ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 387 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بورتالادا رادىئو ۋە كىنونىڭ بارلىققا كېلىشى
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 643
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە643دانە
تۆھپىسى: 60
پۇلى: 813 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 121
ياخشى باھا: 763
توردا: 114(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-03-09
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-24 15:06

بورتالادا رادىئو ۋە كىنونىڭ بارلىققا كېلىشى

                                             بورتالادا رادىئو ۋە كىنونىڭ بارلىققا كېلىشى

                                                        ئابدۇۋەلى ھاجىتۇرسۇن ئەرتۇرا

         1894-يىللىرى رادىئو قۇبۇللىغۇچنى تۇنجى بولۇپ ئىتالىيىلىك ماكىنى < 1874-1934> دېگەن كىشى كەشىپ قىلغان بولۇپ،بۇنى ئىنسانىيەت ئېلېكتىرون مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى دىيىشكە بولاتتى،بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار ئەتىراپىدىكى ئىشلاردىن ۋە دۇنيا خەۋەرلىرىدىن ۋاقتىدا تولۇق خەۋەردار بولىدىغان بولدى.دۆۋلىتىمىزدە 1958-يىللاردىن باشلاپ رادىئو قوبۇللىغۇچ ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىغان بولۇپ،بۇ ئىشتا چوڭ سانائەت شەھىرى شاڭخەي ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى.
        مانا مۇشۇ دەۋرىدىن باشلاپ سابىق بورتالا ناھيىلىك ھۆكىمەت ئىشخانىسى ئەتىراپىدا،تۇنجى رادىئو خەۋەرلىرىنى ئۇلاپ تارقىتىش پونكىتى قۇرۇلۇپ،بۇ خىزمەتكە تۇنجى بولۇپ قاسىمجان قۇتلۇق مەسئۇل بولدى.ئۇ 1936-يىللىرى بورتالا شەھىرى بەش كېرەم مەھلىسىدە < شىۋىرغان> تۇغۇلغان بولۇپ،بورتالا شەھەرلىك << سېنتېر>> مەكتەپتە 6-سىنىپقىچە ئوقىغان.
       قاسىمجان قۇتلۇق 1955-يىلى ئۈرۈمچى رادىئو ئۇزىلىدا مۇشۇ كەسىپ بويىچە تۇنجى قارار تەربىيەلەنگۈچىلەردىن بولغاچقا ئوقۇش پۈتتۈرگەندە،شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاشلا،بىر دانە << بوغا>> ماركىلىق ساندۇقلۇق،بىر ئادەم كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە بولىدىغان رادىئوسىنى ئېلىپ بورتالاغا كېلىدۇ ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ناھىيىلىك رادىئو پونكىتىدا پونكىت باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ.ئۇ ئېلىپ كەلگەن رادىئو بورتالا تارىخىدىكى تۇنجى قاپلىق رادىئو بولۇپ،ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە چۈشتىن كېيىنلىك ئىش ۋاقىتلىرىدا،رادىئو ھەققىدىكى بىلىملەرنى يېزا-قىشلاقتىكى كاپراتسىيە ئەزالىرىغا بىر جەھەتتىن چۈشەندۈرگەچ،قويۇپ بېرەتتى.
           قاسىمجان قۇتلۇق ھەر كۈنلىكى باتىريىلىك بۇ رادىئونى دولىغا ئېسىۋىلىپ،پىيادە لەڭتەيدىكى كوپراتسىيە ئەزالىرىغا رادىئو قويۇپ بېرەتتى.ئاۋال ئۆيى چوڭراق بىرەر ئەزانىڭ ئۆيىگە نۇرغۇن ئادەملەر يىغىلاتتى،بۇ يەردە بىر-ئىككى سائەت رادىئو ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن،باشقا يەرگە يەنى بىرىنچى يېزىغا باراتتى...بۇ بىر دانە رادىئو قوبۇللىغۇچ مانا مۇشۇنداق بورتالا ناھيىسى ئىچىدە نۆۋەت بىلەن ئاڭلىتىلاتتى.بۇ خىزمەتتە قاسىمجان قۇتلۇق شەخسەن ئاكتىپ رول ئوينايتتى.مۇشۇ سەۋەپلىك كىشلەر قاسىمقان قۇتلۇقنى << قاسىمجان رادىئو>> دەپ ئاتاشقانىدى.
         1957-يىلغا كەلگەندە،بۇ خىل رادىئو ئاڭلىتىش ئۇسۇلىغا خاتىمە بېرىلىپ،ناھيىە ئەتىراپىدىكى ئىستولبىلارغا چوڭ ساندۇقلۇق كاناي بىكىتىلدى،بۇنىڭ بىلەن كىشلەر كوچىلاردىنئۆتكەندە رادىئو خەۋەرلىرىنى بىۋاستە ئاڭلىيالايدىغان بولدى.بۇ مەزگىلدىمۇ مۇشۇ رادىئونىڭ تېخنىكىلىق ۋە تارقىتىش ئىشلىرىغا يەنىلا قاسىمجان قۇتلۇق مەسئۇل ئىدى.بۇ خىل تەشۋىقان ئۇسۇلى نىسبەتەن كەڭ ئائىلىلەرگىچە ئېلىپ بېرىلمىغاچقا،بۇمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
        1958-يىللىرى بورتالادا ئېلىكتىر ئىستانسىسى بولمىغاچقا،بۇ كەمچىللىكنى تولۇقلاش ئۈچۈن،سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىككى دانە توك چىقىرىش دىۋجىكى كەلتۈرۈلدى.بۇ ئۈسكۈنە بورتالا مەركىزىدىكى رادىئو تارقىتىش پونكىتىنىڭ ھويلىسىغا بېكىتىلدى.بۇنىڭ بىلەن كوپىراتسىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆي-ئۆيلىرىگە توك سىمى تارتىلىپ كىچىك تىپلىك كاناي بېكىتىلدى ۋە رادىئو پىراگىراممىللىرى بىر تۇتاش تارقىتىلىدىغان بولدى.بۇنىڭدا كۈنىگە ئۈچ قېتىم رادىئو خەۋەرلىرى بېرىلىدىغان بولدى.بۇ ۋاقىتتا قاسىمجان قۇتلۇق رادىئو خىزمىتىگە يېتىشەلمەي قالدى.مۇشۇ سەۋەبلىك ئىككىنچى قارار ئوقۇش پۈتتۈرگەن رادىئو تېخنىكا،ئۇچۇر كەسىپىنى ئوقۇغان ياشلار ناھىيىلىك رادىئو پونكىتىغا قوبۇل قىلىنىدى،بۇلار ئابدۇقادىر،پاشاخان،ھۆرنىساخان ۋە شاڭخەيدىن كەلگەن بىر خەنزۇ قىز قاتارلىقلار ئىدى...
            بۇخىل تارقىتىش ئۇسۇلى 1979-يىلغىچە داۋام قىلىپ،1980-يىللىرى ئەمەلدىن قالدۇرىلدى.شۇنىڭدىن كېيىن ھەرخىل شەكىلدىكى زامانىۋىي رادىئو قوبۇلغۇچلار ياسىلىپ چىقىشقا باشلىدى.بۇنىڭ بىلەن ھەممە ئكيلەردە رادىئو ئاڭلاشقا بولىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.
           قاسىمجان قۇتلۇق 1985-يىلى ئۆكتەبىردە 1955-يىلدىن 1985-يىلغىچە ش ئۇ ئا ر رادىئو خىزمىتىنى 30 يىل ياخشى ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق كومىتىتى،ش ۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى نامىدىن شەرەپ مېدالى بېرىلدى.1986-يىلى ش ئۇ ئا ر رادىئو تېلېۋىزىيە نازارىتى قاسىمجان قۇتلۇقنى << رادىئو -تېلېۋىزىيە سېپىدىكى ئىلغان خىزمەتچى >> دېگەن شەرەپ گۇۋانامىسى بىلەن مۇكاپاتلىدى.
         مانا مۇشۇنداق يۇرتىمىزنىڭ رادىئو خىزمىتى ئۈچۈن ئايانماي بىر ئۆمۈر خىزمەت قىلغان بۇ تۆھپىكار 1992-يىلى 56 يېشىدا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.
         كىيىن قاسىمجان قۇتلۇقنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ يۇرتىمىزدا يەنە نۇرغۇنلىغان مۇشۇ ساھەدىكى كەسىپ ئەھلىللىرى يېتىشىپ چىقتى.بۇلارنىڭ بىرى ئىككىنچى يېزىدىكى داڭلىق رادىئو تېخنىكى ياسىنجان << 1937-2007>> بولۇپ،بۇ كىشى روس تىلى ئارقىلىق بۇجەھەتتىن مەخسۇس تەلىم ئالغان بولغاچقا مول رادىئو بىلىملىرىگە ئىگە ئىدى.
          رادىئو تېخنىكىسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ بورتالادا كىنوچىلىق كەسىپىمۇ تېز يۈكسىلىشكە باشلىدى.لەڭتەيدىن مەمەت قادىر << 1912-1980>>،ھېلال تاتلىق << 1931-2001>>،ھەيتاخۇن كىنوچى،شىۋىرغان مەلىدىن ئابلەت كىنوچى قاتارلىق كىشلەر بورتالا كىنوچىلىقىنى بارلىققا كېلىشىگە ئاساس سالدى.ئۇلار شارائىتنىڭ ناچار لىقىغا قارىماي مەلىمۇ-مەلە يۈرۈپ كىنو قوياتتى.دەسلاپكى كىنو مەكتەپ زالىدا،مەيدانلاردا قويۇلغانىدى،بۇ خىل ئەڭ دەسلاپكى كىنو خەندەن < ئاۋازسىز كىنو> دەپ ئاتىلاتتى.كىنو سۆزىنى ئېكرانغا چىققان تەسۋېرى مەنزىرگە ئاساسەن كىنوچى كىتاپقا قاراپ يۇقىرى ئاۋازدا ئۆزى سۆزلەپ  بېرەتتى.ئاپرات يوغان ساندۇقلۇق بولۇپ،ئىگىز تۆت پۇتى بار ئىدى،بۇ كىنونىڭ تەسۋىرى ئاپرات ساندۇقى ئىچىدىكى گازۋاي لامپا نۇرى ئارقىلىق ئىكرانغا چۈشۈرلەتتى.كېيىن كىنوچى سۈرئەتكە قاراپ كىنو ۋەقەلىگىنى تاماشىبىنلارغا ئۆزى  سۆزلەپ بېرەتتى،ئاۋازسىز كىنو 1950-يىللىرىدىن باشلاپ بەيدا بولغان بولۇپ،1960-يىلىرى بار ئىدى.كېيىنكى كىنو تەرەقىيەتىدا ئاپراتقا دۈۋجىك بىلەن توك يەتكۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىندى.بۇلاردىن كېيىنكى كىنو ئاپراتى توك بىلەن ھەركەتلىنىدىغان ئاپتىماتىك چاسىلىق كىنو بولۇپ بۇنى ھازىرقى كىنو-تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنىڭ دەسلاپكى مۇقەددىمە ھالىتى دېيىشكە  بولاتتى.

      -مەنبە؛<< بورتالا گېزىتى>>
باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 674
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە674دانە
تۆھپىسى: 95
پۇلى: 866 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 197
ياخشى باھا: 866
توردا: 98(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-03-12
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-24 15:46

ئۇچۇرچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قۇشقانلارغا ھەم ئائىلە تاۋاباتىغا  سالاملار بولسۇن ...
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 732
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 129
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە129دانە
تۆھپىسى: 30
پۇلى: 239 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 40
ياخشى باھا: 179
توردا: 18(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-07-03
ئاخىرقى: 2012-03-12
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-24 18:24

بۇ ئەسەرنىڭ يۇرتىمىزنىڭ ئۇچۇرچىلىق تارىخىنى بىلىشتە قىممىتى بار ئىكەن  
دوستلىشىش
مېھرىگىياھ
خۇدادىن باشقا ھەممىدىن قورقىمەن!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 19
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 4
ئومۇمىي يازما: 261
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە261دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 519 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 68
ياخشى باھا: 329
توردا: 88(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-18
ئاخىرقى: 2012-03-12
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-24 21:25

بۇرۇن ئوپچە ئولتۇرۇپ كۆرگەن بەزى كىنونىڭ مەزمۇنىنى ھازىرمۇ ئەسلىيەلەيمەن