق بولسا نېسىپ بولا !
قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس._ ئەلتېكىن

بارلىق مۇناسىۋەتلەر ماددىنى چۆرىدەپ قۇرۇلغان ئىكەن...
سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 995
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە995دانە
تۆھپىسى: 136
پۇلى: 1271 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 279
ياخشى باھا: 1271
توردا: 123(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-11-04
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-07 00:11

چىڭگىزخان دەپمۇ تاغ بارمىكەن ؟ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن
دوستلىشىش
مەھلىيا
ئائىلەمنى سۆيمەن!!!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 24
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 166
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە166دانە
تۆھپىسى: 9
پۇلى: 185 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 18
ياخشى باھا: 185
توردا: 87(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-18
ئاخىرقى: 2012-10-23
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-07 12:19

ئەسىرىڭىزدىكى ئۆزى گۇزەل ھەشەمەت،سوغۇق بىنا سەلتەنەت دېگەن سۆزلەرنى ياقتۇردۇم.....
شەيتانكەرەشكە كەچتە چىقسا تولمۇ قورقۇنۇچلۇق جۇمۇ؟؟؟
سېلىم بوۋاي ھەيكىلى، مايبۇلاق تولمۇ سۆيۈملۇك جايلار .....
دوستلىشىش
مەھلىيا
ئائىلەمنى سۆيمەن!!!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 24
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 166
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە166دانە
تۆھپىسى: 9
پۇلى: 185 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 18
ياخشى باھا: 185
توردا: 87(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-18
ئاخىرقى: 2012-10-23
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-07 12:23

مەخسۇس بۇرغۇلاش ماشنسنى ئوڭشايدىغان ئىنمنىڭ دېيشچە قارمايدىكى بۇرغۇلاش ماشنلىرى كىشى بېشغا بىردىن توغرا كېلەرمىش.........
دوستلىشىش
چۆل~ئوغلى
مۆھتىرەم ئۇستاز
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 539
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 213
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە213دانە
تۆھپىسى: 99
پۇلى: 414 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 201
ياخشى باھا: 414
توردا: 91(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-18
ئاخىرقى: 2012-11-07
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-08 09:56

    جوڭغار ئويمانلىقىدىكى مەرۋايىت شەھەر _دەپ نام ئالغان بۇ شەھەرگە بېرىپ تۇرىمەن ، ئامما نىمىشكىدۇ ھەر بارغىنىمدا يۈرىگىمنى بىرى تارىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بوپ قالىمەن ، ساراڭ بوپ قالدىممىكى- يا ....
دوستلىشىش
مېھرىگىياھ
ئىنسانلار ئۇرۇق-تۇغقان، ئۇيغۇرلار بىر تۇغقان.
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 19
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 4
ئومۇمىي يازما: 300
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە300دانە
تۆھپىسى: 56
پۇلى: 566 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 72
ياخشى باھا: 376
توردا: 98(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-18
ئاخىرقى: 2012-08-26
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-08 11:37

شەھەر ئاتلاپ، خىش كۆرسىمۇ ھېسىيات دولقۇنلايدىغان باللاغا ھەۋەس قىلىپ ئۆتىدىغان بولدۇم جۇما  
دوستلىشىش
ئۈمىديار
ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 646
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە646دانە
تۆھپىسى: 114
پۇلى: 994 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 174
ياخشى باھا: 890
توردا: 321(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-11-01
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-11 00:25

بۇ قىتىم جەنۇپقا بېرىپ قۇرۇق قول قايتىپ كەلگىنمدىن خىجىللىق ھېىس قىلۋاتىمەن.
ئىچىمدىكى دەرتلەرنى ناخشام بىلەن تۈگەتتىم .