رادىئو تېلېۋىزىيە ئىدارىسى:
تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ھەر قىسمىدا ھەر خىل شەكىلدە ئېلان قىستۇرۇشقا بولمايدۇ، دەپ ئۇقتۇردى
شىنخۇا تورى 28-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، 28-نويابىر رادىئو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى «‹رادىئو-تېلېۋىزىيە ئېلانلىرىنى قويۇشنى باشقۇرۇش چارىسى› نىڭ تولۇقلىما بەلگىلىمىسى» نى تارقىتىپ، 2012-يىلى1-ئاينىڭ1-كۈنىدىن باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسسىلىرى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى قويغاندا، ھەر قىسىم تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارىلىقىدا ھەر قانداق شەكىلدىكى ئېلان قىستۇرۇپ قويماسلىقىنى قارار قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، «تولۇقلىما بەلگىلىمە» دە «رادىئو-تېلېۋىزىيە ئېلانلىرىنى قويۇشنى باشقۇرۇش چارىسى» (2010-يىلى1-ئاينىڭ1-كۈنى يولغا قويۇلغان) دىكى 17-ماددا «تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى قويغاندا، ھەر قىسىم تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارىلىقىدا ھەر قانداق شەكىلدە ئېلان قىستۇرماسلىق» دەپ ئۆزگەرتىلگەن. شۇنداقلا ئېنىق قىلىپ، بۇ بەلگىلىمە 2012-يىلى1-ئاينىڭ1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ دەپ ئېيتىلغان. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، يېڭى سىياسەتنىڭ ھەقىقىي ئىجرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 28-نويابىر، رادىئو -تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى يەنە مەخسۇس (« ‹ رادىئو-تېلېۋىزىيە ئېلانلىرىنى قويۇشنى باشقۇرۇش چارىسى› نىڭ تولۇقلىما بەلگىلىمىسى» نى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش) نى تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسسىلىرىنىڭ 2012-يىللىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىستۇرما ئېلانلىرى بۆلىكىنى تېزدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پىروگرامما ۋە ئېلانلارنى قايتىدىن رەتكە تىزىشنى تەلەپ قىلغان. ھەمدە ھەر دەرىجىلىك رادىئو-كىنو مەمۇرىي تارماقلىرىدىن ھەر دەرىجىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ ئەمىللەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى، داۋاملىق ئېلان قىستۇرغان تارقىتىش ئاپپاراتلىرىنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە كەسكىن بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. مەنبە: تېڭشۈن تورى
ئەلتېكىن تەرجىمىسى
[ بۇ يازمىنىنازاكەت 2011-11-29 22:08قايتا تەھرىرلىدى ]