ئاپتاپقا قاقلانغاندا تۆۋەندىكى تۆت ئورۇننى ئاپتاپقا قاقلاش ئارقىلىق بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش مەقسىتگە يەتكىلى بولىدۇ.
1.باشنى ئاپتاپقا سېلىش: جۇڭيى تېبابىتگە ئاساسلانغاندا باشتا نۇرغۇن پەللە بولىدۇ. بۇ پەللىلەر ئىچىدە باش چوققىسى پەللىسى (بەيخۈي پەللىسى) ئاپتاپقا سالىدىغان ئەڭ ياخشى پەللە.باشنى ھەرقانداق ۋاقىت ھەرقانداق ئورۇندا ئاپتاپقا سېلىشقا بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا بەدەندىكى سوغۇق يەلنى ھەيدەپ، قان ئايلىنشنى راۋانلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
2. دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىش: ئادەم بەدەىندىكى نۇرغۇن قان تۇمۇرلار ۋە پەللىلەر دۈمبىگە جايلاشقان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دۈمبىنى ئاپتاپقا قاقلاپ بەرگەندە ئىچكى ئەزالاردىكى قان ئايلىنشنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. دۈمبىنى ئاپتاپقا سالغاندا، قۇياش نۇرى چۇقۇم دۈمبىگە ئۇدۇل چۈشۈشى كېرەك. ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن قىسقىلقىنى ھەر بىر ئادەم ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلسە بولىدۇ.
3.پۇتنى ئاپتاپقا سېلىش : پۇتى دائىم مۇزلاپ تۇرىدىغان كىشلەر چۇقۇم پۇتنى ئاپتاپقا قاقلاپ بېرىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا بەدەندىكى ھۆللۈكنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. رېماتىزىم كېسىلى بار كىشلەر يازدا پۇتنى ئاپتاپقا سېلىش ئارقىلىق، پۇت قىسمىدىكى ھۆللۈكنى تۈگەتسە بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا يەنە كالىتسىينىڭ سۈمۈرلىشنى تېزلەتكىلى، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. پۇتنى ئاپتاپقا سالغاندا يەنە پاقالچاقنى ئۇۋۇلاپ بېرشى كېرەك.
4.ئالقاننى ئاپتاپقا سېلىش :بۇنداق قىلغاندا ھارغىنلىقنى ئۈنۈملۈك تۈگەتكىلى ، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىنىئۈنۈملۈك يۇقۇرلاتقىلى بولىدۇ.
ئاپتاپقا قاقلانغاندا چۇقۇم ۋاقىتنى توغرا تاللاش كېرەك، بىنەپشە نۇربەك كۈچلۈك بولغان ۋاقىتلاردا ئاپتاپقا قاقلانماسلىق كېرەك.
مەنبە ____ ساغلاملىق ۋاقتى گېزىتى
[ ئۇيغۇنتەرىپىدىن2011-10-11 13:19قايتا تەھرىرلەندى ]