ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2277 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: پەلسەپە دېگەن نېمە؟
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 31
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 424
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە424دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 547 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 119
ياخشى باھا: 517
توردا: 54(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-19
ئاخىرقى: 2011-08-18
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-19 10:16

پەلسەپە دېگەن نېمە؟

   «پەلسەپە» نىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيمىز، بەجايىكى ئۇ ئىلىمىي ئىزدىنىشلەرگە ئوخشاپ كەتمەيدۇ، پەن ئېنىق تېمىغا ئىگە. پەلسەپە بارلىق شەيئىي ۋە بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ساھەمۇ قانداق؟ بىز ئۇنىڭدا ئالاھىدە تېما يوق، پەقەت ئىدىيەلا بار، دەپ ئېيتامدۇق؟
 
   پەلسەپە بىزنى  مول، ئېنىق بىلىملەرگە ئىگە قىلىدىغان پەنمۇ؟ ياكى بىر خىل پىكىر سەنئىتىمۇ؟ ئىنسانىيەتنىڭ  نەچچە مىڭ يىللىق مەنزىلى توغۇرلۇق نېمىشقا ھەر خىل پىكىرلەردە بولىمىز؟
 
   پەلسەپىگە تەبىر بېرىش شۇنىڭ ئۈچۈن  قىيىنكى، بىز ئۇنىڭ مۇددىئاسى ۋە ۋەزىپىسى ھەققىدە ھەققىدە  تۈرلۈك قاراشلارغا ئىگىمىز. بىر جەھەتتىن، بىز پەلسەپىنى بارلىق شەيئىلەرگە يېشىم بىرىدىغان ئاساسلىق بىلىم دەپ قارايمىز. يەنە بىر جەھەتتىن بىز پەلسەپىنى تۇرمۇشىمىزنىڭ يېتەكچىسى دەپ قارايمىز. ئوتتۇرا ئەسىردە كىشىلەر پەلسەپىنى ئىلاھىيەتنىڭ دېدىكى دەيتتى، ئەمدىكى كىشىلەر ئۇنى تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ياردەمچىسى دەپ قارايدۇ.
 
   «پەلسەپە» نىڭ سۆز مەنىسى «ئەقىلنى سۆيۈش» دېگەنلىكتۇر. بۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا پەلسەپە بىلىم تاشلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ياكى يۆتكەپ بېرىدىغان تاشچى ئۇستاملا ئەمەس، بەلكى بىر خىل رىغبەت ۋە تەلەپتۇر. سوقرات ئېيتىدۇكى: پەيلاسوپقا كېرەك بولىدىغىنى ئەقىل پاراسەتكە ئېرىشىش ئەمەس، بەلكى سۆيۈش.
 
   سوقرات پەلسەپىنىڭ يولىنى ئېنىق كۆرسەتتى. ئۇ «تەجرىبىدىن ئۆتمىگەن تۇرمۇشنى ياشىغىلى بولمايدۇ، شۇڭا بىز ئەقىلنىڭ يېتەكلىشىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن. مەلۇمكى، سۇئال سوراش ۋە ئىزدىنىش كەيپىياتى دەل پەلسەپىنىڭ ئاساسلىق ئامىلىدۇر. ئۇ يەنە تۇرمۇشنىڭ ئېتىكىلىق ئامىللىرىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇ پەلسەپىلەردە كۆپ تەكىتلەنگەن.
 
   ئارىستوتېل ئۆزىنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرىدە پەلسەپىنىڭ مەزمۇنىنى لايىھىلەپ چىققان. ئۇ پەلسەپىنى بىر قانچە تۈرگە بۆلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە تەڭداشسىز بولغىنى «بىرىنچى پەلسەپە» ياكى «مېتافىزىكا»، ئۇ ئەڭ ئالىي قائىدە ۋە پرىنسىپلار ھەققىدىكى بىلىملەردىن ئىبارەت. بۇنداق مېتافىزىكا تەكىتلەر پەلسەپە تارىخىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلدى.
 
   ھازىرقى ئادەملەر بىلىمنىڭ ماھىيىتىنى تەكىتلەيدۇ. كانت بىلىمنى ئىككىگە بۆلگەن. ئۇنىڭ بىرى، تەبىئىي پەنگە  ماس تەجرىبىۋى بىلىملەر؛ يەنە بىرى پەلسەپە ئارقىلىق يەتكىلى بولىدىغان ئەقلىي بىلىملەر. دەۋرىمىزدە پەلسەپە ئارقىلىق پەن ئوتتۇرىسىدا ئىنىچكە مۇھاكىمىلەر بولماقتا. ئادەتتىكى ئەھۋالدا كىشىلەرنىڭ قوغلىشىدىغىنى پەلسەپە ئەمەس، پەن . ھازىرقى زامان پەلسەپىلىرىنىڭ داغدۇغىسى ئەمەلىيەت نەزەرىيىسى. ئۇنىڭدا پەقەت تەجرىبىۋى بىلىملا  ھەقىقىي بىلىم بولۇپ، پەلسەپە پەقەت ئۇنىڭ شەرھىچىسى ۋە تەنقىدچىسىدىن ئىبارەت، خالاس.
 
   مەن شۇنداق قارايمەن: پەلسەپە پاراسەتكە تولغان روشەن بىلىملەرنى بېرىدۇ. ئۇ ئىنسانىيەت، دۇنيا، خۇدا، گۈزەل تۇرمۇش، جەمئىيەتكە ئائىت ئەقىل پاراسەتلەرنى تەقدىم قىلىپ، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە ھايات نىشانى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇ يۈزەكى ياكى پارچە پۇرات شەيىئىلەر ھەققىدىكى باشقا پەنلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
 
   يۇقىرىقىلار بويىچە بولغاندا، ھەر قانداق كىشى پەلسەپىگە كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم. پەلسەپە مۇرەككەپ مېتودولوگىيە ئالىي ماتېماتىكا ياكى نازۇك دىففېرېنسئال ۋە ئىنتېگراللارنى پۇختا بىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەتمەيدۇ. ھەقىقىي پەيلاسوپ كەم تېپىلىدىغان گۆھەر، چۈنكى مۇشۇنداق تەرتىپسىز دۇنيادا جان – دىلى بىلەن ئەقىل پاراسەت ئىزدەش تولىمۇ قىممەتلىك روھ. دۇنيا پەيلاسوپنى چاقىرىدۇ، بۇ چاقىرىق ھەر بىرىمىزدە ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى، سەندە خۇادا ئاتا قىلغان قەلب، تەڭداشسىز ھەقىقەتكە بولغان تەشنالىقلا بولىدىكەن، پەيلاسوپ بولالايسەن.
 
   ھەممە سۇئاللىرىڭغا قارىتا جاۋابنىڭ يىپ ئۇچىنى ساڭا تاپشۇردۇم. پەلسەپە بولسا فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە قاتارلىق تەجرىبىۋى پەنلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ ماتېماتىكىغا ئوخشاش سىستېمىلىق پىكىر ۋە ئانالىزلار ئارقىلىق روياپقا چىقىدىغان ئەقلىي ئىلىم. ماتېماتىكا بىلەن پەيلاسوپ ئورتاق تەجرىبىدىن تاشقىرى ھالدا ئەمەلىيەتكە قارىتا كۆزىتىشكە تايانسىمۇ بولىدۇ. ئۇلار شىرە ئالدىغا ئولتۇرۇپلا بايقاشلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ ئۇلار راھەت ئورۇندۇقتىكى مۇتەپەككۇرلار.
 
   پەلسەپە سەنئەت ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭ سەنئەتكە قارىتا يېتەكلەش رولى بولىدۇ. بولۇپمۇ دىئالېكتىكا تېخىمۇ شۇنداق. پەلسەپە ئىلاھىيەت ئەمەس، چۈنكى ئىلاھىيەت دىنىي ئېتىقادتىن كەلگەن. پەلسەپە ساۋاتلارنى چىقىش قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ساۋاتلىرىغا يوشۇرۇنغا ھەر خىل چۈشەنچىلەرنى گۈزەللەشتۈرىدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ.
 
   پەلسەپە ئالدى پەنلەردىن ئەمەس. ئۇ ئارقا پەنگە مەنسۇپ. تارىختىن مەلۇمكى، كىشىلەرنىڭ پەلسەپىگە بولغان ئىنتىلىشى لېكىن  بىز تەجرىبە بىلىملىرىنىڭ ئەركىن دۇنياسىغا يەتكەندىن كېيىن، پەلسەپە يەنىلا ئۇزۇن بىر مۇساپە ئۈستىدە كېتىۋاتقان بولىدۇ. تەجرىبە پەنلىرى پىشىپ يېتىلىپ، بەزى ساھەلەردە ئاخىرقى پەللىسىگە بېرىپ قالدى. پەلسەپە بولسا تېخىمۇ بىر بالا، ئۇ يەنە نەچچە مىڭ يىلدىن كېيىن چوڭ بولىدۇ.
مەنبە ؛ئوكيانىم.
[ yurttugتەرىپىدىن2011-03-20 09:59قايتا تەھرىرلەندى ]
ئۆرلە ۋەتەن!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 31
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 424
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە424دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 547 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 119
ياخشى باھا: 517
توردا: 54(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-19
ئاخىرقى: 2011-08-18
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-19 23:53

پەلسەپە ئىلاھىيەت ئەمەس، چۈنكى ئىلاھىيەت دىنىي ئېتىقادتىن كەلگەن ؛
..........................................................................................................
مەن غەرىبلىكلەرنىڭ ھەددىن زىيادە «كەمتەر »ماتېرىيالىست بولىۋالىدىغىنىدىن ئەپسۇسلىنىمەن ،ئەپسۇسلىنىشىم ئۇلارنىڭ   ناھايتتى كەڭ مەنىگە ئىگە ئىلاھىيەت ئۇقۇملىرىنى ماددىنىڭ تۇغۇندىسى قىلىپ ئىزاھلايدۇ ،ئۇلارنىڭ ئىزاھلىرى «توغرىدەك »قىلغان بىلەن لوگىكا نوقتىسىدىن گۈزەتكەندە خاتىلىق نىسبىتى  يۇقىرى ... لوگىكا بىزگە ھەق-ناھەق قارىشىنى تېكلەپ بەرسە ،پەلسەپە ئىنچىكە ھالىقىلارغا دېھھھھھھھھقەت قىلىشنى ئۈگۈتىدۇ.
بىز ئۇيغۇرلاردا ئۆزىنى قاچۇرۇش ،قەستەن كۆرمەسكە سېلىش ، دەردىنى ئىچىدە بىلىپ ئوبىيكتىغا ئەركەكلىك نەزىرى بىلەن قارىيالماسلىقتەك ،سۇسلۇق دەرجىسى يۇقىرى ! ئەدەبىيات -سەنئەت ،يازغۇچى ،شائىر ،داققا -دۇمباقچىلارنىڭ ئىشى دەپ قارايدۇ... ئەمىلىيەتە قايسى مىللەتتىن بولسۇن، ھەر-بىر پۇقرا  شۇل مەملىكەتنىڭ  ئەدەبىيات-سەنئىتىدە تەۋرەنگۈچى! ئۆزىگە كېرەكلىك دېتتاللارغا ئېھتىياتچان مۇئامىلە تۇتماسلىقىمىز ، بىزدە نوپۇزغا ئەھمىيەت بىرىشنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى  سۈرەتلەپ بىرىدۇ.

تالىشىدىغان يەردە تالىشىپ يازلى بۇرادەرلەر ، سىلەر ئېيتقان كاپىر  ، شەيتاننى ئارىغا تاشلىماقچى بولىۋاتىدۇ. بۇنداق ئىدىيە ئەۋلاتلارغا سىڭىپ كېرسە مۆلچەرلىگۈسىز تېراگىدىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
[ yurttugتەرىپىدىن2011-03-20 10:13قايتا تەھرىرلەندى ]
ئۆرلە ۋەتەن!
دوستلىشىش
مۇزاتبەگ
كۆلۈپ ياشىسام دەيمەن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 72
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 34
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە34دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 34 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 34
توردا: 5(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-01
ئاخىرقى: 2011-05-15
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-25 17:31

تەپەككۇردىن پەلسەپە تۇغۇلىدۇ.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 239
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 6 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 6
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-23
ئاخىرقى: 2011-03-27
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-27 19:01

مەن غەرىبلىكلەرنىڭ ھەددىن زىيادە «كەمتەر »ماتېرىيالىست بولىۋالىدىغىنىدىن ئەپسۇسلىنىمەن ،ئەپسۇسلىنىشىم ئۇلارنىڭ   ناھايتتى كەڭ مەنىگە ئىگە ئىلاھىيەت ئۇقۇملىرىنى ماددىنىڭ تۇغۇندىسى قىلىپ ئىزاھلايدۇ › بۇ سۆز  غەرپ پەلسەپەسىنى چۈشەنمىگەنلىك  ،كانىت  ،گېگىل ، جاسپېر ، ھايدىگېر نىتچشى  ....قاتارلىق نۇرغۇن داڭدار شەخسلەرنىڭ پەلسەپىسىدە مىتافىزىكا ئاساسى سالماقنى ئىگەلەيدۇ . ئۇلار روھنى بىرلەمچى ئورنغا قويغان .ھەرگىز ماددىنى ئەمەس .سىز غەپ كىتاپلىرىنى كۆپىرەك ئوقۇڭ .پەلسەپە پەنلەرنىڭ پېنى....
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 31
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 424
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە424دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 547 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 119
ياخشى باھا: 517
توردا: 54(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-19
ئاخىرقى: 2011-08-18
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-27 22:46

ئىلاھىيەت دىنىي ئېتىقادتىن كەلگەن ؛
...........................................................................................
ئۇنداقتا بۇنى نېمە دەپ چۈشەنسەك بۇلا؟

كۆپىرەك تەلىم بەرگەيسىز...
ئۆرلە ۋەتەن!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 686
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 7 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 7
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-06-17
ئاخىرقى: 2011-06-20
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-19 08:19

پەلسەپە دىگەن نىمە؟
بىز خىلمۇ خىل تەبىرلەرنى ئۇچراتتتۇق...
مەن ئاسمان، زىمىن(يۇلتۇزلار، قۇياش، ئاي ۋە تاغ-تاشلار، دەريا، دېڭىز، ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانلار قاتارلىقلار - تەبىئەت) بىلەن ئىنساننىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە  ؛ ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە (شەخىس بىلەن شەخىسنىڭ، ئادەم توپى بىلەن ئادەم توپىنىڭ، مەسىلەن گورۇھ بىلەن گورۇھ، يۇقۇرى بىلەن تۆۋەن، مىللەت بىلەن مىللەت، مەزھەپ بىلەن مەزھەپنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە )؛ ئىنساننىڭ  روھى قاتلاملىرى بىلەن بەدىنىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە؛ يۇقارقىلارنىڭ مەنبەسى ھەققىدە بىزنى ئومۇمى بىلىش بىلەن تەمىنلىگەن شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ تۈرلۈك پائالىيىتىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ياكى قىلماقچى بولغان پىكىر سېستىمىسىغا قىزىقىمەن ( مۇشۇنداق سېستىمىنى ئۇستازلىرىمىز پەلسەپە، دەپ ئۆگەتكەن ئىدى). خېلى بىر ۋاقىتلاردىن بېرى، مەن تەپەككۈر قىلىشقا قىزىقىشى بار شەخىسنىڭ چوڭقۇرلاپ تەپەككۈر قىلغانسېرى يۇقارقى مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا ئويلىنىشنىڭ تولىمۇ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ بارىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋاتىمەن.  سىز دىن توغرىسىدا بولامدۇ، مەدەنىيەت توغرىسىدا بولامدۇ، سىياسى توغرىسىدا بولامدۇ، مىللەت توغرىسىدا بولامدۇ، ئىللەت توغرىسىدا بولامدۇ... ئومۇمەن ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان بىرەر تەرەپتە چوڭقۇرلاپ پىكىر قىلماقچى، بىلىشىڭىزنى چوڭقۇرلاشتۇرماقچى، خىرە قەلبىڭىزنى يورۇتماقچى بولسىڭىز؛ تەقدىرىڭىزگە، تەقدىرىمىزگە قاراپ پەيدا بولغان تۈرلۈك سۇئاللارغا جاۋاپ تاپماقچى بولسىڭىز (ھارمىغايسىز!)، پەلسەپىنىڭ قوينىغا كىرىپ كېتىسىز.
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 643
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە643دانە
تۆھپىسى: 60
پۇلى: 813 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 121
ياخشى باھا: 763
توردا: 114(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-03-09
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-21 09:10

قېرىندىشىم قىرتاغ قىززىقىشىڭىز ئىنتايىن ياخشىكەن،سىز ھېلى ھەممۇ كۆپ كىتاپ ئوقۇڭ ۋە داۋاملىق ئىزدىنىڭ ھاياتىڭىزدا شۇنداق بىر پۇرسەتلەر كېلىدۇكى؛تۆت ئادەمنىڭ ئالدىدا مەغرۇر سۆزلەپ ھەممىنى قائىل قىلىسىز «مەيلى قانداق تېما بولسۇن» دەل سىز قائىل قىلىۋاتقان،ئاغزىڭىزدىن مارجاندەك چىقىۋاتقان ئەقىل ھېكمەتلىرىنىڭ ھەممىسى دەل يۇقۇرىدا سورىلىۋاتقان«پەلىسەپە»دۇر...چۈنكى پەلىسەپەگە نوقۇل ئۇ مۇنداق ياكى ئۇنداق دەپلا تەبىر بېرىپ قويىدىغان پەن ئەمەس...مىسالەن؛سوقراتنىڭ ھاياتىدىكى پۈتكۈل تەلىماتلىرى ئۇنىڭ پەلىسەپەسىدۇر...دېگەنگە ئوخشاش.

-سىزنى ئاللاھ ئامان قىلسۇن ...