ئويغا سالغان 3نۇمۇر
ئادەم بولغان ئىكەن ھامان ئوڭۇشسىزلىقتىن مۇستەسنا بولغىلى بولمايدۇ ، ئادەمنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى باسقان ھەربىر قەدىمىدە ئوڭۇشسىزلىق ئۇچىراپ تۇرىدۇ . مەن ئۆگنىش داۋامىدىكى ئۆزۋاقتىدا ماڭا "ئەڭ چوڭ زەربە "بولغان"كىچىككىنە"بىر ئىشنى ھەم "چوڭ ئوڭۇشسىزلىق" ھەم ئەڭ مۇھىم بۇرلۇش نوقتا دەپ قارايمەن . بۇنىڭ ئۈچۈن گەپنى ئەڭ باشتىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ .
ھىكايە بۇنىڭدىن 4 يىل بۇرۇن يەنى مەن 6 - يىللىقتا ئوقۇۋاتقاندا يۈز بەرگەن . باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا بىز بەس- بەستە تەكرار قىلىپ ، ئۆگەنمەكتە ئىدۇق ، چۈنكى بىز كىچىكىمىزدىن تارتىپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقان ھەممىگە داڭلىق قارماي ئىمتىھانى ئېلىنماقچى ئىدى . ھېلىمۇ ئېسىمدە ، بىزنىڭ سىنىپتىكى 25 بالىدىن 11 بالا شۇ ئىمتىھانغا قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىگە بولالىدى ، تېخى بەزى ساۋاقداشلىرىمىز شۇ ئىمتىھانغا قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىگە بولالمىغانلىقىدىن ئۆكۈنۈپ يىغلاشقان ئىدى . بۇ 11 مىز ھېلىدىن – ھېلىغا ئىلمىي بۆلۈمگە يۈگىرەتتۇق . ھېلىدىن – ھېلىغا سۇئال ئىشلەيتتۇق ، گاھى خۇشال بولساق گاھى جىددىيلىشەتتۇق . كۈنلەر ئەنە شۇ تەرىقىدە ئۆتەتتى . ئىمتىھان يېقىنلاشقانسىرى كەيپىيات تېخىمۇ جىددىيلىشىشكە باشلىدى ، مۇئەللىملەرنىڭ بىزدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى زور ئىدى . ئاتا – ئانىلىرىمىزنىڭ ئۈمىدلىرىنى دېمەيلى قۇيايلى . ئوقۇتقۇچىلىرىمىز تەكرەر سۇئاللىرىنى ياخشى تەكرار قىلىپ بېرەتتى ، ئاتا – ئانىلىرىمىز بولسا ئەركىن – ئازادە ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرەتتى . مەكتەپمۇ بىزگە ئىتىبار بېرىپ ، ئۈستىمىزدىكى تازىلىق ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىدى . بىر مىنۇت بولسىمۇ كۆپرەك ئۆگىنىش قىلىپ ، بىزنىڭ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، مەكتەپكە شان – شەرەپ كەلتۈرىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ . مۇئەللىم بىزگە « ياخشى ئۆگىنىڭلار بالىلار ، سىلەر ھەممىمىزنىڭ ئۈمىدى ، ھەممىىزنىڭ ئۈمىدى سىلەردە ، تىرىشىڭلار ، ھەممە گەپ سىلەرنىڭ تىرىشىشىڭلاردىلا قالدى ، ياخشى نەتىجە ئالساڭلار ھەممىمىزگە ياخشى ، غەيرەت قىلىڭلار » دەيتتى . بۇنداق چاغدا بىزمۇ قەتئىيلىك بىلەن : « مۇئەللىم ، خاتىرجەم بولۇڭ ، بىز چوقۇم شۇنداق قىلىمىز . ئۈمىدىڭلارنى يەردە قويمايمىز » دەپ جاۋاب بېرەتتۇق . مەن ئۆز كۆڭلۈمدە مەن چوقۇم بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كېتىمەن ، تەييارلىقنىمۇ خېلى ياخشى قىلدىم ، مەن ئۆتەلەيمەن دەپ ئويلايتتىم . بۇنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش ئەمەس ، بەلكى بىر مەغرۇرۇلۇقنىڭ خام – خىيالى ، قۇرۇق پو گەپ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى كىممۇ خىيالىغا كەلتۈرسۇن ، جىددىي تەييارلىق باسقۇچلىرىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ، كاللىمىزنى ئارام ئالدۇرۇشقا باشلىدۇق ، بىزنىڭ ئىمتىھان بېرىدىغان ۋاقتىمىز دەل مەكتەپ يېنىك – ئاتلىتكا تەنھەرىكەت يېغىنىنى ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىتقا توغرا كەلدى ، بىزنىڭ سىنىپ بارابانلار ئەتىرىتى بولۇپ تەشكىللەنگەن ئىدى ، شۇڭا يىغىن ۋاقتى بىر كۈن ئالدىغا سۈرۈلدى ، بىز چۈشتىن بۇرۇن بارابان چېلىپ بېرىپ ، چۈشتىن كېيىن مەيدان كۆردۇق ، ئەتىسى يەنى 2008 – يىلى 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى سەھەردە مەن مەزمۇت قەدەم تاشلاپ يولغا چىقتىم ، ئاپام پىشانەمگە سۆيۈپ قويۇپ ، ياخشى تىلەكلەرنى تىلەپ مېنى ئۇزۇتۇپ قويدى ، دادام مېنى ئىمتىھان مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى ، ھەممىمىز شەھەرلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ بولغان ئىدۇق ، دەرۋازا ئېچىلدى ، ئاتا – ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنى زور ئۈمىدلەر بىلەن ئۇزۇتۇپ قويدى ، دەرۋازىدىن كىرگۈزدى ، تونۇش كۆرۈنۈش كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولدى ، بىز تۈنۈگۈن ئىمتىھان بېرىدىغان مەيدانىمىزنى ئالدىن كۆرۈپ بولغاچقا ، ئانچە قىينالمايلا تېپىپ كىردۇق ، ئىسىملىرىمىز پارتىغا يېزىقلىق ئىدى ، بىز كىرىپ جايلىشىۋالغاندىن كېيىن سۇئال قەغىزىنى كۆتۈرگەن ئاتسىنىت ئوقۇتقۇچىلار پەيدا بولدى ، ئۇلار سۇئاللارنى تارقاتقۇچە بىز تاقىلداپ ، جىددىيلىشىپ جىم تۇرالماي قالدۇق ، قولغا قەغەزنى ئېلىپ بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىنلا « ئۇھ ! » دېدىم – دە ، سۇئال ئىشلەشكە كىرىشتىم ، دەم يازسام ، دەم ئويلىنىپ تۇرۇپ قالىمەن ، كىملەردۇر قانچىلىك ۋاقىت قالغىنىنى سورايتتى ، كىملەردۇر بىر – بىرىدىن قەلەم ، ئۆچۈرگۈچ دېگەندەك نەرسىلەرنى سورايتتى ، لېكىن مېنىڭ ئۇلارغا قارغۇدەك ھەپىلەم يوق ئىدى ...... «20 مىنۇت قالدى ! » تۇساتتىن ئاتسىنىت ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىدىن چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈردۈم . سۇئالمۇ ئاز قالغان ئىدى ، « ئۈلگۈرىمەن ، ئالدىرىما ! ئالدىرىما ! » دەيتتىم ئۆزۈمگە ، شۇنداق قىلىپ ، 1 – مەيدان ئىمتىھاننى شۇنداق ئۇتۇقلۇق ، مۇۋاپىقىيەتلىك بېرىپ چىقتىم ، ئاتا – ئانىلارنىڭ كۆزلىرى بولسا تەشۋىش ئىلكىدە دەرۋازىغا تىكىلگەن ئىدى ، دەرۋازىدىن كۈلۈمسىرىگەن ھالدا چىقىۋاتقان بالىلارنى كۆرگەندە بولسا ، كۆزلىرىدىن ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى يېنىشقا باشلىدى ، 2 – مەيدانغا كەلگەندە چاتاق چىقتى ، شۇنداق ياخشى بېرىپ كەلدىم ، قايتىلاپ تەكشۈرۈپ بىر يەردە خاتالىق بارلىقىنى سېزىپ قالدىم ، لېكىن ئىمتىھان قەغىزىگە ھەرقانداق ئۆچۈرۈش قۇرالىنى ئىشلىتىش مەنئىي قىلىناتتى ، مەن خەتنى چوڭ يازغانلىقتىن ، خەتنى يازىدىغان ئاق يەر تاپالماي ، ئامالسىزلىقتىن بىلىپ تۇرۇپ خاتا ئىشلەشكە مەجبۇر بولدۇم ، بۇ ئۈچ نومۇرلۇق بىر مەسىلە ئىدى ، مەن چەمبەرنىڭ يۈزىنى ھېسابلاش فورمىلاسىنى يازدىم دەپ ئايلانما ئۇزۇنلۇقىنىڭ فورمىلاسىنى يېزىپ قويۇپتىمەن ، شۇنىڭ بىلەن ئىشلىگەن ھېسابىممۇ خاتا چىقتى ، مەن ئىچىمدە «3 نومۇرغا ھېچنىمە بولمايدىغۇ » دەپ ئانچە بەك ئىرەن قىلماپتىمەن . ئەسلى مېنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقىم ئەنە ئاشۇ ئىكەن ، ئىمتىھاننى تۈگىتىۋېلىپ نەتىجە چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا كۈنلىرىمىزنى دەككە – دۈككە ئىچىدە ئۆتكۈزدۇق ، ئاخىرى نەتىجىمۇ چىقتى ، نېمە ؟ بۇ قانداقمۇ مۈمكىن بولسۇن ، مەن قانداقسىگە قېلىپ قالىمەن ؟ يۇقىرى ئاپسىز ، بىراق قاپسىز ، بۇ نېمە دېگىنىڭىز ؟ سىز شەھەر نوپۇسى ، نومۇر چېكىڭىز يۇقىرى بولىدۇ ھەم نومۇر قوشۇلمايدۇ ، بىراق سىزدىن 80 نومۇر تۆۋەن ئالغان ساۋاقداشلىرىڭىز يېزا نوپۇس ، ئۇلارنىڭ نومۇر چېكى تۆۋەن ، قوشۇلىدىغان نومۇرى بار ، شۇڭا ئۇلار ئۆتتى . شۇ چاغدا ماڭا بۇ ئىش بەكمۇ ھار كەلگەن ، بۇنى مەن ئۆزۈم يولۇققان ئەڭ چوڭ ئوڭۇشسىزلىق دەپ قارايمەن ، شۇ گەپنى ئاڭلاپلا مەن خۇددى قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك جىمىپ كەتكەن ، ئۆيگە بېرىپ تازا يىغلىغان ئىدىم ، ئاتا – ئانام مېنى بەزلەيتتى ، بىراق ئۆزۈمنى توختىتىۋالالمايتتىم ..... نەچچە كۈندىن كېيىن ئۆتكەن ساۋاقداشلىرىمىزغا چاقىرىق قەغەز ۋە دوختۇرخانىنىڭ تەكشۈرۈش قەغىزى كەلدى ، ئۇلار خۇشاللىقىدا دوپپىسىنى ئاسمانغا ئېتىشتى ، خۇشال سەكرەپ يۈگۈرۈشتى .... شۇ چاغدا ئۆزۈمنى شۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان بولسام قانداق ياخشى بولاتتى ھە ! دەپ ئويلىدىم ، كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولدى ، ھەي ! ئاشۇ 3 نومۇر ھە ! سەن « مېنى كەتكۈزگەنگە توي ! » دېگەندەك مېنى قالدۇرۇپ قويدۇڭ ھە ! ياق ! ئۇنىڭدا نېمە گۇناھ بار ؟ ھەممە گۇناھ ئۆزۈمدە ، بىخەستەلىك قىلمىغان بولسام ، ياخشىراق تەييارلىق قىلغان بولسام ، بۇ ئشمۇ يوق . شۇنىڭدىن كىيىن روھىم بىراقلا چۈشۈپ كەتتى ، مەن خۇددى ئاسماندىن يەرگە « پوككىدە » چۈشۈپ كەتكەندەك بولۇپ قالدىم ، كۆپ قايغۇردۇم ، بىراق ئورنىغا كېلەمدۇ ؟ كېيىنكى پۇشايمان ئۆزۈڭگە دۈشمەن ، باشنى تاشقا ئۇرساممۇ ، ئۆتۈپ كەتكەن ئىش ئەسلىگە كەلمەيدۇ ، ئاتا – ئانامنىڭ تەسەللىسى ئاستىدا كۆڭۈل سەل تەسكىن تاپتىم ، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ قەلبىم دەپ ئۈمىدنىڭ شاملىرى پىلىلداشقا باشلىدى ، مەن ئويلايمەن ، 257 نومۇردىن 3 نومۇرلا كەم ، مۇشۇنىڭ ئىشى شۇ ، دائىملا مۇشۇ 3 نومۇرنى ئويلايمەن ، چېكىنىش خەۋىپى كەلگەندە ئاشۇ 3 نومۇرنى ئەسلەيمەن ، شۇنداق قىلسام چېكىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ، مەن بىردىنلا غەيرەتكە كېلىپ تېخىمۇ تىرىشتىم ، مەغلۇبىيەت غەلبىنىڭ ئانىسى دېگەندەك ، تولۇقسىزغا ئەلا نەتىجە بىلەن كۆچتۈم ، شۇڭا بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيەت مېنىڭ ئۆگىنىشتىكى ئەڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتام بولۇپ قالدى ، بۇ ئوڭۇشسىزلىق ئۈستىدىن غالىب كېلەلىدىم ، كېيىنمۇ يەنە نۇرغۇن يەرلەردە ئاشۇ 3 نومۇرنى ئەسلەپ تۇرۇپ ئۆزۈمنى قۇتقۇزىۋالدىم .
ئاپتۇرى : ھۆرىگۈل ھەمرا