ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 131 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: 16.مىللەت   ۋە  خاسىلىق(مۇكاپاتلىق ئەسەر)
نەزەر
دەرىجە: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 994

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:يېڭى ?????????1????
ئۆسۈش: 1%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 1
  تۆھپىسى: 1
  پۇلى: 3 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 2
  ياخشى باھا: 3
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 0سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-10-10
  كىرىشى: 2011-10-10
0- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-10-10 15:24

16.مىللەت   ۋە  خاسىلىق(مۇكاپاتلىق ئەسەر)

مىللەت   ۋە  خاسىلىق

 

     دۇنيادا ئىككى مىڭدىن ئارتۇق مىللەت ياشاۋاتىدۇ.ئۇلار يوقىلشقا ۋە نۇرلىنشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ.

دۇنيادا ئەڭ قىيىن مۆجىزە-يارتىش.ئەڭ ئاسان ۋە مۇرەككەپ جەريان_يوقىتىش.زامان تەرەققىياتى،مەدەنيەت ئىسلاھاتى بىزنى ئۇيىغتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،بىز نۇرغۇن <زامانىۋى>نى ئۆزىمىزگە قاچىلاۋاتىمىز.بىز كومىيوتېرغا ئوخشاش ئۆزلۆكسىز سېستما ئالماشتۇرۋاتىمىز.ئەمما،بىز ئېڭىمىزغا ئەڭ ھالىقىلىق بىر دىتالنى قاچىلمىدۇق،ئۇ ۋېرۇس دېتالى.شۇ سەۋەپ بىز يا ئۆزىمىز ئەمەس ياكى ئۆزگە ئەمەس.ئۆزىمىز دىسەك ئۇچىمىز يالىڭاچ،ئۆزگە دىسەك كېلشكەن قامەت بىزگە تەئەللۇق.بىز تەقدىرنىڭ قىلى ئۈستىدە تۇرىۋاتقان مۇشۇ يىل،ئەسىردە،ئۆزىمىزنى تارازنىڭ بىر تەرىپىگە قۇيۇپ بىقىشنى ئويلىشىپ بىقۋاتامدۇق؟ئاتا_ئانىلار،بوۋا_مومىمزنىڭ ئاخىرقى تىنىقتكى ۋەسيەتلىرنى ئادا قىلۋاتامدۇ؟شۇلار بىزگە ئېرپان نۇرنى تۆكىۋاتقان،خىزىردەك سېخى،پەرىشتدەك مىھرىبان ئانىلارنىڭ نەسلى نەدىن؟ئۆزى قانداق؟بىز ئامەتلىك،ئاللاھ ئالىدىدا سۆيۈملۈك پەرزەنىتلەرنىڭ كەلگۈسىنى ئويلاۋاتامدۇ؟كەلگۈسىنى قىياسەن كۆرىۋاتامدۇ؟

   بىزلەر شۇ قەدەر يوۋاشمۇ؟ بىز قوتاندىكى قوي پادىلرىمۇ؟ خالسا قاسساپ،خالسا بۆرە تۇتۇپ يەيدىغان،ياكى گۈل دۇكىندىكى دەستە_دەستە گۈلمۇ،خالسا ئەرەپ،خالسا ئىنگلىزلار ئۆز تەشتىكىگە تىكۋالدىغان.بىزنىڭ توغراقتەك يىلتىزىمىز،كىرۇراندەك تارىشمىز،مۇقامدەك ئۇزۇن،تەڭرىتىغدەك قامەتلىك گۈزەللكىمىز،خاسلىقىمىز پۇچىلاندىمۇ؟ نە ئۈچۈن ئاتا_ئانىلار ئۆزنىڭ كەلگۈسىنى سۆيمەيدۇ؟بىزگە ئاتا_ئانىلارنىڭ مەڭزىمىزنى سۆيىشى لازىم ئەمەس،زۆرۆرى كەلگۈسىمزنى سۆيىشى.

ۋەتەن_ئۇلۇغ،ئۇ ئىسسق قان ۋە ئەر يۈرەك ئەجدادىمىزنىڭ بىزگە،بىزدىن كىيىنگە قالدۇرغان بىباھاسى.ئەمما،بىز ئۇنى قانداق ساقلايمىز؟ئۆز خاسلىقى،ئۆز غۇرۇرنى قوغدىيالمايۋاتقان،ئۆزنى ئۇنتۇپ كېتۋاتقان ،چەكمەن، شايىلرنى سەھىنىدە كىيىشتىنمۇ خېجل بۇلىۋاتقان بىزلەرنىڭ قولىمزدىن نېمە ئۇلۇغ  شەرەپ،تۆھپە ،پارلاق كەلگۈسى بولسۇن؟ھەردەم كىشنىڭ قولىدىن تاماق يىيىشنى كەسىپ قىلغان بىزلەردىن قانداقمۇ ۋەتەن قارىغيى ئەسكەر،خەلىق پەرشتىسى سېسترا چىقسۇن؟بىز قوللرىمىز ۋە مېڭمىزنى مەڭگۈ ناۋايلىق تىككۈچىللكلا سەرىپ قىلامدۇق؟ئارىمزدىن قارىم چىقسا بىشمىز كۆككە يىتدۇ،ئۇلۇغ ۋەتىنىمز شۇنىڭغلا مۇھتاجمۇ؟ ئاتا-ئانىمز تاپقان بىر يۈەن پۇلنى نەگە خەجلەشنى بىلدۇ يۇ،گۆھەر بالىسنى قانداق تەربىيلەشنى بىلمەمدۇ؟بىر ئۇستاز ئايىلىق مائاشنى ئېلشنى بىلدۇ يۇ،نىمنى مۇھىم قىلىپ سۆزلەشنى بىلمەمدۇ؟بىز شۇنداق ئېلشنى،بىرشنى  مەڭگۈ فورمىلا قىلىپ ياشامدۇق،ياكى بىز شۇنداق تەڭشلىپ قويغان زاپچاسمۇ؟

مانا ئەمدى بىز كىمگە زارلاشنى،كىمگە يىغلاشنى،كىمنى ئىزدەپ،كىمنى دوراشنى بىلمەيدىغان،يىتملىك قىياسدا مۆل_مۆل ياش تۆكىۋاتقان،پاناھسز بالىلارنىڭ خۇدادىن ئۆزگە دىل مۇڭ تۆكىدىغان ھىچنىمسى قالمدى.بۇ قىسمەتلەرگە كىم سەۋەپچىكىن تاڭ؟؟؟

 

 

جىڭ ناھىيىلىك 4_ئوتتۇرا مەكتەپ 9-يىللق 4-سنىنپتىن
نەزەر
[ ھونتەرىپىدىن2011-10-15 12:27قايتا تەھرىرلەندى ]

-سىز كۆرۋاتقان تىما 16.مىللەت   ۋە  خاسىلىق(مۇكاپاتلىق ئەسەر),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
يۇرتۇغ
باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 10

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دوستانە ?????????404????
ئۆسۈش: 67.33%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 404
  تۆھپىسى: 75
  پۇلى: 554 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 157
  ياخشى باھا: 554
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 58سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-02-17
  كىرىشى: 2011-10-17
1- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-10-10 19:51

تەقدىرچىلەر ،تەقدىر دەيدۇ مەن ئۇنداق دېمەيمەن .

تېمىڭىزدىن تۇلىمۇ سۈيۈندۈم ! تېمىڭىز بوز قىردىكى باللارنىڭ  ئولىشىشىغا سەۋەب بولدىغان بولدى .