تىرناقنى ئۇزۇن ئۆستۈرىدىغان قىزلارغا
ئارقاڭدىن قاراپ خالىدەم، ساچىڭغا كۆيدۇم،
ئالدىڭدىن قاراپ خالىدەم، قاشىڭغا كۆيدۇم.
..........
ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى
پاكىزلىق،پاكلىق بىزنىڭ گۈزەل ئەنئەنىلىرىمىزدىندۇر. بىزدە،ئەنئەنىمىزدە تىرناق توغرىلىق كۆپلىگەن بايانلار بۇلۇپ، تىرناق ئاستىغا كىر يىغىلىپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن،مەينەت بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى پات- پات ئېلىپ تۇرۇش توغرىلىق ئەجداتلىرىمىز، ئۇلۇغلىرىمىز ئالاھىدە خاتىرىلەرنى ۋە يازمىلارنى قالدۇرغان. بۇلۇپمۇ قىز -چوكان،ئاياللارنىڭ تىرنىقىنىڭ ئۈسۈپ كېتىشى توغرىلىق تەلەپ تېخىمۇ قاتتىق بۇلۇپ، تىرناقنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈشكە،تىرناققا قالايمىغان نەرسىلەرنى سۈرۈشكە چەك قۇيۇلغان. بىزدە «باشقىلارغا قارىتىپ تىرناق ئالسا يامان بولىدۇ»،«تاماق يىگەندە تىرناق ئالسا يامان بولىدۇ»،«تىرناقنى ئۇزۇن ئۆستۈرسە يامان بولىدۇ » قاتارلىق «يامان بولىدۇ»لار بار، بۇ يامان بولىدۇلارنى ھازىرقى ئىلمى ئۇسۇل بىلەن چۈشەندۈرگەندىمۇ ئۇنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىلمى ئاساسى بار ئىكەنلىكى ھىس قىلالايمىز ۋە بىلەلەيمىز.تىرناق شۇ دەرىجىدە مەينەتكى،بىر جانۋار ئۈلۈپ قالاي دىگەن چاغدىمۇ،ھازىر بۇغۇزلىۋەتمىسە ھارام بۇلۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى زور بولغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، بۇغۇزلايدىغانغا قەتئى پىچاق تاپالمىغاندا،ئۇنى قىرلىق تاش بىلەن بۇغۇزلاش تەلەپ قىلىنغانكى،ھەرگىزمۇ تىرناق بىلەن بۇغۇزلاش دۇرۇس بولمايدۇ، مەسىلەن ئالايلۇق، تاماق يىگەندە تىرناق ئالسا، تىرناق ئۇچۇپ بېرىپ، باشقىلارنىڭ تاماق قاچىسىغا چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن، شۇنداقلا،بۇ خىل يامان قىلمىش باشقىلارغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك، دەستۇرخانغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك. شۇنداقلا،تىرناقنى ئۇزۇن ئۆستۈرگەندە ئۇنىڭ ئاستىغا كىر يىغىلىپ قېلىپ،كىسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئىش-ھەركەتتە قولايسىزلىقنى ئېلىپ كېلىدۇ،خېمىر يۇغۇرسا،كۆكتات توغرىسا تاقىشىدۇ. شۇنداقلارنىڭ يۇغۇرغان خېمىردا، ئەتكەن تاماقتا چۇقۇم تىرناق ئاستىدىكى كىرلەرنىڭ قالدۇقى قالىدۇ، بۇنداق كىر ئارىلاش تاماقنى يىگەن كىشىنىڭ ئەقلىمۇ بۇلغۇنىدۇ، بىزدە، تىرناقنى ئېلىپ تۇرۇش،قولتۇق تۈكىنى ئېلىپ تۇرۇش، چىشنى چوتكىلاپ تۇرۇش،سۈننەت تۈكلىرىنى ئېلىش توغرىلىق تەلەپ قاتتىق بۇلۇپ،پۇت،قول،ئېغىز،ئالدى-كەينى پىشاپنىڭ پاكىزلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن پاكىزلىق ئۆلچەملىرى ۋە تەلەپلەر قۇيۇلغان. ئاياللارنىڭ قولتۇق،پۇت،ئۇيات ئەزالىرىنىڭ پاكىز بۇلۇشى ئۈچۈن،خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشكە تەۋسىيە قىلىنغان.شۇنىڭغا بىزدە« ئاپاڭنى داداڭغا پەردازسىز كۆرسەتمە» دىگەن گەپمۇ بار بۇلۇپ، بۇ گەپ، ئاياللارنىڭ رەتلىك،پاكىز،يارىشىملىق، خۇشبۇي ھالدا ھالال ھەمراھىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش،ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىنى ساقلاش ۋە بىر كىشىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئايالنىڭ مېھرىبانلىقى ۋە ئىشچان،ئۇزلىقىنى نامايەن قىلىشتىن ئىبارەت بۇلۇپ،ئائىلىنىڭ خۇشاللىقى،ئىناقلىقى، ئازادىلىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىناق جەميەت بەرپا قىلىشىغا بولغان رولى ئالاھىدە چوڭ.چۈنكى، ئائىلە ئىناق بولماي، ئىناق مەھەللە،ئىناق يۇرت،ئىناق شەھەر مەۋجۇت بولمايدۇ. ئەرلەرمۇ ئوخشاشلا پاكىز بۇلۇشى، ئىشتىن يانغاندا، قول،پۇتلىرىنى يۇيۇشى، ساقال بۇرۇتلىرىنى يارىشىملىق ۋاقتى ۋاقتىدا ياسىتىپ تۇرىشى،چاچلىرى قالايمىغان بولماسلىقى،بىر يېرى پۇراپ قالماسلىقى،تىرناقنى ئۇزۇن ئۆستۈرمەسلىكى،سۈننەت تۈكلىرىنى ئېلىپ تۇرىشى،قولتۇق تۈكلىرىنى ئېلىپ تۇرىشى،ئېغىز تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى،بۇرۇن ئىچىدىكى ۋە قۇلاقتىكى ئۇزۇن ئۈسۈپ كەتكەن تۈكلەرنى ئېلىپ تۇرىشى كېرەك. چۈنكى،پاكىزلىق بارلىق ئىنسانغا ئورتاق.
ئەمدى،ھازىر قارايدىغان بولساق،بەزى قىز-چوكانلارنىڭ تىرناقلىرىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۋالغانلىقىنى، تىرناق ئۈستىگە ھەر خىل شەكىللەرنى چىقىرىۋالغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن پۇل، ۋاقىت،زېھىن ئىسراپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۈرىۋاتىمىز. شۇلار ئەجىبا تاماق ئەتمەمدۇ؟ كۆكتات توغرىمامدۇ،خېمىر يۇغۇرمامدۇ؟ ئەجداتلىرىمىزنىڭ قايسى بىر كىتاۋىدا تىرناقنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈشكە ئائىت مەلۇماتى بار ئىكەن؟! قايسى دەۋردە بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز تىرناقنى ئۇزۇن ئۆستۈرگەن ئىكەن؟؟؟ !!!
قىزلار ئەدەب ئەخلاقى ۋە شەرمى-ھايالىقى بىلەن گۈزەلدۇركى،ھەرگىزمۇ،تىرنىقى بىلەن گۈزەل بولالمايدۇ، تىرنىقىڭىزنى ھەرقانچە چىرايلىق نەرسىلەر بىلەن بويىۋېلىڭ ياكى باشقا قەۋمنىڭ ئاياللىرى شۇنداق قىلىدىكەن دەپ داۋراڭ سېلىپ، ئۈزىڭىزنى ئاقلىسىڭىزمۇ بىكار، ھەر قانداق ئەقلى بار بىر ئۇيغۇر يىگىت ياكى ئەركەك تىرنىقىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۋالغان قىزلارنى ھەرگىزمۇ چىن دىلىدىن ياخشى كۆرمەيدۇ، ئەگەر ئۇلار ياخشى كۈرىمەن دىگەن بولسا، ئاغزاكى ياخشى كۈرۈش ۋە ياكى ئالدامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى، ئەزەلدىن، ئەلمىساقتىن، يىگىت، ئەرلەر، باھادىر-ئەزىمەتلەر سۇمبۇل چاچقا،قەلەم قاشقا،چولپان كۆزگە، ئويماقتەك، گىلاستەك لەۋلەرگە،گۈل يۈزلەرگە،سەرۋىدەك قامىتىگە، ئاشىق بىقارار بولغانكى، ھەرگىزمۇ بىرەر ئايال زاتىنىڭ تىرنىقىغا ئاشىق بولغان ئەمەس. سىز تىرنىقىڭىزنى مەيلى ئالتۇندىن بىزەڭ،كۈمۈشتىن بىزەڭ،قانچىلىك پۇل خەجلەپ تىرنىقىڭىزنى بويىغىنىڭىز بىلەن بۇ پەقەت ۋاقىت ئىسراپچىلىقى،بايلىق ئىسراپچىلىقى، دىلدىكى مەينەتچىلىك،قەلبتىكى غېرىپلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە جىنلار، ئالۋاستىلار، يالماۋۇزلارنىڭ تىرنىنىڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكى ھەققىدە بايانلار باركى، ھەرگىزمۇ بىر ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ تىرنىقىنى ئۆستۈرۈپ، گۈزەل ساھىبجامال بولغانلىقى توغرىلىق مەلۇمات يوقتۇر..
گۈزەل قىز، ئىسىڭىزدە بولسۇن، گۈزەللىك قەلبتە، گۈزەللىك ئىشچانلىقتا، گۈزەللىك شەرمى ھايادا، گۈزەللىك ئەدەب-ئەخلاقتا،گۈزەللىك پاكىزلىقتا،گۈزەللىك رەتلىكلىكتە،گۈزەللىك ۋاپادارلىقتا،گۈزەللىك سەمىمىلىكتە. قىسقىسى گۈزەللىك تىرناقتا ئەمەس، قۇساقنى ئېچىپ قۇيۇپ يۈرۈشتە ﺋﻪﻣﻪﺱ. ھەقىقى گۈزەل بولاي دىسىڭىز، تىرناقنى ھەرگىزمۇ ئۇزۇن ئۆستۈرۈپ، ئۇنى بويىۋالماڭ.