سۆزلىرىمنى قويدۇم بوقچىلاپ
غەيرەت كەنجىبەك
سوراپ يۈرمە مەندىن زىغىرلاپ،
كەلسە نۆۋەت ئاياندۇر ھەممە.
كېلەر يىلان سىلىق بېغىرلاپ،
تىكەنمۇ بار گۈللەر بار يەردە.
جاراھەت بار،سۆيگۈ بار يەردە،
قەيەردىدۇر ئۇنىڭ داۋاسى.
ئوت بولمىسا يۈرەك دېگەندە،
چاقنار قانداق سۆيگۈ زىياسى.
بىخلىنامدۇ سۆيگۈ گىياسى،
خىياباندا يۈرسەڭ خىرمان.
تالىق بىزگە نۇرلار دۇنياسى،
نۇر ئىچىدە يايرىسۇن ئارمان.
يۈرسەڭمۇ گەر يەتتە جەننەتتە،
قىيامەتتۇر يارسىز ياشىماق.
بولماس باغرىم نىچۈن خۇن-زىدە،
مەزگىلسىزلا چۈسسە يوپۇرماق.
باغۋەن تۇرۇپ چىدارمەن قانداق،
ئايرىلسا گەر شاخلار غولىدىن،
باش ئۈستۈمدە چاقمامدۇ چاقماق،
ئاينىپ كەتسەم سۆيگۈ يولىدىن.
كەتسە ئاينىپ سۆيگۈ يولىدىن،
مۇز قوينىدا قالمامدۇ جاھان.
قات-قات تاغلار ئاجراپ ئۇلىدىن،
غولىمامدۇ تۈۋرۈكسىز ئاسمان.
يەر بېغىرلاپ ياتسا گەر ئاسمان،
ئاي-يۇلتۇز،كۈن كەتمەمدۇ تېزىپ.
يىغلىمامدۇ ئېسەدەپ ئوكيان،
ئاقسا دەريا نىشاندىن ئېزىپ.
ئۈن سالماسمۇ كائىنات ھۆڭرەپ،
مەھرۇم بولسا سۆيگۈ كۈچىدىن.
مۇھەببەتنىڭ قۇدىرىتى چىڭ گەپ،
ئۇچراتقان كىم ئۇنى كوچىدىن؟
سوراپ كەتمە شۇڭا زىغىرلاپ،
نېسى يوقتۇر پېقىر بار يەردە.
سۆزلىرىمنى قويدۇم بوقچىلاپ،
داۋامىنى ئېيتارمەن يەنە.
مەنبە؛بورتالا گېزىتى. سايرام ئەدەبئىي بېتى.2011-4-15.