ئەگەر بىرى سىزدىن: «دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك ۋ ئەڭ مەڭگۈلۈك نەرسە نېمە؟» دەپ سورىغاندا، سىز قانداق جاۋاب بېرىسىز؟
بايلىقمۇ؟ ئۇ پەقەت ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ۋە دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ قاراڭغۇلاشتۇرۋەتكەن؛ مۇھەببەتمۇ؟ قانچە قىسقا گۈزەللىك ئۇنى مۇرەككەپلەشتۈرۋەتكەن.... لېكىن ئۇنىڭ جاۋابى نەق بىز دائىم ئېتىبارغا ئالمايدىغان، مەرۋايىتتەك مەڭگۈ چاقناپ تۇرىدىغان ____ تۇغقانلىق مېھرى.
ئاكا-ئىنى، ئاچا-سىڭىل، ھەتتاكى تاغا-ھامما ئوتتىرىسىدىكى تۇغقانلىق مېھرى ئىچىدە ئەڭ سەمىمىي، ئەڭ مۇقەددەس بولغان تۇغقانلىق مېھرى. ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى مېھىردۇر.
بىر بوۋاق ئاتا-ئانىسىنىڭ مىڭلىغان تەلمۈرىشىدە بۇ دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ غەمغۇرلىقى ئاستىدا بەختلىك بالىلىق دەۋرىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارزۇ-ئۈمۈدلىرى ئاستىدا مەكتەپ ھاياتىغا قەدەم قويىدۇ. ئەتىگىنى قۇياش تېخى كۆۈرۈلمىگەندە، ئاشخانىدا بالىلىرى ئۈچۈن ناشتىلىق تەييارلاۋاتقان ئانىلار، دەتلىك يېشىنى يۇتۇپ، ئوقۇش ئۈچۈن ئاتلانغان ئوغلىنى ئۇزاتقان ئاتىلارنى ئويلىسام، قەلبىمدىكى قىزغىن تۇغقانلىق مېھىر ئېتىلىپ چىقاتتى.
تۇغقانلىق مېھىرى تارىخى ۋە زىمىن چىگرىسى يوق، ئۇ ئىنساننىڭ ئورتاق ھېسسىياتى، بىردىنبىر مەنبەسى، ئۇ يۈرەكلەرنى باغلاپ تۇرغۇچى چەكسىز رىشتە.
21-ئەسىرگە قەدەم قويۇشىمىز بىلەن بىرگە، رېئال تۇرمۇشدىكى مېھىر-مۇھەببەت ئەمەس، تۇغقانلىق مېھىرمۇ بارا-بارا سۇزلاشماقتا. پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، يېڭى-يېڭى زامانىۋى ئۆسكۆنلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەر ئوتتۇرىسدىكى ئارلىقىنى يېقىنلاشتۇردىيۇ، لېكىن مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرغىنى يوق. تۇغقانلار ئارا، دوست-ئاغىنىلەر ئارا تېلفون، كومپيوتېر بىلانلا ئەھۋاللىشىپ ئۆتۈپ كېتىپ بارىمىز. بەزىلەر ئالدىراشچىلىقتا ھەتتا بىر تېلفوننىمۇ ئۆز ئاتا-ئانىسىغا .ئورۇپ قويغىنى يوق. كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سەمىمىيەت، ئۆز-ئارا ئىشىنىش بارا-بارا غايىپ بولماقتا. مەن كەلگۈسىدىكى تۇرمۇشنى تەسەۋۋرۇ قىلىشتىن قورقىمەن. مېھىر-مۇھەببەت، تۇققانلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھىرنىڭ بۇ جەمئىيەتتە غايىپ بولۇشىدىن تېخىمۇ تېخىمۇ قورقىمەن.
بىزگە تولۇپ تاشقان ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن ھايات بەرگەن ئاتا-ئانىمىزغا مىننەتتارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. يالغۇزلۇقتا ھەمرا بولغان، جاپا-مۇشەققەتتە بىرگە بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىشىمىز. بىزگە بەخت تىلەپ، غەمغۇرلۇق قىلغان بوۋا-مومىلىرىمىز، بارلىق تۇغقانلاردىن مىننەتتار بولۇشىمىز لازىم.
تەرەققىيى قىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىزگە ئەسقاتىدىغان مەرۋايىت، بايلىق ئەمەس، مۇۋاپپىقىيەت ئەمەس، تۈگىمەس خىزمەت ئەمەس. بەلكى، ئاشۇ جاپا-مۇشەققەت بىلەن بىزنى چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىلىرىمىزنى يوقلاپ تۇرۇش، ئۇلارغا يالغۇزلۇقنى ھېس قىلغۇزمايلى.
بىز تۇغقانلىق مېھرىنى مەڭگۈ بىر-بىرىمىزنى ئۇتۇپ قالماسلقيمز، ئاتا-ئانىغا بولغان مىننەتتارلىقنى ۋە جاۋاب قايتۇرۇشنى دەۋەت قىلىمىز. مەيلى ئۇ ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن، ئۇ ساڭا ھايات ئاتا قىلغۇچى ئىنسان، سېنى جاپا-مۇشەققەتنى يېڭىپ دەس تۇرغۇزىدىغان ئادەم.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئاتا-ئانىمىزمۇ قېرىيدۇ. غېرىبسىلىنىدۇ، بىزگە مۇھتاج بولىدۇ. ئاتا-ئانىمىزنى كۆپ يوقلاپ تۇرايلى. بۇ چاقنىتىش مەڭگۈ بىزگە ھەمنەپەس بولسۇن. ياڭراق سادايىمىزنى ياڭرىتايلى. مېھىر-مۇھەببەت مەڭگۈ گۈللىسۇن، مەڭگۈ ياشنىسۇن.