ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 423 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قاھىرەدىكى ساقچىلار بىلەن خىرىستىئانلار توقۇنىشىدا...
باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 671
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە671دانە
تۆھپىسى: 95
پۇلى: 863 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 197
ياخشى باھا: 863
توردا: 98(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-03-11
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-11 20:28

قاھىرەدىكى ساقچىلار بىلەن خىرىستىئانلار توقۇنىشىدا...


قاھىرەدىكى ساقچىلار بىلەن خىرىستىئانلار توقۇنىشىدا 24 ئادەم ئۆلدى

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 10-ئۆكتەبىر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سىياسىي مالىمانچىلىقتا تۇرغان مىسىردا 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بۇ يىلنىڭ بېىشىدىكى ئىنقىلابتىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ زوراۋانلىق توقۇنىشى يۈز بەرگەن، كۇپىت خىرىستىئانلىرى نامايىشچىلىرى بىلەن ساقچىلار پايتەخت قاھىرەدە قانلىق توقۇنۇشقان بولۇپ، مىسىر سەھىيە مىنىستېرلىكىنىڭ دېيىشىچە، توقۇنۇشتا 24 ئادەم ئۆلگەن.
بۇ خىرىستىئانلار بىر چېركاۋدا ۋاقتىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، كېيىن ساقچىلار زۆرۈر بولمىغان قورال كۈچى ئىشلەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
مىسىر دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىناسى ئالدىدا، نامايىشچىلار قىڭغىراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ ساقچىلارنى چاپقان ھەمدە كۆيدۈرگۈچ بومبا ۋە تاش ئاتقان. ساقچىلار ۋە ئەسكەرلەر بروۋنىك ۋە باشقا ھەربىي ماشنىلارنى ئىشقا سېلىپ نامايىشچىلارنى زورلۇق بىلەن تارقاتقان. ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان يېنىغا توختىتىپ قويۇلغان نۇرغۇن پۇقرالار ماشىنىلىرى ۋە ساقچى ماشىنىلىرى كۆيۈپ كەتكەن، ئوت يالقۇنى پەلەككە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، خۇددى ئۇرۇش مەيدانىغا ئوخشاپ قالغان.
باشقا يەنە 100 نەچچە كالتەك كۆتۈرگەن نامايىشچى قاھىرە شەھىرىكى بىر كۆۋرۈك ئۈستىگە توپلانغان، كېيىن ئۇلار تەھرىر مەيدانىغا كېڭەيگەن.

نامايىشچىلارنىڭ تاياق يېگەنلىكى ۋە جەسەتلىرىنىڭ سۈرەتلىرى ۋە فىلىملىرى مىسىر تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇن تورداشلارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن، تورداشلار بۇ قېتىمقى توقۇنۇشنى سابىق پىرىزدېنت مۇبارەك ۋاقتىدىكى باستۇرۇش بىلەن سېلىشتۇرغان.
ياش ئاققۇزۇش گازى ۋە ئىس-تۈتەكلەر تەھرىر مەيدانىغا يامرىغان، نەچچە مىڭ نامايىشچى شوئار توۋلاپ، ھازىر مىسىرنى ئىدارە قىلىۋاتقان ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى مۇھەممەد ھۈسەيىن تەنتاۋىنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلغان.
ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر قىسىملارنىڭ تەھرىر مەيدانىغا كىرگەنلىكىنى ھەمدە بىر قىسىم نامايىشچىلارنى ئۇرغانلىقىنى ئېيتقان. مىسىر دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى جاكارلىشىچە، 10-ئۆكتەبىر سەھەر سائەت 02:00 دىن07:00 گىچە تەھرىر مەيدانى ۋە سودا رايونىدا كېچىدە يۈرۈش مەنئىي قىلىنغان، تەھرىر مەيدانىغا تۇتۇشىدىغان بارلىق يوللار قامال قىلىنغان.
دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتە ئاز دېگەندە 150 ئادەم 9-ئۆكتەبىردىكى توپىلاڭدا يارىدار بولغان، ئەمما يارىدار بولغانلار ئىچىدە قانچىسى نامايىشچى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمىگەن. دەسلەپكى خەۋەرلەردە، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 3 نەپەر ئەسكەرنىڭ توپىلاڭدا ئۆلگەنلىكىنى دېگەن.

مىسىر ئاخبارات مىنىستىرى:«بۇ بىر توپىلاڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، پۈتكۈل مىسىر ھەقىقىي خەۋىپ ئىچىدە تۇرماقتا» دېگەن. ئىگىلىنىشچە، مىسىر قوراللىق قىسىملىرى ئالىي كومىتېتى ۋە مىسىر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى جىددىي يىغىن ئېچىپ تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى قارار قىلغان.مىسىر باش مىنىستىرى شېرىف ئامانلىق ساقلاش ۋە دىننىي جەمئىيەت دائىرلىرى بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ Facebook تورىدا سۆز قالدۇرۇپ، بۇ قېتىمقى زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ بىردىنبىر پايدا ئالغۇچىلار مۇسۇلمانلار ۋە خىرىستىئان ئىنقىلابچىلىرىنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
باش مىنىستىر شېرىف تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا بۇنىڭ دىننىي توقۇنۇش ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ سايلام ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش سۈيقەستى، بىز بۇ نۇقتىنى ھېس قىلىپ يېتىشىمىز كېرەك دېگەن. (نەپرەت)

دوستلىشىش
ئۈمىديار
ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 538
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە538دانە
تۆھپىسى: 93
پۇلى: 759 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 132
ياخشى باھا: 735
توردا: 266(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-03-11
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-12 22:11

مىسىردا8 مىليون خىرىستىئان مۇرتى بار بۇلۇپ، پۈتۈن  دۆلەت نۇپۇسىنىڭ 10% نى ئىگەللەيمىش.
« ئۇلار بىھۇدە سۆز ،بىھۇدە ئىشتىن يىراق بولغۇچىدۇر.»
بوز قىر مۇخبىرى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 270
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 84
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە84دانە
تۆھپىسى: 41
پۇلى: 167 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 84
ياخشى باھا: 167
توردا: 15(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-03-08
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-12 22:24

بۇلار تىنچلىقپەرۋەر ئەمەسمىدى، بۇ قىتىم كىم بۇلارنىڭ ئۇۋىسغا سۇ قۇيۋىتپتۇ ...
تەنقىتتىن قۇرقماڭ، غەيرەتلىك بۇلىسىز.ئويلاپ سۆزلەڭ،ئىناۋەتلىك بولىسىز
باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 671
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە671دانە
تۆھپىسى: 95
پۇلى: 863 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 197
ياخشى باھا: 863
توردا: 98(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-03-11
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-13 10:44

ئۇيغۇن سىز دوكتۇر تارق سوداننىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغانمىتىڭىز ؟
بوز قىر مۇخبىرى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 270
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 84
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە84دانە
تۆھپىسى: 41
پۇلى: 167 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 84
ياخشى باھا: 167
توردا: 15(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-03-08
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-13 12:22

ياق ، تەرجمە قىلمعععععغان .
تەنقىتتىن قۇرقماڭ، غەيرەتلىك بۇلىسىز.ئويلاپ سۆزلەڭ،ئىناۋەتلىك بولىسىز