تاماكا تاشلاشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرى بار، تۆۋەندىكى ئەپچىل چارىلەر بەلكىم سىزنىڭ تاماكا تاشلىشىڭىزغا ياردەم بېرەلىشى مۇمكىن:1. ھەمىشە ئۆيدىكى ئەينەكنىڭ يۈزىگە سارغايغان چىشنىڭ سۈرىتىنى چاپلىۋېلىڭ، بۇنى پات - پات كۆرۈپ تۇرسىڭىز، بەلكىم تاماكىغا ئۇزاتقان قولىڭىزنى يىغىشتۇرۇۋېلىشىڭىز مۇمكىن. 2. مەخسۇس پۇل ساقلايدىغان قۇتىدىن بىرنى ياسىتىپ، تاماكا سېتىۋېلىشقا تەييارلىغان پۇلىڭىزنى شۇ قۇتىغا سېلىپ قويۇڭ. بىرەر يىلدا يىغىلغان پۇلغا بىرەر قۇر كىيىم ياكى باشقا لازىملىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىڭ، بۇ تاماكا تاشلىشىڭىزغا ياردەم بېرىپلا قالماي، سىزنى تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ. 3. قولىڭىز بىكار تۇرمىسۇن، بىكار قالغان ۋاقتىڭىزدا كىتاب ئوقۇڭ، ئۇنى - بۇنى ياساڭ، ئۆي جاھازىلىرىنى رېمونت قىلىڭ، گۈل ئۆستۈرۈڭ...4. تاماكا ۋە تاماكىغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى ئاسان ئالغىلى بولىدىغان جايلارغا قويماڭ. چاقماق قاتارلىق نەرسىلەرنى تاشلىۋېتىڭ. ئائىلىدە ۋە خىزمەت ئورنىڭىزدا تاماكا بولمىغان پاكىز مۇھىتنى يارىتىڭ. 5. ھەر خىل پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغاندا، تاماكا يوق مۇھىتنى تاللاڭ. ئىشتىن سىرتقى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماقچى بولسىڭىز، تاماكا چېكىش چەكلەنگەن كۇتۇپخانا، مۇزېي دېگەندەك جايلارغا بېرىڭ.
دالىدا مېڭىشتەك ئىلمىي تەنھەرىكەت ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. 8-ئۆكتەبىر مەملىكەت بويىچە «يۇقىرى قان بېسىم كۈنى». تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دالىدا مېڭىش ئوكسىگىن يېتەرلىك بولغان تەنھەرىكەت تۈرى بولۇپ، بۇ خىل تەنھەرىكەت ئادەتتىكى مېڭىشقا قارىغاندا يېنىك، قىزىقارلىق، بىخەتەر بولغاندىن سىرت، يەنە تاغقا يامىشىش ۋە پىيادە مېڭىشنىڭ تېز بوغۇمىغا بولغان زىيىنىنى ئازايتىدىكەن.
[ چۆل~ئوغلىتەرىپىدىن2011-10-15 13:36قايتا تەھرىرلەند ]