نىمە دەپ باشلىشىمنى بىلەلمىدىم ، بۇ ماقالىنى باشلىغىنىمدا قوللىرىم ئىختىيارسىز تىتىرەپ كەتتى ، نېمىشقىدۇ تۇيۇقسىز كۆڭلۈم پارىشانلىققا چۆمدى ، ئويلايمەن ، خىيال سۈرىمەن ، بىر تۇرۇپ خۇشاللىققا چۆمگەن ئائىلەمنى ، بىر تۇرۇپ غەشلىككە تولغان ئائىلەمنى ئەسلەيمەن ، بۇ ئەسلەش مېنى كۆڭۈلسىزلىككىمۇ ، خۇشاللىققىمۇ ئېرىشتۈرىدۇ .
تېڭىرقاپ قالدىم ، نېمە ئۈچۈن خۇشاللىقىم بىردەملىك ، كۆڭۈلسىزلىك مەڭگۈ كۆڭلۈمدە ئۆچمەس زىدە بولۇپ قالىدۇ ، مۇشۇ بىر ئۆمۈرلۈك كۆڭۈلسىزلىكمۇ نېمىشقا ئۇنتۇپ كەتكىم كېلىدۇ ، نېمىشقا ئەسلىگىم كېلىدۇ ، ئەپسۇسلىنارلىقى ئازاپلىنىمەن . مەندىكى ئاتىسىز قېلىش مېنى تولىمۇ ھاردۇردى . ئاتامنىڭ « سودا قىلىپ كېلەي » دېگەن گەپ بىلەن يۇقاپ كېتىپ ، مېنى ئاتىسىز دەرىجىدە ئىرادىسىز قىلىۋەتتى ، بۇ ئىرادىسىزلىك ماڭا يۈك قىلىپ قويدى ، نىشانسىز قالغان قەلبىم ئانامنى ئازاپلىغان بولسا كېرەك ، ئانامنى ئاجىزلاشتۇردۇم ، ئەي ..... توۋا دەيمەن ، نېمىشقا ئاتام بىر ئېغىز گەپ بىلەن چىقىپ كېتىپ ، مېنى ۋە ئانامنى ئىزدەپ قويمايدۇ ، نېمىشقا بىرەر قېتىم مەن تېخى مەۋجۇت دېگەن گەپنى بىزگە ئاڭلاتمايدۇ ، نېمىشقا ئازاپلانغان كۆڭلۈمنى تېخىمۇ ئازاپلايدۇ ، نېمىشقا نىگارسىز قالغان ئانامنى يۈرەكسىز قىلپ قويىدۇ ، ئەگەردە ئاتامنى بىر كۆرۈپ باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتسام نە ئارمىنىم يوق ھە ! ھەي ئاتا مېنى ياد ئېتەرسىزمۇ ؟ مېنى بالام دەپ ئىزدەپ باققانسىزمۇ ؟ ئائىلەم دەپ بىرەر قېتىم ئويلاپ باققانسىزمۇ ؟ مېنى ۋە ئانامنى سىغىندىڭىزمۇ ؟ بىزنى قانداق تۇرىۋاتقاندۇ دەپ ئويلىغانسىزمۇ ؟ كىچىكىمدە مېنىڭ نەزىرىمدە ۋاپاسىز ، ۋىجدانسىز ، شەخسىيەتچى ئاتا ئىدىڭىز ، ئۇ ۋاقىتتا سىزنى ھۆرمەتلەي دېسەممۇ ، ھۆرمەتلىمەيتتىم ، سىزنى ماڭا ھاياتلىق بەرگىنى بىلەن مېنىڭ ئاجىز كۆڭلۈمگە ئۆچمەس قاراڭغۇلۇق ۋە ئازاپ قالدۇردى دەپ قارايتتىم ، لېكىن ھازىر بولسا دادامنىڭ يوقلۇقى مېنى قەيسەرلىكنى يېتىلدۈرگەن بىر پۇرسەت دەپ قارىدىم ، بەلكىم دادامنىڭ دېگىلى بولمايدىغان ھەسرەتلىرى باردۇر دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىشنى ئۆگەندىم ، يېزىپ بۇ يەرگە كەلگەندە نىگارسىز قەلبىمدە قايىتىدىن يۇرۇقلۇق ئەكىس ئەتتۇرۇلىدى . بۇ ئەكىس ئەتتۇرۇش يەنە بىر دادامنى كۆز ئالدىمدا نامايەن قىلدى . بۇ ئاتام پەيدا بولغاندىن كېيىن غۇبارىسىز يۈرىكىم خىلى ئەمىن تىپىپ قالدى . ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ماڭا بىر كۇيۇمچان ئاتا بەرگىنى مېنىڭ كۆڭلۈمنى يايرىتىۋەتتى . كۆڭلۈمنىڭ ئەمىن تىپىشىنى ئانامنىڭ غۇبارسىز دىلىرى قايتىدىن تىرىلگەندەك ، كۈچلۈك جانىغا ئىگە قىلدى . ئاتامنىڭ ماڭا بەرگەن مىھىر-مۇھەبىتى ، مېنىڭ دىلمدىكى شۇ قاراڭغۇلۇققا ، يورۇقلۇق ئاتا قىلدى. تومۇردا ئاققان قانلىرىمنى راۋان يۈرگۈزدى . بۇ مۇھەببەت مىنى ئشەنچكە ئىرىشتۈردى .بۇئشەنچ مىنى چەبدەسلىك بىلەن ئالغا ئلگىرلەشكە ،ئانامنىڭ پەرىشان كۆڭلۈنى خاتىرجەم قىلغانلىقىنى بىلگەن ۋاقىتتا، بۇرۇنقىدەك چىراغ ئۆچۈپ قالغاندا شام يىقىپ ئولتۇرماستىن قەلبىمىزنى يورتىدىغان ئۆچمەس نۇرنىڭ بارلىقىنى بىلگەن ۋاقتىمدا قەلبىم خۇشاللقتىن ئىتىلىپ كەتكۈدەك بولىدۇ ،لىكىن بۇ قەلبىمنى يورۇتقۇچى ئۆز ئاتام بولغان بولسا نە قەدەر ياخشى بولغان بولاتتى ھە !يەنە ئىختىيارسىز باشقىلارنى ئويىلاپ قالىمەن ،بەزى بالىلار ئۆز ئاتا –ئانىسى بىلەن بىللە بولسىمۇ ئۇلارنى قەدىرلىمەيدۇ ،نىمىشقىدۇر ؟ئەگەر بۇ قەدىرلەيدىغان پۇرسەت مەندە بولغان بولسا ئاتامغا بولغان بالىلىق بۇرچۇمنى ئاتا قىلسام نە ئارمان ھە!ئەي بولدى ،ئۇلارنى ئويلىماي ،ھازرىقى سۆيۈملۈك ئاتامنى قەدىرلەي ،ئاتا .سىز مىنى باغىرىڭىزغا باسقاندەك مەنمۇ سىزنى مەڭگۈ قەلبىمدە سۆيىمەن . رەھمەت سىزگە كۆيۈملۈك ،سۆيۈملۈك ئاتا ،مەن سىزنى ئۆز ئاتامدىنمۇ بەكرەك ئەزىزلەيمەن ھۆرمەتلەيمەن .تىرشىپ سىزنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمۈدلىرڭىزنى ئاقلايمەن. سىزگەچىن كۆڭلۈمدىن بىر جۈملە سۆز دىگىم بار :رەھمەت سىزگە جان ئاتا.
7-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق1-يىللىق4-سىنىپ
زۈبەيدە تۇرسۇن
زىبا 14