ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 919 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قەشقەر ۋىلايىتى
دوستلىشىش
نازاكەت
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1048
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 9
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
تۆھپىسى: 7
پۇلى: 23 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 14
ياخشى باھا: 23
توردا: 7(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-04-24
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-27 20:13

قەشقەر ۋىلايىتى

رەسىم:
قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى: قەشقەر ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننى غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى خوتەن ۋىلايىتى، غەربىي شىمال تەرىپى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، شەرقىي شىمالىي ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. قەشقەر ۋىلايىتىگە قەشقەر شەھىرى، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى، يېڭىسار ناھىيىسى، پوسكام ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى، قاغىلىق ناھىيىسى، مەكىت ناھىيىسى، يوپۇرغا ناھىيىسى، پەيزىۋات ناھىيىسى، مارالبېشى ناھىيىسى ۋە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى قارايدۇ.
قەشقەر ۋىلايىتى غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا قاراپ قىيپاش بولۇپ، غەربىي جەنۇبى قىسمى قارا قۇرۇم تېغى، ئوتتۇرا قىسمى زەرەپشان دەرياسى ئېقىن تىنما تۈزلەڭلىكى، شىمالىي قىسمى قەشقەر دەرياسى ئېقىن تىزما تۈزلەڭلىكى، شەرقىي قىسمى تەكلىماكان قۇملۇقى، سۇ بايلىقىدىن زەرەپشان دەرياسى، قەشقەر دەرياسى، تىزناپ دەرياسى قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقىدىن تۆمۈر، چىرىمتال، گەج، سېرپېنتىن، نېفىت، تەبىئىي گاز، تاشپاختا، بېرليانت قاتارلىق 67 خىل بار. ئۇنىڭ ئىچىدە گەج زاپىسى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ياۋايى ھايۋاناتلاردىن يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، ئۇلار، سۇغۇر قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈكلەردىن چۈچۈكبۇيا، قانتېپەر، چاكاندا، تاغ لەيلىسى كىرەش قاتالرىقلار بار. قەشقەر ۋىلايىتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق، ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىمغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.7 سېلتسىيە گرادۇس، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 70 مىللىلېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2700 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە قىروسىز مەزگىلى 240 كۈن.
قەشقەر شەھىرى
قەشقەر شەھىرى قەشقەر دەرياسى دېلتىسىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قىسمىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرق، شىمال، غەرب تەرىپى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 13 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئارىلىقى 19 كىلومېتىر، شەھەر رايونى كۆلىمى 15.5 كۋادرات كىلومېتىر، قارمىقىدا 3 يېزا، 4 مەھەللە باشقارمىسى، 57 ئاھالىلەر كومىتېتى، 37 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1473 كىلومېتىر، 1995 - يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 243 مىڭ 600 بولۇپ، ئۇيغۇرلار 74.94 پرسەنتنى، خەنزۇلار 23.93 پرسەنتنى، باشقا مىللەتلەر 1.09پرسەنتنى تەشكىل قىلىدۇ.
يەر تۈزۈلۈشى: شىمال تەرىپى ئېگىز، جەنۇب تەرىپى پەس، تارىختىن بۇيان ئېقىنلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشى، تىنىشى بىلەن يەر تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ بولۇپ كەتكەن. تەۋەسىدە قىزىل دەرياسى، تۈمەن دەرياسى بار. ئۇنىڭ يىللىق ئېقىن مىقدارى 2 مىليارد 185 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك يەر ئاستى زاپاس سۇ مىقدارى 67 مىليون كۇب مېتىر، قەشقەر شەھىرى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.7 سېلتسىيە گرادۇس.
قەشقەر شەھىرى ئىقتىسادىي جەھەتتە سانائەتنى ئاساس قلىدۇ. سانائىتى توقۇمىچىلىق سانائىتى، بوياقچىلىق، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، خىمىيە سانائىتى، خۇرۇمچىلىق، يېمەكلىك، كىيىم- كېچەك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ماشىنسازلىق ۋە رېمونتچىلىق، مەتبۇئات ۋە ئەنئەنىۋىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق 20 خىلدىن ئاشىدۇ. شەھەر ئەتراپى رايونى شەھەر ئاھالىسى يېزا ئىگىلىكىدە «كۆك تاق» بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كوممىقوناق، شال، كېۋەز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. قەشقەر شەھىرىنىڭ ئۇل مۇئەسسەلىرى بىر قەدەر ياخشى، دۆلەت تاشيولىنىڭ 314 - لىنىيىسى شەھەر ئىچىدىن ئۆتىدۇ. شەھەر - يېزا يوللىرى گىرەلىشىپ بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن. ئۈرۈمچىگە ھەر كۈنى نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناپ تۇرىدۇ. پۈتۈن ۋىلايەتنى قاپلىغان، پۈتۈن مەملىكەت ۋە خەلقئاراغا تۇتاشقان زامانىۋىي خەۋەرلىشىش تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.
بۇ بىر قەدىمىي شەھەر 11 - ئەسىردىن بۇيان، ناخشا - مۇزىكا ماكانى دېگەن نامى بار، كلاسسىك مۇزىكا «12 مۇقام» ئۇيغۇر مۇزىكىسىدىكى قىممەتلىك بايلىق، يەنە ئاممىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە سازاۋەر بولغان «قەشقەر سەنىمى»، «دولان ئۇسسۇلى»، «ساما»، «مەشرەپ» قاتالرىقلار ھازىرغىچە كەڭ تارقىلىپ كەلمەكتە.
مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ھېيتكاھ جامائەسى، ئاپئاق خوجا مازىرى، ئىپارخان مازىرى، بەنچاۋ قەلئەسى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى قاتارلىقلار بار. 1986 - يىلى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى قەشقەر شەھىرى دۆلەت دەرىجىلىك مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى قىلىپ بېكىتىلدى.
تېما تەستىقلىغۇچى : ئۈمىديار
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-11-27, 13:36
دەرىجە: بىكەت باشلىقى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 261
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە261دانە
تۆھپىسى: 111
پۇلى: 1291 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 122
ياخشى باھا: 372
توردا: 118(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-16
ئاخىرقى: 2012-10-28
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-28 23:01

ئانا زىمىن ، ئەزىزانە قەشقەر