ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 367 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: خەلقئارا مۇنبەردىكى: ئەخمىقانە قانۇن لايىھەسىنىڭ سىياسىي ئۈنۈمى
دوستلىشىش
چۆل~ئوغلى
مۆھتىرەم ئۇستاز
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 539
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 124
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە124دانە
تۆھپىسى: 63
پۇلى: 250 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 129
ياخشى باھا: 250
توردا: 61(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-18
ئاخىرقى: 2012-03-11
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-15 13:12

خەلقئارا مۇنبەردىكى: ئەخمىقانە قانۇن لايىھەسىنىڭ سىياسىي ئۈنۈمى

     ۋاشىنگتون نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە ئىقتىسادى كىرىزىستىن قۇتۇلۇشنىڭ ئۈنۈملۈك لايىھەسىنى تاپالمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى مەسىلىسىنى سىياسىي مەسىلە دەيمىز؟ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ 2011-يىللىق پۇل پېرېۋوت نىسبىتىنى نازارەت قىلىش ئىسلاھاتى قانۇن لايىھەسى كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.
     ئامېرىكا ئىقتىسادى ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قالدى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادى ئەھۋالىنى ئازراق چۈشىنىدىغانلا ئادەم بولسا، ئۇلار ۋاشىنگتوننىڭ تەدبىر بەلگىلەش بوشلۇقىدىن تەلتۆكۈس مەھرۇم قالغانلىقىغا ئىشەنمەي قالمايدۇ، ھېچكىممۇ ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭلىق بىلەن ئورۇندىن تۇرالمايدىغانلىقىغا ئاددىيلا ھۆكۈم چىقىرالمايدۇ. ھالبۇكى ئامېرىكىلىق نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا خاراپلاشمايدۇ دېگەن سۆزىگە نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي پاكىت ئىزدىمەكتە.
     يۈسۈف نەي سىنگاپوردا چىقىدىغان «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلىرى گېزىتى»دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدا: كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ئامېرىكا خارابلىشىدۇ دەيدىغان پەرەزلەرنىڭ ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدىكى مۇشۇنداق پەرەزلەرگە ئوخشاش كىشىگە خاتا ئۇقۇم بېرىدىغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ دېدى.
     ۋاشىنگىتوننىڭ سىياسىي سەھنىسى ئەقىللىق، دانا سىياسىي تەدبىر مەركىزىگە ئەمەس بەلكى ناھايىتى قاينام تاشقىنلىققا تولغان ئويۇن قويۇش سورۇنىغا ئوخشايدۇ. تېخىمۇ ئۈنۈملۈك شۇنداقلا كىشىنىڭ كۆڭلىنى مۇجەسسەملەيدىغان ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەر چىقىرىلمىدى. يامان ئەمەس دېگەن لايىھەلەر ئوتتۇرغا چىقىرىلغان بولسىمۇ، ئۇلار ھامىنى سىياسەتۋازلارنىڭ ئارىلىشىۋېلىشى ياكى زەربىسىگە ئۇچرىدى.
     ۋاشىنگتوننىڭ سىياسىيسى بەزى بىر بۇرنىنىڭ ئۇچىنى كۆزلەپلا چىقىرىلغان لايىھە ۋە تەدبىرلەر تەرىپىدىن چۈشەپ قويۇلدى، مانا بۇ ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان ھەقىقىي خەتەر. دۆلەت مەجىلىسىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يەنە بىر مەيدان ئويۇنى پۈتكۈل دۇنيانى بۇ خەتەر ئېغىرلىشىۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرۈپ قويدى.
     جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىدىن قوشلاپ تاموژنا بېجى ئېلىش ئارقىلىق خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە مەجبۇرلاش- ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى راستتىنلا ھەل قىلالامدۇ؟ پايدا زىيان مۇناسىۋىتى ھەممىمىزگە ئايان. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىدە : «سىزنىڭ كۆزىڭىز بىزدە بولسا، بىزنىڭ كۆزىمىز سىزدە»دېگەندەك ھالەت كۆرۈلدى، ھامىيچىلىقتىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىمەن دېسە ئامېرىكا پايدا ئالالمايدۇ. بۇنداق ئىقتىساد ئىلىمىي ساۋاتى ئارقىلىق ئاندىن چۈشەنگىلى بولىدىغان مەسىلە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قولىدا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىغا ئايلاندى.
     ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئاۋارگەرچىلىككە يولۇققاندا جۇڭگونى تىلغا ئالدى، ئاتالمىش خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى مەسىلىسىنى ئوتتۇرغا چىقاردى، بۇ ئويۇننىڭ ئاللا بۇرۇن ۋاقتى ئۆتتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى: بۇنداق قىلىش ئاۋارچىلىقنى ئازايتقىلى بولمايلا قالماستىن بەلكى قىيىنچىلىقنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ؛ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنى راۋانلاشتۇرۇش بولماستىن بەلكى ئامېرىكا ئىقتىسادىغا توسقۇنلۇق قىلىشتۇر. ۋاشىنگىتوندىكى سىياسەتۋازلار سىياسىيلاشتۇرۇلغان ئويۇن ئارقىلىق سايلىغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا بېرىلىپ، زېھنىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن كىرىزىسنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويۇشقا قاراتماقتا. كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ خارابلىشىش ئىستىقبالى ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىشقا ئاساسى بار.
     ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بۇنداق ئاقماس قانۇن لايىھەسىگە ۋاقىت ئىسراپ قىلىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا سىياسىسىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاجىزلاشتۇرماقتا.

                                        مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى