ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1579 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 1/4     Go
تېما: ئازاپنىڭ قىممىتى
ئۆلۈمگە قاراپ ماڭدىم
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 731
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 69
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە69دانە
تۆھپىسى: 9
پۇلى: 217 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 18
ياخشى باھا: 87
توردا: 12(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-07-03
ئاخىرقى: 2012-02-13
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-20 14:54

ئازاپنىڭ قىممىتى

 

ئازاپنىڭ قىممىتى
ئالىپ ئوغۇز  
بىز دۇنيايغا كەلگەن ئىكەنمىز ياشىشىمىز كېرەك . بىراق ، ياشاش ئۈچۈن ئازاپ چېكىشكە توغرا كېلىدۇ .بىز نەگە بارايلى ئازاپ ھامان بىزنى قوراشاپ ئالغان .ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن گاھىلار ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىش يولىنى تاللىدى ، گاھىلار ئۆلۈمنى تاللىدى ،گاھىلار ئۇنىڭغا باش ئېگىش يولىنى تاللىدى .گاھىلار ئۇنىڭغا مەغۇرۇر يۈزلۈنۈش يولىنى تاللىدى . بىز ئوخشاش بولمىغان يولنى تالغان بولساقمۇ يولىمىزدا ساقلاپ تۇرغىنى يەنىلا ئازاپ بولۇپ چىقىتى . نېمە ئۈچۈن ئازاپ بىزنى قورشىۋالىدۇ ؟ ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالى بارمۇ ؟ بىرقىسىم پەيلاسوپلار دىدى:‹‹بىردىن بىر ئامال ئۆلىۋىلىش ...›› بىراق ، ئايۇپ ئەلەيىھىسالام(1) ئىنسان تارتىپ باقمىغان دەشەتلىك ئازاپنى تارتقان بولسىمۇ  ، يەنى پۈتكۈل جىسمى قۇرتلاپ كەتكەن بولسىمۇ، ھاياتقا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتمىدى، شۇنداقلا ئېتقادىدىن ۋاز كەچمىدى .ئۇ ئازاپ ئالدىدا ئۆزىنىڭ قەيسەر ئىرادىسنى دۈشمەنلىرىگە ئىسپاتلاپ كۆرسۈتۈپ قالماي ، ئۇ يەنى ئىنسانىيەتكە قەيسەرلىكنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى .ئۇ نادانلاردەك ئازاپ تارتقانلىقى ئۈچۈن چۈشكۈنلىشىپ نالە ـ پەريات قىلمىدى شۇنداقلا ئازاپتىن قورقۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالمىدى. ئەكسىچە ئازاپنى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭ قوينىدا ئۆزىنى تاۋلىدى .ئەينى يىللاردا كولومبو جىنايەتچىلەر گە تولغان كىمنى ھەيداپ ،ئازاپ دېڭىزغا سەپەر قىلدى .ئۇ ۋاقىتتا ئۇنى ئۆلۈم تەھتىتى ۋە ئۈمتسىزلىك قورشىۋالغان بولسىمۇ ، ئۇلارغا قەتتىي باش ئەگمەي ، باتۇرلۇق بىلەن ئىرادىگە كېلىپ سەپەرنى داۋام قىلىۋەردى . ناۋادا ئۇ ئازاپقا ۋە ھارخىل مۈشكىلاتلارغا ئەل بولغان بولسا ئامېركا قۇرقلىقىنى تاپالمىغان بۇلاتتى ھەم ئۇنىڭدىن نام ـ نىشانمۇ قالمىغان بۇلاتتى.

ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكملىك بىلەن مەشخۇل بولغۇچىلار خامۇشلۇق ئىچىدە ئازاپنى ھېس قىلمىغان بىلەن . ئۇلار ئۇيقىسدىن ئويغانغاندا تېنىنىڭ سېسىق پۇراققا تولغانلىقىنى ، پۈتكۈل جىسمىنىڭ زەيپلىشىپ كەتكەنلىكنى ، روھىينىڭ ئۈمىتسىزلىك قوينىدا قالغانلىقىنى ئازاپ ئىچىدە ھېس قىلىشىدۇ .ئۇلار ھاراق ۋە چېكملىك ئارقىلىق ئازاپتىن قاشماقچى بولغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭدىن قۇتىلالمىدى . كەيىپ ئۇلارنىڭ ئازابىنى تېخمۇ ئېغرلاشتۇرىۋەتتى .

گاھىلار ھوقۇق ۋە مال ـ دۇنيا ئاتا قىلغان ئەيشى – ئىشرەت بىلەن مەشخۇل بولۇپ ۋە ئۇنى بەخت ھېساپلاپ باشقىلارغا مەسخىرە ، ھاكاۋۇرلۇق بىلەن باقسىمۇ ئازاپ ئۇلاردىن بىر دەقىقمۇ نېرى كەتمەيدۇ . ئۇلار ئۆتكۈنچى ماددىي نەرسىلەرنىڭ  غىدىغلىشى ئارقىلىق ئازاپنى ئۇنتۇشقا تىرىشىدۇ .ناۋادا ئۇلار تەلپۇنگەن ئاشۇ مەۋقەسىز نەرسىلەر توساتتىن غايىپ بولسا ئۇلار قانداق قىلىدۇ ؟ ئۇلار ساختا بەخت بىلەن ئۆزىنى ئالداۋاتسا، شۇنداقلا ئازاپقا قۇل بولغان تۇرسا قانداقمۇ ھەقىقىي ئازاپنى ھېس  قىلىپ يىتەلىسۇن . ئۇلاردا ئازاپنى يەڭگۈدەك ئىرادە يوق . ئۇلارنى چۈشكۈنلۈك ئاستا ـ ئاستا يەپ تۈگۈتىدۇ .بىراق ، ئۇلار بۇنىڭدىن خەۋەرسى يۈرمەكتە .

دۇنيادا ئەسلى ئازاپ يوق ئىدى .بىز بۇنى پەيدا قىلدۇق . ئازاپلارنىڭ ئەڭ يامىنى ئىنساننىڭ ئىنسانغا كەلتۈرگەن ئازابى .بىزنىڭ مەڭگۈ ئېچىرقاپ  تۇرىدىغان نەپسىمىز ،ساختا شۆھرەتپەرەسلىكىمز يېڭى ـ يېڭى ئازاپلارنى ئىشلەپ چىقماقتا .گاھى ئازاپلار ئىنساننى يۈكسەكلىككە ئېرشتۇرىدۇ ، گاھى ئازاپلار ئىنسانى پۈتۈنلەي يوق قىلىپ تاشلايدۇ . ئىزدىنىش روھىيغا باي ئادەملەر ئەخمەقلاردەك گەمىلەرگە يوشۇرنۋالمايدۇ ،ھاراق ۋە چېكىملىك ، مال ـ دۇنيا ،ھوقۇق ئارقىلىق ئۆزىنى بەزلەپ يۈرمەيدۇ ،ئەكسىچە ئازاپقا دادىل يۈزلىنىدۇ .ئۇلار مەڭگۈلۈك ئۈچۈن ئازاپنى ئۆزلىرىگە ھەمرا قىلىۋالىدۇ.

ناۋادا بىز ئىستەكلىرىمىز يولىدا ئازاپ چېكىشتىن قورقىساق ، ئۇنداق بۇ ئىستەكنىڭ بولمىغىنى تۈزۈك .ئازاپ بولغاشقا خوشاللىق ۋە بەخت ئىزلەش ئۈچۈن يىراقلارغا ئاتلىنىش بولغان .ئازاپ بىزنى پاكلايدۇ ،ئۇ بىزنى ھەقىقەتكە ھېرىس قىلىدۇ .ئازاپ ئارىمىزدىكى مېھىر ـ مۇھەببەتنى مۈستەككەملىدى .بىز ئازاپنى ئامەت ۋە ھاياتلىقنىڭ بىر قىسىمى دەپ قارىغان ۋاقتىمىزدىلا، ئۇنىڭ قوينىدا ھالەك بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قالىمىز .ئەقىللىق ئادەملەر ئۇنى يولىدىكى سىناق ۋە روھىينى تاۋلاشنىڭ مۇھىم پۇرسىتى قىلىۋالىدۇ . ھەقىقىي ئىنسانلا ئازاپنى چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ .ئۇنى ھېس قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن قاچماي ،ئۇنىڭ تەمىنى تېتىشنى بىلىش كېرەك. ئۇلۇغ كىشىلەر ئۇنى قۇرال قىلىپ تۇرپ ئىنسانىيەتكە بەخت ياراتتى ۋە ئۆزىنى يۈكسەك چوقىغا چىقاردى .چۈنكى ئۇلار ھەرۋاقىت ئازاپنىڭ مەركىزىدە ئىدى.  

تېما تەستىقلىغۇچى : bozqir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-11-20, 09:34
باھالاش خاتىرىسى:
  • پۇلى:+30(ئۈمىديار)
  • سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 765
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە765دانە
    تۆھپىسى: 104
    پۇلى: 975 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 215
    ياخشى باھا: 975
    توردا: 111(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-17
    ئاخىرقى: 2012-05-13
    1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-20 20:28

    يەنە بىر نەرسە ئادەمنى ھەر قانداق جاپاغا چىداشقا مەجبۇر قىلىدۇ . ئۇ بولسىمۇ دەل گۇناھ تۇيغۇسى ... ئايۇپ ئەلەيھىسسالام دەل شۇنداق گۇناھ تۇيغۇسى بولغاچ  نۇرغۇن قىسمەتلەرنىڭ بىشىغا كىلىشىدىن قورقمىدى .

    كولومبونىڭ ئىشىغا كەلسەك تۇنجى قىتىم ئامىرىكا قۇرۇقلىقىنى تاپقان كىشى ئەمەس بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ ئازاپ تۇيغۇسى ھەر قانداق كەچۈرمىشنى ئۆزگە كەلگەن   بەختى دەپ  بىلدى ، ئۇ بولسىمۇ  يەھۇدىلارنىڭ قانلىق ياش قىسمەتلىرى ...!
    [ بۇ يازمىنىيۇرتۇغ 2011-11-21 10:35قايتا تەھرىرلىدى ]
    دوستلىشىش
    ئۈمىديار
    ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
    دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 3
    ئومۇمىي يازما: 592
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە592دانە
    تۆھپىسى: 101
    پۇلى: 859 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 148
    ياخشى باھا: 805
    توردا: 291(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-17
    ئاخىرقى: 2012-05-13
    2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-21 13:43

    ئالىپ ئوغۇز ئېتقاندەك ئىنساننى يۇكسەكلىككە ئېرشتۇردىغان ئازاپنى ئىستەيمەن.
    ماقالە ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ .  جەۋھەرلەشكە كۆرسىتىمەن، قۇشۇلدىغانلار ئاۋاز بېرىڭلار .
    ئىچىمدىكى دەرتلەرنى ناخشام بىلەن تۈگەتتىم .
    سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 765
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە765دانە
    تۆھپىسى: 104
    پۇلى: 975 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 215
    ياخشى باھا: 975
    توردا: 111(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-17
    ئاخىرقى: 2012-05-13
    3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-21 16:38

    مۇنازىرە يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەندە جەۋھەرلىسەكمۇ كىچىكمەيمىز ،بولمىسا ئاپتۇرنىڭ يەنە بىزگە قىلىدىغان پېكىرلىرىنى ئاڭلىيالماي قالىمىز
    ئۆلۈمگە قاراپ ماڭدىم
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 731
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 69
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە69دانە
    تۆھپىسى: 9
    پۇلى: 217 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 18
    ياخشى باھا: 87
    توردا: 12(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-07-03
    ئاخىرقى: 2012-02-13
    4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-21 18:33

    ئامېركا قۇرقلىقىنى جۇڭگۇلىقلار تاپقان دېگەن قاراشمۇ بار ،ئەمىلىيەتتە ئامېركا قۇرقلىقىغا تۈركلەرنىڭ قەدىمقى ئەجداتلىرى بولغان ھونلار ئاۋال شىمالدىكى مۇزلۇقلاردىن ئامېركىغا ئۆتۈپ ئۇ يەردە ماكانلاشقان دېگەن قاراشمۇ بار ، يەنە بىر قىسىم مەنبەلەردە يەھۇدىلارنىڭ ئەجداتلىرى ئامېركىنى تاپقان دېگەن قاراشمۇ بار .
    سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 765
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە765دانە
    تۆھپىسى: 104
    پۇلى: 975 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 215
    ياخشى باھا: 975
    توردا: 111(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-17
    ئاخىرقى: 2012-05-13
    5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-21 19:00

    بۇ قاراشلارنىڭ پۇت دەسسەپ تۇرىدىغىنى يەنىلا ھونلارنىڭ تارىخىمىكىن ...
    دوستلىشىش
    ئەلتېكىن
    ھەممىگە توۋا ...
    دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 49
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 375
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە375دانە
    تۆھپىسى: 55
    پۇلى: 486 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 103
    ياخشى باھا: 481
    توردا: 135(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-25
    ئاخىرقى: 2012-05-14
    6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-21 22:37

    بۇرۇن كومپيۇتېر بولغان بولسا ، تاپقان چاغدىلا مۇنبەرگە خەۋەر قىلىپ يوللاپ قوياتتى دە، ھەممىمىز كىمنىڭ باشتا تاپقانلىقىنى بىلىۋالالايتتۇق.  ھەي......، ھازىر نېمە ئامال، كىتابتا كىم تاپتى دېسە شۇ دەيمىز.
    قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس._ ئەلتېكىن

    بارلىق مۇناسىۋەتلەر ماددىنى چۆرىدەپ قۇرۇلغان ئىكەن...
    سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 765
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە765دانە
    تۆھپىسى: 104
    پۇلى: 975 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 215
    ياخشى باھا: 975
    توردا: 111(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-17
    ئاخىرقى: 2012-05-13
    7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-22 08:19

    بىزنىڭ تارىخى كىتابلاردا تۈرۈكلەرنىڭ بالدۇر تاپقانلىقى قەيىت قىلىنغان ، ھەتتا ئامىرىكىدىكى ئەركىنلىك ئىلاھىنى تۈرۈكلەر مەبلەغ چىقىرىپ ياسىغانمىش دېگەندەك گەپلەرمۇ بار
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 13
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 2
    ئومۇمىي يازما: 212
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە212دانە
    تۆھپىسى: 54
    پۇلى: 411 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 88
    ياخشى باھا: 314
    توردا: 17(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-17
    ئاخىرقى: 2012-05-03
    8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-22 10:39

    زادى قايسى راست؟
    ئۆلۈمگە قاراپ ماڭدىم
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 731
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 69
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە69دانە
    تۆھپىسى: 9
    پۇلى: 217 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 18
    ياخشى باھا: 87
    توردا: 12(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-07-03
    ئاخىرقى: 2012-02-13
    9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-22 11:00

    ئالىپ ئوغۇزنىڭ بۇ ماقالىسى ماڭا ياراپ قالغانلىقى ئۈچۈن بۇنى ئىزچىل ساقلاپ كەگەن ئېدىم .ئۇنى بۇ يەرگە يوللاشتىكى مەقسەتمۇ دوستلار بىلەن بىللە بەھىر ئېلىش ئۈچۈن ئىدى .
    مەزكۈر يازما مەنچە بولغاندا گۈزەللىكنىڭ دائىرسى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئۇرنۇش بولسا كېرەك .
    ئالىپ ئوغۇز ئەپەندى ئازاپ گۈزەللىكىمۇ ؟