رۇقىيە جۈرئەت
كۆپ رىيازەت تارتىدىكەن دېھقانلار،
پەقەت ئارام تاپمايدىكەن دېھقانلار.
تېگى ئالتۇن دەيدۇ ئەجىر-مېھنەتنىڭ،
قىلىپ مېھنەت ھارمايدىكەن دېھقانلار.
زىمىستان ھەم تومۇزلاردىن قاچمايدۇ،
شۇنچە ئېغىر ئەمگەكلەردىن قاچمايدۇ،
مېھنەت سۆيەر ھورۇنلۇقتىن قاچمايدۇ،
ئېتىزلاردا ياشنايدىكەن دېھقانلار.
تاماسىزدۇر ئەجرىسىز ھەر نېممەتتىن،
ئەلگە بەرىكەت بېرەر بۈيۈك ھىممەتتىن،
سۆيۈنمەس كىم شۇنداق ئېسىل خىسلەتتىن،
خىسلەت بىلەن چاقنايدىكەن دېھقانلار.
مەنبە: رۇقىيە جۈرئەت تاپشۇرۇق خاتىرىسى
( بورتالا ئوبلاستلىق تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 1-يىللىق
9-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)
[ ھونتەرىپىدىن2011-10-15 12:29قايتا تەھرىرلەندى ]