ئەخەت يۈسۈپنىڭ غۇلجىدىكى يولغا چىقشى مۇراسىمى ( فىلىم )
باتۇر ئوغلانمىز ئەھەت يۈسۈپ 10- ئاينىڭ 13 - كۈنى تومۇر سەكرىمە ئاياق بىلەن غۇلجىدىن ئۇرۇمچىگە يولغا چىقىپ شۇ كۈنى كەچ سۈيدۇڭگە يېتىپ بېرىپ سۇيدۇڭدە ئارام ئالغاندىن كىيىن بۈگۈن 20 كېلومېتىر يولنى بېسىپ چىڭسوخوزىغا يېتىپ كەلدى ۋە ئۇ يەردە تەلكە داۋىنىنى كېسىپ ئۆتۈش سەپىرىگە پۈختا تەييارلىق قىلىپ بۇ سەپەرنىڭ ئەڭ مۇشكۈل بولغان قىسمىنى تامالاش ئۈچۈن قايتا تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ تاماملىدى . ئاللا ئامانچىلىقنى بەرسە ئەتە سەھەر يەنى 10- ئاينىڭ 15- كۈنى چىڭسوخوزىدىن يولغا چىقىپ تەلكە تېخى ئىچىنى كېسىپ ئۆتۈپ، تەلكە داۋىنىدىن ھالقىپ ئۆتىدىغان سەپەرنىڭ ئەڭ قىيىن باسقۇچىنى تاماملىماقچى، تىك داۋان، سوغۇق ھاۋا رايى ئۇنۇڭ ئۈچۈن توسالغۇ بولالمايدۇ. ھەممىمىز ئۇنىڭ ئەتىكى سەپىرىگە ئاللادىن ئامانچىلىق تىلەيلى !
تۆۋەندىكى فىلىم بولسا ئۇنىڭ غۇلجا شەھرىدىن يولغا چىققاندىكى خاتىرە فىلىمى :
فىلىم يوللىنىۋاتىدۇ سەل تۇرۇپ نورمال قويۇلىدۇ .