ئون تىيىنگە ئېرىشسەم خاسىڭتاڭ يەيدىغان، كۆك ئۆستەڭدە سۇغا چۆمۈلۈش، سىياسى كېڭەشنىڭ بېغىغا ئوغرىلىققا چۈشۈش ھەممىدىن بەك كۆڭۈلنى شادلاندۇرىدىغان كىچىكلىكنى سېغىنىپ قالدىم.
مۇئەللىم سورىغان سوئالغا توغرىراق جاۋابنى بېرىۋالغانلىق، ئىمتاھاندىن 60 نومۇر بىلەن ئۆتۈۋالغانلىق، تەنتەربىيە دەرىسىدە بىر توپنى كېلىشتۈرۈپ ۋارتارغا ئۇرۇۋالغانلىق بىلەن ئالەمچە خۇشال بولىدىغان بالىلىقنى سېغىنىپ قالدىم.
چىرايلىق قىزلار بىلەن پارتىداش بولۇش، قىممەترەك باھالىق كىيىم كىيىش، يېڭىچە پوسوندا چاچ ياسىتىش ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشقا ئايلىنىپ قالىدىغان ئۆسمۈرلۈكنى سېغىنىپ قالدىم.
يەنە دېسەم، كالا بېقىپ، قارتا ئويناپ، بەزىدە خەق تاشلىۋەتكەن تاماكىنى چىكىشىپ ئۆتكۈزگەن شۇ بەڭۋاش كۈنلەرنى ئەجەپ سېغىندىم.
چوڭ بولۇپ، نۇرغۇن نەرسىنى بىلدىم، نۇرغۇن نەرسىگە ئېرىشتىم دېگەن بىلەن، بالىلىقتىكى شۇ تۇيغۇلارنى يوقىتىدىغان گەپكەن. ھەممىنى بىلسىمۇ، ھەممىگە ئېرىشسىمۇ، بىر تال خاسىڭتاڭ يېگەنچىلىك ياكى مەنىسى گۇڭگا بىر ئايەتنى يادلىغانچىلىك قانائەتلىنىش ھېسىياتى پەيدا بولمىسا، نېمىگە پايدىسى؟ دائىم ئاچتەك يۈرۈش، قاتتىق ئاچتەك يۈرۈپمۇ كۆڭۈل ھېچنىمىنى تارتماسلىق ياكى تارتسىمۇ ھېچنىمىگە تويماسلىقتەك ئاقىۋەت بىلەن توغرا ئىش قىلسۇن ۋە خاتا ئىش قىلسۇن، ئوخشاشلا خۇشاللىق ھېس قىلىشنىڭ قايسىسى ياخشى بولۇشى مۇمكىن؟
ئېچىرقاپ كەتتىم! قاتتىق ئۇسسىغاندەكمۇ قىلىمەن، لېكىن زەمزەم ئىچسەممۇ ئۇسسۇزلۇقۇمغا قانمايمەن. قاتتىق ئاچلىقتا قالغاندەكمۇ قىلىمەن، لېكىن لەھەڭنىڭ جىگىرىنى يىسەممۇ بەرىبىر تويمايمەن.
ئوتتا كۆيسەممۇ، تومۇزدا سايىدىساممۇ ئاچلىقىمنى ئۇنتۇيالماسمەن. جاھان ئەھلى ئۈچۈن تەييارلانغان ئەڭ ئېسىل نېمەتلەرمۇ، ئەڭ يۈكسەك ئىلتىپاتلارمۇ ۋۇجۇدۇمنى ئاچلىقتىن زادىلا قۇتۇلدۇرۇپ قالالمايدىغاندەك ھېس قىلىمەن. شېرىن شەربەتلەر، ئېسىل مەيلەر، چىرايلىق كىيىملەر ۋە باشقا ماددىي تەن ئۈچۈن ھازىرلانغان ھۇزۇرلىنىش ئوبيېكتقا ئەمەس، بەلكى ۋۇجۇدۇمدىكى ئىپادىلەپ بولغۇسىز ئاچلىقنى تويدۇرىدىغان بىر نەرسىگە بەك مۇھتاجلىقىمنى، ئەگەر ئۇنىڭغا يېتەلمىسەم زادى قانائەت تاپالمايدىغانلىقىمنى چۈشىنىۋاتىمەن .
مۇھتاج نەرسەمنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمەن. لېكىن شۇنى بىلىپ تۇرىمەنكى، ئەتراپىمدا مەۋجۇت نەرسىلەر ئىچىدە ھېچبىرى چۇقۇم مەن مۇھتاج بولۇۋاتقان نەرسە ئەمەس.
بەلكىم ۋۇجۇدۇمدا بولۇۋاتقىنى بىر خىل سېغىنىش. دەرىجىدىن تاشقىرى سېغىنىش. كۆرسەممۇ قانمايدىغان، سۆيسەممۇ قانمايدىغان بىر خىل سېغىنىش. تەلتۆكۈس قوشۇلۇپ كېتىشنى، يۇغۇرۇلۇپ كېتىشنى ئىستەيدىغان سېغىنىش! بۇنداق سېغىنىش ئالدىدا باشقا بارلىق سېغىنىشلار بەكمۇ خىرەدۇر.
كىمنى سېغىنىمەن؟
ئۇيقۇ-ئويغاقلىق، ھەرىكەت ۋە جىملىق ئىچىدىمۇ ئۇنتۇيالمايدىغان، ماڭسام نىشانىم، تۇرسام ماكانىمغا ئايلانغان، تارتىش كۈچى شۇ قەدەر دەھشەت نېمە ئۇ؟
بەلكىم ئۇ، گويا ئۆزى سۆيۈلگىنىدەك، ئۆزىگىمۇ سۆيگۈ ئىستەيدىغان بىرى. بەلكىم ئۇنى سۆيگەنلەرگە باشقا ھېچنەرسە تېتىمىغاندەك، ئۇنىڭغىمۇ سۆيگۈدىن باشقىسى تېتىمايدۇ. بەلكىم ئۇنىڭ تارتىش كۈچى غايەت يۇقىرى بولغاندەك، ئۇنىڭ سىغىمى ھەم شۇنچە چوڭ بىرى.
بەلكىم ئۇ، ئايدىن ئاپئاق، نۇردىن يورۇق، مۇھەببەتتىن چوڭقۇر، ياخشىلىقتىن گۈزەل بىرى. زاتىدا بىر تال چېكىتچىلىك يامانلىق ۋە داغ بولمىغان، خۇلقىدا غەزەپ ۋە چېچىلاڭغۇلۇقتىن ئەسەر بولمىغان، مۇھەببىتىدە قىلچىلىك گۇمان ۋە تۇمان بولمىغان بىرى.
بەلكىم ئۇ، يامانلارنى ۋە يامانلىقنى مەڭگۈ قوبۇل قىلالمايدىغان، غەزەپنى ۋە نەپرەتنى سىغدۇرالمايدىغان، بىرلا قېتىم سۆزلەيدىغان، مەڭگۈ ئالدىغا چامدايدىغان، پەقەتلا سۆيگۈ ئىستەيدىغان بىرى.
[ بۇ يازمىنىنازاكەت 2011-11-29 21:42قايتا تەھرىرلىدى ]