ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 119 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: غۇلجا يولۋىسى ئۇرۇمچىگە قاراپ يۇرۇپ كەتتى
elqut
دەرىجە: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 545

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ?????????16????
ئۆسۈش: 16%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 16
  تۆھپىسى: 14
  پۇلى: 44 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 28
  ياخشى باھا: 44
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 0سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-05-19
  كىرىشى: 2011-10-15
0- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-10-13 16:34

غۇلجا يولۋىسى ئۇرۇمچىگە قاراپ يۇرۇپ كەتتى

تومۇرىدا ئوقچۇم تۇرغان ئۇيغۇر قېنىنى نامەيەن قىلىپ، دىلىغا يۈكسەك ئارزۇلارنى پۈكۈپ، ئالدىنى توسۇپ تۇرغان تىق قىيا چوققىلارغا پەرۋا قىلماي، ئۇيغۇرنىڭ جاسارىتى، غەيرىتىنى پۈتكۈل ئالامگە نامەيەن قىلىپ، باتۇرانە قەدەم تاشلىغان ئۇچۇرلار تۇرىنىڭ قۇرغۇچى ئەخەت يۈسۈپ بۈگۈن تومۇر سەكلىرىمە ئاياق بىلەن غۇلجا  ئۇرۇمىچى مېڭىپ بېرىش سەپىرىنى باشلىدى.
ھازىرقى بىر بىكەت يولىنىمۇ پىيادە مېڭىشنى خالىمايدىغان ياشلارغا ئۆز جاسارىتى ۋە ھەركىتى بىلەن ئۆلگە بولۇپ، قيىنچىلىق ۋە مۇشكىلاتلارغا باش ئەگمەسلىكتەك باتۇرانە قەيسەر روھىنى نامەيەن قىلدى .غۈلجىدىن ئۇرۇمچىگە بولغان 700 كېلومېتىردىن ئارتۇق يولنى تومۇر ئاياق بىلەن  پىيادە مېڭىش، بولۇپمۇ ھازىرقى كەچ كۈزدىكى سوغدا تاغ _ داۋانلاردىن ئېچىپ شىۋىرغان بورانلارغا بەرداشلىق بېرىپ بويسۇندۇرۇش، قاچلىق چىدامچانلىق ، غەيرەت ۋە ئېرادىنى تەلەپ قىلىدۇ ؟ بۇنى ھەممىز تەسەۋۋۇر قىلالايمىز ئەلۋەتتە .
ئۇ بەرداشلىق بېرەلەرمۇ ؟ تاغ _ داۋانلار ، بوران _ چاپقۇن ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ قالارمۇ ؟ ... ھەممىز ئۇنىڭغا مەدەت بولايلى . ئۇنىڭ بۇ سەپىرىنى غەلبىلىك تاماملاپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ جاسارىتى، باتۇرلۇقى ، غەيرىتى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى يەنە بىر قېتىم پۈتكۈل جاھانغا نامەيەن قىلىشىغا، قوللىرمىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ دۇئا قىلايلى !<<  ئاق يول بولسۇن ، يوللىرىڭ راۋان بولسۇن ، مۇشككىللىرىڭ ئاسان بولسۇن ، ئەي كېرەملىك ئاللا! بۇ باتۇر قەسيسەر بەندەڭنىڭ يوللىرىنى راۋان قىلىپ بەرگەيسەن ، ئۇنىڭغا چەكسىز قۇش قۇۋەت ۋە غەيرەت ، چىدامچانلىق ئاتا قىلغايسەن !>>
ئەھەت يۈسۈپ 2011- يىلى 10- ئاينىڭ 13- كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دا غۇلجا شەھرى خۇمدان مەھەللە ئاساسى قاتلام ئالدىدىن يولغا چىقىپ، دوڭمەھەللە، ئېلى ئالى مەدرىسىنى بويلاپ خەلىق مەيدانىغا كەلدى، ئاندىن ئۇ يەردە بىردەم ماھارەت كۆرسەتكەندىن كىيىن ئازات يولىنى بويلاپ بايانداي ئارقىلىق ئۇرۇمچىگە يۇرۇپ كەتتى .
بۇ قېتىملىق ئەھەت يۈسۈپ غۇلجا _ ئۇرۇمچى سەپىرىنى ، غۇلجا شەھەرلىك مەدەنيەت ئىدارىسى ۋە تەشۋىقات ئىدارىسى بار كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىدى، ئېلى دەريا  ئىش باشقارمىسى ۋە خۇمدان مەھەللە ئاھالىلەر كومىتىتىدىكى ھەر قايسى خادىملار يىقىندىن ياردەمدە بولدى . ئېلى گېزىتى ، ئېلى كەچلىك گېزىت ، ئېلى تىلۋىزىيە ئىستانىسى قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرى زىيارەت قىلدى ! ئېلى داساخ تىرانسىپورت شىركىتى ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەمدە بولدى !
بىكىتمىز ئەھەت يۈسۈپنىڭ سەپەر ئەھۋالىنڭ كۈندىلىك ئەھۋالىنى بۇ تىمىغا ئىنكاس ئارقىلىق يوللاپ تۇرىدۇ نەزىرىنىڭ ئەلقۇت مەرىپەت تورىدا بولسۇن . (http://www.elqut.cn)
ئەلقۇت مەرىپەت تورىدىن  تاشپولات بىلال ( ئەلقۇت )

تۆۋەندىكىلەر بولسا ئەھەت يۈسۈپنىڭ غۇلجىدىكى يولغا چىقىش مۇراسىمىدىكى كۆرۈنۈشلەر :
ئەھەت يۈسۈم خۇمدان مەھەللە ئاھەلە كومىتىت ئالدىدا تەييارلىق خىزمەتتە
ئەھەت تۇرسۈن ۋە ئۇنىڭ قىيىن  ئاتىسى
ئەھەت تۇرسۇن ئەلقۇت تورنىڭ قۇرغۇچىسى بىلەن  بىللە
ئامما ئەھەت تۇرسۇن بىلەن خاتىرە رەسىم چۈشمەكتە
ئېلى تىلۋىزييە ئىستانىسى زىيارەتتە  
تەسىرلەنگەن ئامما ئەھەت يۈسۈپكە گۈل تۇتماقتا
ئەھەت يۈسۈ پ غۇلجا كۈچىلىرىدا
قالغان رەسىملەرنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ !

-سىز كۆرۋاتقان تىما غۇلجا يولۋىسى ئۇرۇمچىگە قاراپ يۇرۇپ كەتتى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
شامال
دەرىجە: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 546

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دائىملىق ?????????193????
ئۆسۈش: 64.33%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 193
  تۆھپىسى: 29
  پۇلى: 301 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 59
  ياخشى باھا: 251
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 57سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-05-19
  كىرىشى: 2011-10-17
1- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-10-14 10:18

ئوغۇل بالا ياشاپ كەت... ئاللاھ سېنى ئۆز پانايىدا ساقلىسۇن...!!!

elqut
دەرىجە: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 545

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ?????????16????
ئۆسۈش: 16%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 16
  تۆھپىسى: 14
  پۇلى: 44 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 28
  ياخشى باھا: 44
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 0سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-05-19
  كىرىشى: 2011-10-15
2- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: كۈن بۇرۇن

ئەھەت يۈسۈپ بۈگۈن سۇيدۇڭدىن چىڭسوخوسىغا 20 كېلومېتىر يولنى بېسىپ يېتىپ كەلدى ۋە ئۇ يەردە ئەتىكى مۇشكۈل تەلكە داۋىنىدىن ئۆتۈش سەپىرىگە قايتا تەييارلىق قىلىپ تاماملىدى. ئەتە سەپەرنىڭ ئەڭ مۇشكۈل بىر قىسمى تەلكە تېخى ئېتىكىدىن يەنى تەلكە داۋىنىدىن ئۆتۈش قىسمىنى باشلىماقچى ئاللا ئۇنىڭغا غەيرەت ۋە شىجائەت ئاتا قىلغاي !