ئىككى تورداش چ چ دا قاتتىق ئېلىشتى ناملىق ئەڭ يېڭى ئاڭلىتىش.
مېھرىگىياھ: مېنى تونۇدۇڭما؟
تاڭنۇر: سىز كىم؟ ئەھەتجانما؟
م: نەچچە كۈن ئاۋال مۇڭداشقان، ئۇنتۇپ قالدىڭما؟
ت: تونۇيالمىدىم.
م: مەن مېھرىگىياھ.
ت: ھە ئەمدى تونۇدۇم.
م: شېئىرىڭنى داۋاملاشتۇرمامسەن؟
م: قانداق شائىر سەن، ئۆزەڭ تونۇمايدىغان باللانى ئوخشىتىدىغان. مۇنبەردىكىلەرنى بىلمەي تۇرۇپ، تېخى مۇنبەرگە ئاتاپ شېئىر يېزىپسەن.
ت: مۇنبەرنى ئوبدان بىلىمەن. يۇرتۇغنى سەن دەپ ئويلاپتىمەن شۇ.
ت: مەن شائىر ئەمەس. شېئىر يېزىشقا قىزىقىمەن. شائىر بولغۇممۇ يوق.
م: سەن شائىر بولالمىغۇدەكسەن. قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق دەپ، بولغۇم يوق دەيسەن تېخى.
ت: قانداق دەيسەن؟
م: سەندە ئەركەكلەرچە خۇسۇسىيەت كامكەن. بىر ئەركەك يەنە بىر ئەركەكنىڭ كۈلكىسىگە، قامىتىگە، كىيىم-كىچىكىگە سەپسالغان نەدە بار؟ ئوغۇلبالا چۈشىدىمۇ ھۆر-پەرىلەرنى قوغلاپ چۈشەيدۇ. سەندە چۇقۇم ئەرلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ھورمۇن ئاز.
ت: خاپا بولما. سېنى خاتا ئوخشىتىپ قاپتىمەن.
ت: بوزقىرنى مىسرانىمغا ئوخشىتىپ ساپتىمەن.
م: خاپا بولغۇنۇم يوق. ساڭا ئەپسۇسلاندىم.
ت: بىرىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يازغانتىم ئۇ تېمىنى.
م: بىرى ياز دېسە بىلمەي ماختاۋەرسەڭ، كەلگۈسىدە ئوردا شائىرى بولغۇدەكسەن.
ت: بولدى ئۆچۈرىۋىتەي. چاخچاقتىن جاقجاق چىقمىسۇن يانا.
م: ۋۇ گەپ چۈشەنمەيدىغان ھاپتۇۋايماش. سېنىڭ گېپىڭ ماڭا ئېغىر كىلەرمۇ؟ مۇنبەردە ئەڭ يىقىنلىرىممۇ مېنى قاتتىق ئەيىپلىگەن.
ت: خاتالىقنى تۈزەتكەن يولداش ياخشى يولداش. خاتالىقنى قايتا سادىر قىلمىغان يولداش تېخىمۇ ياخشى يولداش.
م: سېنى ئەيىپلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، سېنىڭ باشقىلار ھاۋالە قىلسا يازىدىغان خۇيۇڭ باركەن. يەنە كىلىپ، ماڭا قارىتىپ يازغىنىڭدا ئەركەككە ماس بولمىغان تەبىئىيىتىڭ بىلىنىپ قاپتۇ. گەپنى چۈشەندىڭمۇ؟ ئوغۇلبالا دېگەن ئەركەكلەرنىڭ روھىي دۇنياسى ۋە ئىدىيىسىگە سەپسالىدۇ، قىزلارنىڭ سىرىتقى قىياپىتى ۋە چىرايىغا سەپسالىدۇ(كۈلگەن چىراي).
ت: سەن بىرەر تېماڭنىڭ ئادرىسىنى ئەۋەتە مەن ئوقۇپ باقاي.
م: قايسىسىنى ئەۋەتىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن. پەلسەپەگە، لوگىكىغا، سىياسىغا ئائىتلاردىن قايسىنى ئوقۇيسەن؟(رەسىم)
ت: ئۆزەڭ ياخشى دەپ قارىغاننى ئەۋەتمەمسەن.
م: مەنچە سەن تېمامنى چۈشەنمەيسەن.
م:ھازىرغىچە تېمامنى ئوقۇمىغان بولساڭ تېمامدىكى مەزمۇنغا يا قىزىقمايسەن.
ياخشىسى بوزقىردىكىلەردىن سورا. ئەگەر تېمامغا قارشى پىكىردە بىرەر تېما يازالىساڭ سېنى پىز تۇتىمەن.(چىراي)
ت: تېمىنى ئۆچۈردۈم.
م: نېمىشقا؟
ت: مەن باشقىلارغا ياخشىلىق قلىلىشقا ئامراق. تېمىنىمۇ شۇ مەقسەتتە يازغان. سېنىڭ گەپلىرىڭدىن چىدىمىغانلىقىڭ چىقىپ تۇرىدۇ. بەك گۇمانخور ئىكەنسەن.
م: ئاشۇ قاملاشمىغان مىسرالىرىڭغىما؟ (بولقا) چچ دا ئۇرغۇلۇق گەپ قىلىمەن. لېكىن سېنى كۆتۈرىدۇ دەپ ئويلايمەن.
م: ئەمدى راست گەپ قىلىۋاتىسەن ھە.(كۈلگەن چىراي)
م: ئۆز قارىشىڭدا تۇرالماي، خاپا بولما دەپ سۆزلەۋەردىڭ. بۇرۇنلا شۇندا دېمەمسەن: يازسام نېمە كارىڭ؟ سەن چىدىماسما؟ گۇمانخورما دەپ؟
ت: سەن پاكىتنى بۇرمىلاشقا ئۇستىكەنسەن.
م: ھە، ماندا دېمەمسەن. مەن دەيدىغاننى دەپ بولدۇم. ئەمدى دەۋەر. ئوغۇلغۇ سەن؟ مېنى جايىدا كەلتۈرۈپ ئەيىپلىسەڭ سېنى تاماققا تەكلىپ قىلىمەن.
ت: مەن بىر تويغا ماڭماقچى. سۈرەتكە ئالىمەن.
ت: بۇدا تويغا بارساڭ داستىخانغا كىر، قازان بېشىدا يېسەڭ گىلىڭغا تۇرۇپ قېلىپ ئۆلۈپ قالساڭ، دوراڭمۇ كار قىلمايدۇ.
م: بوزقىر سۇۋۇپ قالدى. بىرەر تېمىنى بەلگىلەپ، ئىككىمىز تازا دېيىشىپ باقمامدۇق.
ت: چاخچاق كۆتۈرگەن بولساڭ چچ دا چىچاڭشىپ كەتمەيتىڭ، ئەپسۇس.
م: گەپ چۈشەنمەيدىغان.
ت:تېمىنى ئۆچۈرىۋەتتىم.
ت: بىر ئادەمنى چىچاڭشىتىش بەدىلىگە شېئىرىمنىڭ تۇرىشىنى خالىمايمەن.
م: ،مەن ئادەتتىكى توردىشىڭ ئەمەس. گەپنىڭ خىلىنى تېپىپ كەلگەندە قىل ماڭا.
ت: كاتتا ئەرباب بولساڭمۇ ھەممىمىز بىر بەندە ئەمەسمۇ.
م: ئەجەپ پۇچەك گەپ قىلىدىكەنسەن. سېنى چچ دا تەربىلەپ بولالمىغۇدەكمەن. كەينىمدە بىرەر ئاي يۈرە، ھەقسىز تەلىم بېرەي.
ت:سەۋزە قەلەمگە ماڭدىم. پولو ئالغاچ كىلەيما؟ ھەقسىز يەپ تويۇۋال.
م: يانا شۇ گەپ. ھەي، دىخان سەندىن ئوبدان ئوخشىتىدۇ. ئىسىت سېنىڭ ئوقۇغىنىڭ.
ت؛ مەن باشلانغۇچنى ئاران تۈگەتكەن.
م: مەنىلىك، ئېغىر، يىغىنچاق سۆزلەشنى ئۆگەن ماۋۇ 21-ئەسىردە. (بولقا) چۈشىنىش ئىقتىدارىڭنى ئاشۇر.
ت: خوش(رەسىم)
م:مە تاۋۇز يەپ ماڭ(رەسىم)
بەزى گەپلەر ئۇنتۇلدى.