ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 361 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: زەلىلىنى ئىزدەيمەن!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1088
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
تۆھپىسى: 1
پۇلى: 4 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 2
ياخشى باھا: 4
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-02
ئاخىرقى: 2012-03-31
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-02 16:27

زەلىلىنى ئىزدەيمەن!

mohtiram dostlar! manga uyghur kilassikliridin zalilining gazalliri lazimti,mumkin
bolsa torga yolligan bolsanglar,kop taxakkur


مۆھتىرەم دوستلار،ماڭا ئۇيغۇر تەۋەرۈكلىرىدىن زەلىلىنىڭ غەزەللىرى لازىم ئىدى،مۈمكىن بولسا تورغا يوللاپ بەرسەڭلار،كۆپ تەشەككۇر!
بوز قىر مۇخبىرى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 270
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 86
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە86دانە
تۆھپىسى: 43
پۇلى: 173 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 88
ياخشى باھا: 173
توردا: 16(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-03-29
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-02 19:10

زەلىلىنى ئىزدەيمەن! دېسە مەن ئادەم ئىزدەش ئېلانى ئوخشايدۇ دەپتىمەن.
تەنقىتتىن قۇرقماڭ، غەيرەتلىك بۇلىسىز.ئويلاپ سۆزلەڭ،ئىناۋەتلىك بولىسىز
باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 726
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە726دانە
تۆھپىسى: 98
پۇلى: 924 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 203
ياخشى باھا: 924
توردا: 106(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-04-17
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-02 19:22

ئۇيغۇرئونئىككى مۇقامى تېكىستلىرىدىكى زەلىلىي غەزەللىرى توغرىسىدا




1-نەمايانئولدۇڭ ئەي دىلبەر يۈزۈڭنى ئاپتاپ ئەيلەپ
قارا كاكۇل بىلەن زۇلفى پەرىشانىڭ نىقاپ ئەيلەپ.


يېشىمى:ئەي دىلبەر،يۈزۈڭنى قۇياشقىلغان،ئۇنىڭغا قاپقارا كوكولاڭ بىلەن يېيىلىپ تۇرغان چېچىڭ نىقاپ قىلغان ھالدانامايان بولدۇڭ.


شەرھ:ئەي دىلبەر،سەن،يۈزۈڭنى قۇياش ئۇنىڭغا چۈشۈپ
تۇرغان قاپقارا كوكولاڭ بىلەن يېيىلىپ تۇرغانچېچىڭ نىقاپ قىلغان ھالدا
كۆزئالدىمدانامايان بولدۇڭ.
2-لەبىڭخالىنى كۆرگەچ،تەن ئۆيىدە نەتىۋان كۆڭلۈم،

قۇشدۇركىم قەفەسىدە تەلپىنىپ كۆپ ئىزتىراپئەيلەپ.
يېشىمى:لېۋىڭدىكى خالنى كۆرگەندە،تەن ئۆيىدىكىناتىۋان كۆڭلۈم خۇددى قەپەستىكى قۇشتەك تەلپۈنۈپ تاقەتسىزلەندى.
شەرھ:مەن سېنىڭ لېۋىڭدىكى خالنى كۆرگەندە،بۇكىچىككىنە تەن ئۆيىدىكى ناتىۋان كۆڭلۈم خۇددى قەپەستىكى قۇشتەك تاقەتسىزلىك بىلەنتەلپۈنۈپ تۇرىدۇ.
3-جەمالىڭ دەفتەرىدىن نۇكتەئىنى شەرھ ئەتەئالمان،
يىلى ئۇمرۇم ئىچىدە،ئەي پەرى،يۈز مىڭ كىتابئەيلەب.
يېشىمى:ئەي پەررى،مەن ئۆمرۈم بۇيى
يۈز مىڭ كىتاب يېزىپمۇ،جامالىڭ دەپتىرىدىكى بىرھېكمەتنى شەرھلەپ بولالمايمەن.
شەرھ:ئەي گۈزەل جانان،مەن ئۆمرۈم بۇيى
سەن ئۈچۈن يۈز مىڭ كىتاب يېزىپمۇ،جامالىڭ دەپتىرىدىكىبىر گۈزەللىكنى ئىپادە قىلىپ بولالمايمەن.
4-نە كافىر كۆزلىرىڭ ئالەمنى تەنھا ئەيلىدىتاراج،
شەبىيخۇن كەلتۈرەر غەم قانىمە يۈز مىڭ ئىتابئەيلەب.
يېشىمى:قارا كۆزلىرىڭ ئالەمنى يالغۇز ئىشخالقىلدى،ئۇنىڭ غېمى كېچىلىك ھۇجۇم قوزغاپ،جېنىمغا يۈز مىڭ ئازابلارنى سالدى.
شەرھ:سېنىڭ شەھلا كۆزلىرىڭ مېنىڭ بۇ كۆڭۈلخانەمگە يالغۇز ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ،ئۇنىڭ غېمى كېچىلىك ھۇجۇم قوزغاپ،مېنڭبۇجېنىمغا تۈگەتكۈسىز ئازابلارنى سالدى.
5-ۋەفاھەرپىنى سورىغاندا ماڭا سەن تازە جان بەردىڭ،
مەسىھا لەبلەرىڭ ئىئجازىدىن گويا جاۋاپ ئەيلەب.
يېشىمى:«ۋاپا»نىڭ نېمىلىكىنىسورىغىنىمدا،ھاياتلىق بەخىش ئەتكۈچى لېۋىڭنىڭ مۆجىزىلىرى بىلەن دېگۈدەك جاۋاپبېرىپ،ماڭا يېڭى جان ئاتا قىلدىڭ.
:مەن سەندىن «ۋاپا»نىڭ نېمىلىكىنىسورىغىنىمدا،سەن ھاياتلىق بەخىش ئەتكۈچى لېۋىڭنىڭ مۆجىزىلىرى بىلەن ماڭاقانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بېرىپ،ماڭا يېڭى جان ئاتا قىلدىڭ.

6-سەھەر تۇرفا چەمەندە گۇل بىلەن شەراپ ئىچتى،
ئەجايىپ باغبانى سىينەئى بۇلبۇل كەباب ئەيلەب.
يېشىمى:ئەجايىپ باغۋەن ئىكەن،سەھەردە گۈل بىلەنيالغۇن شاراپ ئىچىپ،بۇلبۇلنىڭ باغرىنى كاۋاپ قىلدى.
شەرھ:سەن ئەجايىپ بىر باغۋەن ئىكەن،سەھەردە گۈلبىلەن يالغۇن شاراپ ئىچىپ،بۇلبۇلنىڭ باغرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدىڭ.

يەنە كېرەك بولسا قۇلۇم كۆكسۈمدە .
باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 726
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە726دانە
تۆھپىسى: 98
پۇلى: 924 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 203
ياخشى باھا: 924
توردا: 106(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-04-17
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-02 20:01

ئەجدادلىرىمىز نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن سەنئەتنى ئوبرازلاشتۇرغان ،شۇ ئارقىلىق يەنە بىر روھى ئالەمگە بولغان ئىزدىنىش ئىپادىلىگەن  .
سەنئەت دېگەن خۇدانى تۇنۇتقان ، سەنئەتكە بىزگە ۋاپانى بەرگەن . سەنئەتكە بىزگە ھايۋانى تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن ئادەمدەك ياشاشقا دەۋەت قىلغان . سەنئەت دېمەك تەپەككۇر دېمەكتۇر .
سەنئەتسىز بىرمۇ ئېمپىرىيە شەكىلەنگەن ئەمەس . سەنئەتسىز  بىرمۇ داھى بولغان ئەمەس .
سەنئەتنى بىز قارىغۇلارچە بەل تولغايدىغان ، داققا -دۇمباققا ئەسىرا بولغۇچىلار دېسەك بولمايدۇ .
ئۇلۇغ قۇرئان  ئكزىنىڭ مۇڭى بىلەن سەنئەتنىڭ كىچىك ھالقىللىرىدىن مۇستەسنا ئەمەس .
سەنئەت يالغۇز داھىلارنىڭ ، ياكى دۆلەت ئەربابىنىڭ مەشغۇلاتى بولماستىن ئاددى ئاۋامغىچە سىڭىپ كېرگەن .
بىزنىڭ كىشلىك تۇرمۇشىمىزدا ئالاقە ۋاستىللىرىمىزنىڭ ھەر بىر تۈرى سەنئەتتىن ئايرىلغان ئەمەس .
بىرسى بىلەن قاتتىق ئېختىلاپ قىلىشقان ۋاقىتتاقارىشى تەرەپنىڭ ياكى ئۆزىمىزنىڭ سۇغۇققان بۇلىشىمىزنى تەكتىلەپ تۇرىشىمىزمۇ سەنئەتنىڭ كۈرۈنمەس شەكىللىرىنىڭ بىرى .
ئەڭ يۇقىرى چەكنىڭ نېمە ئېكەنلىكىنى بىلگەن ئادەملا بۇ ئەقلىيە سۆزنى تۇرمۇش مىزانى قىلالايدۇ .
جىنىس ھەۋەس ،ئاچكۆزلۈك ، ئۆچمەنلىك ،قارنى يامانلىق ۋە چەكتىن ئاشقان تۈرلۈك ئىشلارنىڭ چۈشەنگەن يەنى ئۆزىنىڭ ئاشۇرىۋىتىش دەرجىسىنى چۈشەنگەن ۋە ئېتىراپ قىلغان كىشىلەرلا ئۆز ھەركىتىنى قانۇنىيەتكە ۋە ئىنسانى سەنئەتكە ئىگە قىلالايدۇ .
بىز ھاياتى كۈچكە ئىگە ئادەتتىكى ئىنسانلارغا ئوخشاش سەنئەتنى بىلەنمۇ ئىناق ئۈتۈشنى ئۈگۈنىۋىلىشىمىز كېرەك .
ئەھۋالنىڭ ئېھتىياجىغا يارىشا بەزىدە ئۇنۇڭغا يول قۇيىشىمىز ،بەزىدە ئۇنۇڭغا ئېتىراز بىلدۈرىشىمىز كېرەك .

مانا بۇ ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ بىزگە قىلغان مۇراجىتى !