جامىس مىرلىنىڭ قوللىرى تىترەيتتى. ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئادەم كۈلۈپ كەتتى ۋە «تۇنجى مەشغۇلات قىلىۋاتامسىز؟» دەپ سورىدى.
- ياق!،- دىدى ئۇ يالغان ئېيتىپ ۋە ئۆزىنى بۇ ئىشلارنى قىلالايدىغاندەك كۆرسەتمەكچى بولۇپ،- كۆزۈمنى يۇمۇۋالساممۇ مەشغۇلات ئېلىپ بارالايمەن،- دىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى كومپيۇتېر ئىكرانىدىكى كىشىنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك گرافىكلارغا تىكىلگەن بولۇپ، كۆڭلىدە بولسا يېنىدىكى كىشىنىڭ ئۆز سۆزلىرىگە ئىشىنىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئىككىسى بىر-بىرىگە قارىشىپ كۈلۈپ قويۇشتى. جامىسنىڭ خىزمەتدىشى پۈتۈن زىھنى بىلەن كومپيۇتېرغا قاراپ ئولتۇراتتى، بارماقلىرى بولسا كونۇپكا تاختىسى ئۈستىدە ئوينايتتى، تۇرۇپ تۇرۇپلا يۇقىرى ئاۋازدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ قوياتتى. جامىس بۇ خىزمەتدىشىنى دوراپ ئۈستەل يېنىدىكى مىكروفونغا چېتىپ قويۇلغان تىڭشىغۇچنى قۇلىقىغا تاقىۋالدى. «مۇشۇنداق قىلسام ھىچبولمىغاندا كۆرۈنۈشتە بولسىمۇ ئىش قىلىۋاتقان بولارمەن» دەپ ئويلىدى. ئاندىن ئۇ ئىكراندىكى سان-سېفىرلارغا، سىزىقچىلارغا، چىسلاغا، شەھەر ئىسىملىرىغا يەنە نۇرغۇنلىغان مەخسۇس ئاتالغۇلارغا زېھنى بىلەن قاراپ چىقتى، ئەمما ئاتالغۇلارنىڭ زادى قانداق مەنىسى بارلىقىنى بىلەلمىدى.
ئۇنىڭ تېز تاماقخانىدا ئىشلەۋاتقان ۋاقتىغا ئوخشاش قۇلىقىدا تىڭشىغۇچ بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەردىكى خىزمەت مۇرەككەپ ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئاڭلىنىدىغىنى ھامبۇرۇگ بولكىسى بىلەن مايدا پىشۇرۇلغان بەرەڭگە قەلەمچىسى بولماستىن، بەلكى قانداقتۇر « كۆرسەتكۈچ 2000 نوقتىدىن ئېشىپ كەتتى، سېتىۋەت، سېتىۋەت، ھەممىنى سېتىۋەت!» ياكى «كۆرسەتكۈچ قايتا ئۆستى! سېتىۋال! سېتىۋال! سېتىۋال» دىگەندەك سۆزلەر ئىدى. ئۇ يالغاندىن بىلگەن قىياپەتتە كونۇپكا تاختىسىنى بىر نەچچىنى بېسىپ باقتى، ئەمما ھىچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. ئىكراندا تۇرۇپ نۇرغۇن رەقەملەر پەيدا بولاتتى، يەنە تۇرۇپلا يوقاپ كېتەتتى. ئۇ ئىككى سائەتچە ھەپىلىشىپمۇ باش-ئايىغىنى بىلەلمىدى. ئۇ بۇرۇلۇپ يېنىدىكى ھېلىقى خىزمەتدىشىگە:
- قاراڭ، بۇ خىزمەتمۇ كىشىنى زېرىكتۈرىدىكەن،- دىدى.
- بۇ ھىچ گەپ ئەمەس، بۈگۈن تېخى تېنچ بىر كۈن بولدى،- دىدى خىزمەتدىشى،- ياخشىمۇ سىز، ئىسمىم داۋىد بىدسون. ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى بازارنىڭ ئېچىلىشى بىزنىڭ ئەڭ ئالدىراش ۋاقتىمىز، ھەممىسى ئاسىيا پاي بازىرىنىڭ يېپىلىش ئالدىدىكى پەيتنى تۇتىۋېلىشنى ئويلايدۇ، بۇنى دىمىسەممۇ بىلىسىز.
ئەمەلىيەتتە جامىس ھىچنىمىنى بىلمەيتتى. جامىس باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتالايدىغانلاردىن ئەمەس، ئوقۇغان ئالىي مەكتىپى داڭلىق مەكتەپ بولمىسىمۇ، بەكمۇ ناچار ئەمەس ئىدى. ئۇ سودا-ئىقتىساد كەسپىدە، نەتىجىسى ئالاھىدە بولمىدى. ئەمما يەنىلا ئىلمىي ئونۋانغا ئېرىشتى. ئۇ پەقەت غەمسىز، بىپەرۋا ياشىغۇسى بار ئىدى، ئۇلۇغۋار غايىسىمۇ يوق ئىدى. بىراق دادىسى ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئۈمىدلەرنى باغلىغان ئىدى. ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر تېز تاماقخانىدا ئىشلىدى. دادىسى ئۇنىڭ كىشلىك تۇرمۇشقا بولغان پوزىتسىيىسىدىن ئىنتايىن خاپا ئىدى.
- جامىس، ئادەم غايىلىك بولىشى، قىلغان ئىشىدا ئۇتۇق قازىنىشى كېرەك،-دەيتتى.
ئوغلىنى ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ چىقسىكەن دىگەن دادا ئامالسىز جامىسنىڭ تاغىسى - لوندون پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى داڭلىق ئەرباپتىن ياردەم سورىدى...
ئۈچ كۈندىن كېيىن، جامىس مانا بۇ كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ قالدى. تەلەي دىگەن شۇدە، ئۇ ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدەك ئۆگىنىشتە قىينالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۆتكەلدىن يەنىلا ئۆتۈپ كەتتى. قانداق مەشغۇلات قىلىشنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ تولىمۇ ئاسانلىقىنى ھىس قىلدى. پەقەت تىڭشىغۇچتىكى ۋە ئىكراندىكى بۇيرۇققا ئاساسەن مەشغۇلات ئېلىپ بارسىلا بولاتتى. ئۇ قانچىلىك كۆپ مەبلەغنىڭ ئايلىنىۋاتقانلىقى بىلەن ھېساپلىشىپ ئولتۇرماستىن، خۇددى كۆكتات بازىرىدا سەۋزە، چېچەك كاپوستا ئالدى-ساتتى سودىسىنى قىلىۋاتقاندەك بىلىنەتتى. ناۋادا ئۇ قارار چىقارمىسا بولمايدىغان سودا بولۇپ قالسا، يېنىدىن تەڭگە پۇلنى چىقىرىپ ئاسمانغا ئېتىپ ئوڭ چۈشسە سېتىۋېلىش، تەتۈر چۈشسە سېتىشقا ھۆكۈم قىلاتتى.
مۇشۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزى ئويلاپ باقمىغان ئۇتۇقلارنى قازاندى. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن خۇجايىنى ئۇنىڭغا «جامىس، قالتىس ئىش قىلدىڭ» دىدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ھىچنىمىنى بىلمەيتتى. بىر كۈنى خۇجايىنى ئۇنىڭ يېنىغا بىر بوتۇلكا شامپان ئېلىپ كېلىپ:
- جامىس، بۇ ساڭا قىلغان سوۋغام. سىنگاپور بانكىسىنىڭ پېيىنى سېتىۋالغان ئىشنى بەك چىرايلىق پۈتتۈردۈڭ.- دىدى.
جامىس خۇجايىنى بىلەن شامپان ئىچىشكە باشلىدى، بوتۇلكىدىكى ئىچىپ بولۇپ، ئۇلار قاۋاقخانىغا بېرىپ ئىچىشتى، ئاخىرى ھەر ئىككىسى مەست بولۇپ قېلىشتى. جامىس قاۋاقخانىدىن ئۇدۇللاپ ئىشخانىسىغا يېنىپ كەلدى. بىراق قاتتىق مەست بولۇپ كەتكەنلىكتىن ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقىنىمۇ بىلەلمىدى.
ئىككىنچى كۈنى، جامىس ئۇيقىدىن ئويغىنىپ، بەكمۇ بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى. ئۇ خۇجايىنىدىن روخسەت سوراپ بىر نەچچە كۈن دەم ئېلىپ كەلمەكچى بولدى.
- چاتاق يوق،- دىدى خۇجايىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تايلاندقا ساياھەتكە كەتتى.
ئىككى كۈندىن كېيىن، جامىس بىر قاۋاقخانىدا ئىككى غەربلىكنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ قالدى.
- لوندوننىڭ ئاكسىيە سودىسى ھالاك بولايلا دەپ قاپتۇ.
- ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ،- دىدى يەنە بىرى.
- قايسى بىر لەقۋا ئەسلىدە 100 مىڭ فوندسېرلىڭغا ئوننى سېتىۋالغىلى بولىدىغان پاينى، 10 فوند سېرلىڭغا 100 مىڭ پاينى سېتىۋېتىپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ كالۋا ھىچقاچان خاتالىشىپ باقماپتىكەن، بۇ بىردىنبىر خاتالاشقان ئىشىكەن.
جامىس دەرھال قاۋاقخانىدىن ئايرىلىپ، ئاپتۇماتىك پۇل ئالغۇدىن ئالغىلى بولىدىغان بارلىق پۇلنى ئېلىپ، يەنە قاۋاقخانىغا قايتىپ كەلدى ۋە قاۋاقخانا خۇجايىنىدىن مۇلازىمەتچى قۇبۇل قىلىدىغان قىلمايدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈردى.
«يەر شارى ۋاقتى » گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىندى