ھەقىقىي شائىر زۇكاممۇ بولمايدۇ
دوكتۇر
راستىنلا ۋەزنى ئېىغىر ماقالە بوپتۇ، ھەقىقىي شائېر چىن مەنىسىدىن ئىيتقاندا ئىنسان روھىنى نۇرلاندۇرغۇچى ، روھنى پاكلىغۇچى ...
.......................................................................................................
شائىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنداق بولماپ كەتمەس ؟ سۆز ئاشقۇنلىقى مۇدىلىقىدىن قالغىلى خىلى بوپ قالدى باللا .
ھەقىقىي شائىرى ھەممە ئىشتا پىشقان گېتلىردەك ،كامال تۈرۈكتەك ، سىتالىندەك ، ماۋزۇدۇڭدەك ، گەرچە بۇلار تارىخ سەھنىسىدىن چۈشۈپ قالغانلىرى بولسىمۇ ، ئۇلار خەلىقلىرىنىڭ قەلبىنى پاكلاندۇردى ، نۇرلاندۇردى ... ئاممىنى قانداق ياشىسا قىينالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىپ كەتتى، مانا بۇلار ھەقىقىي يازغۇچى ،شائىرلار ئىدى . ئۇلارنىڭ توم -توم كىتابلىرى ھەمىمىزنىڭ كىتاب جازىسىدا بىردىن بار ...مانا ھازىر ئاشكارىلىنىشىچە ئۇلار ياراتقانبىر قاتار دۆلەت قۇتقۇزۇش ئىش -ئىزلىرى ھازىرقى ئەلباشلارنىڭ ئۈگۈنۈش ئۈلگىسىكەنمىش .شائىرلىرىمىزنى قەدىرلەيلى ، كەلسە كەلمەس باھا بەرگىلى تۇرساق ئۇلارنىڭ ئالدىنى تۇسۇپ قۇيىمىز ،ھىلىمۇ خىلى تۇساپ قۇيدۇق . ھىلىمۇ يالقۇن روزى ۋە موختەر بوغرا «پاجىئە»سى يۈز بەردى ، ئۇلارنىڭ شۇنداق ھالەتكە يىتىشىگە نېمە سەۋەپ بولغاندۇ ؟ ئۆزىنى زىيادە ئاقىل چاغلىغانلىقىدا باللا ، ئادەمنى كەينىگە سۆرەيدىغىنى دەل ھازىرقىدەك بولمىغان باھالارنى پاخال ئورنىدا ئىشلىتىپ ئۇلارنى ھاڭغا ئىتتىرىۋاتىمىز ، بوۋىمىز يۈسۈپ خاسھاجىپنىڭ مۇنداق بىر گىپى بار ، مەگەر بىر ئارسلان ئون ئىتقا باش بولسا ، ھەممىسى بۇلۇر ئارسلانسىمان ، مەگەر بىر ئىت بولسا ئون ئارسلانغا باش بولسا ، ئارسلانلار بۇلۇر ئىتسىمان . شائىر دېمەك يول باشلىغۇچى ، يۇرۇقلۇققا ئىلىپ بارغۇچى ، تۆمۇر خەلىپە ، خۇجامنىياز ھاجى ، سادىر پالىۋان ، غىنى باتۇر ، ئەخمەتجان ئەپەندى ،لەر ئىدى ،ئەپسۇس ئۆمىرى كۈتە كەپ قالدى ، ھىلىمۇ كومىنىستىك پارتىيە پۇرسەتنى پەم ئېتىپ باشقىلارغا يەم بولمىسۇن دەپ ئىممونىت كۈچىمىزنى تولۇقلاپ قۇيۇش ئۈچۈن قىزىل بايراقنىڭ ئاستىغا يىغىۋالدى ، شۇڭا ھەممىمىز مانا مۇشۇنداق مۇنبەرلەردە خاتىرجەم ئوينالاتىمىز ، پارتىيەگە رەھمەت دىمىسەممۇ ھەمىمىز كۈندە دىگۈدەك دۇئالارنى قىلىۋاتىمىز .
دېمەك ئارىمىزدىكى يىتىشكەن ۋە يېتىلىۋاتقانلارنى ساختا ماختاش ھېساۋىغا ئىزدىنىش روھىنى خۇنۈكلەشتۈرمەيلى ،ئالقىشلاش لايىقىدا بولسۇن ، شائىرىنىڭ روھى كىسەلمۇ دەپ ماۋزۇ قۇيۇشنىڭ ئۆزىلا ئىشەنچىسىزلىكنىڭ نەتىجىسى ،ئىشەنچىسىز ئادەم مەڭگۈ نىشانىغا يىتەلمەي ئۆتىدۇ ، ئالىپ ئوغۇز ئەپەندىمنىڭ شائىر ھەققىدە تېما قۇيۇشى مەلۇم بىر خىل ھېسىياتچانلىقنىڭ ئارتىپ كەتكەنلىكى . مەن ئالىپ ئوغۇز ئەپەندىدىن مۇنداق سورىغان ئىدىم ،«مەسلەن قايسى ئىدىيەلەر ئاۋام ئارىسىدا دىن دەرجىسىگە كۆتۈرۈلدى ؟ تەپەككۇرىڭىزدىن سۈيۈندۈم!!!»
ئالىپ ئوغۇز ئەپەندىم مۇنداق دىدى: «لاۋزى مىڭزى ، كوڭزى ، ماركىزىم ... ۋە باشقىلار بىر خىل ئىتقاتنى شەكىللەندۈردى»
ئىتقادنى نۇقۇل دىننىي چۇقۇنۇش دەپ چۈشۈنمىسەممۇ يەنىلا كۆپچىلىك ئاۋامنىڭ پېكىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا پاكتلىرىمنى نەق-نەق قويغانغا قەدەر تەپەككۇرۇمنى بىسىپ قۇيۇپ تۇردۇم .
ھازىر ھەمىمىزگە مەلۇملۇق بولغىنىدەك دۇنيا خەلىقلىرى ھەممىسى ئۆز ئىتقادىنى مۇستەھكەملىۋالدى ، چوڭ قۇرۇقلۇق ئىتقادىدىن قارىغاندا بۇلار تارىختىن بۇيان ئىتقادنى باشقىلاردىن قۇبۇل قىلدى ،لېكىن جۇڭگۇچە قۇبۇل قىلدى ، لاۋزى ،مىڭزىلارنىڭ ھەم ماركىزىزىملارنىڭ تەلىماتى دىننى چۆرۈپ تاشلىغان ،دىندىن يىراق بولغان ئاساستا خۇدانى مەۋجۇت ئەمەس دېگۈچىلەر ، ئەجىبا مۇشۇ ۋاققا كېلىپ بىرەرمۇ ئۇيغۇرنىڭ خۇدانى ئىنكار قىلغان سۆزىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق ، ھەر قانداق تەتقىقاتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى يەنىلا ئالەمدە پۈتۈن قانۇنىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى تەڭداشسىز بىر كۈچنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى ، ھازىر يەر شارى مىقىياسىدا توپ -توپ كىشىلەرنىڭ خالىغان دىنىغا كېرىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ تۇرۇپتۇق . كۈلكىلىك يىرى شۇكى بىزمۇ ماركىس ئىدىيىسىدىن بىخەۋەر كىشىلەرما ؟ ئۇلارنىڭ كىتاۋىنى، نەزىرىيەسىنى ئوقۇپ يادىلاپ باقمىدۇقما ؟ئوقۇپ بىقىشنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىنى ھازىرغىچە كۆرۈپ باقمىدىم ھەم ئاڭلاپ باقمىدىم ، ئەجىبا بىز شۇ «ئىتىقاد» لارنىڭ قۇلى بوپ كەتتۇقما ؟ ياق. ئۇنداق ئەمەس ، يەنىلا مۇستەھكەم ھالدا ئۆز ئىتقادىمىزدا چىڭ تۇرۇپتۇق . دېمەك روھى كىسەل شائىر بولمايدۇ ، بولسىمۇ ئۇ بەقا شائىر ئەمەس . شامالدا قالغان كۈلدەك ئىز دەرەكسىز يوقاپ كېتىدۇ .
شائىر دېمەك قورقۇمسىز كېلىدۇ ، يۈرەكلىك كېلىدۇ .شائىر ھەرگىزمۇ قەلەم قەغەزنىڭ ئۈستىدىكى قۇر توشتۇرىدىغان جان باقتى بوپ قالمايدۇ .
ئالىپ ئوغۇزنىڭ مونۇ سۆزلىرى ئىنتايىن ئورنىنى تاپقان «مەسىلەن ، سادىر پەلۋان قوشاقلىرىدىكى مۇڭ ۋە غەزەپ تەبىئەتنىڭ ئەركىن روھىيغا بولغان تەلپۈنىشنى ۋە چىركلەشكەن ھاكىمىيەتكە بولغان ۋىجدانى غەزەپ _ نەپىرەتنى ئۆزىگە ئېنېرگىيە قىلغان . »
بۇ سۆزلەرنى ئىنچىكە تەھلىل قىلساق سادىر پالىۋاننىڭ نەزىرىيەنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرغانلىقى ئادەمنى سۈيۈندۈرمەي قالمايدۇ ، ھەتتا ئۇ شائىرىمىزنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن پۇللار ، سۈرتى چۈشۈرۈلگەن پوچتا ماركىللىرى ھەقىقىي شائىرنىڭ قانداقلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرسىمۇ تېخىچە ئاۋاملارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالالمىدى . نېمە ئۈچۈن ؟ بۇ بىزنىڭ ھەقىقىي شائىرلارنى لوگىكىلىق ئايرىۋالالمىغانلىقىمىزدا . بىزنىڭ نەزرىمىزدىكى شائىرلار بولسا ھادىسىنى كۆرىدىغان ئەمما ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپالمىغانلار ،بولغان ۋەقەلەرنى دەپ بەرگەنلەر قەلبىمىزدە چوڭ-چوڭ ئورۇن ئالغانلىقىدا .
شائىر دېگەن كۈننىڭ نۇرچىسى ،
شائىر دېگەن خەلىق لۈكچىكى .
شائىرى تۇرۇپ ، خەلىقتە غەم بولسا ،
چىققىن شائىر ،چىققىن شائىر
ئوتتۇرغا سەكلەپ .
ھازىرچە مۇشۇنچىلىك بار كەن قۇساقتا ، قالغىنىنى تورداشلاردىن تەلىم ئالغانىڭىزى دىيشەرمىز .
[ يۇرتۇغتەرىپىدىن2011-10-15 10:29قايتا تەھرىرلەندى ]