ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1628 قېتىم كۆرۈلدى
دوستلىشىش
شەبنەم1
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1049
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
تۆھپىسى: 15
پۇلى: 35 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 20
ياخشى باھا: 30
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-23
ئاخىرقى: 2011-12-17
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-09 20:31

<< ئۈچ دوست >>

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ئەلى تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-12-14)
  
بۇرۇننىڭ بۇرۇنقى  زامانىسىدا بىر ئورمانلىق بار ئىكەن . بۇ ئورمانلىقتا بىر كەپە ئۆي بولۇپ ، ئۇ ئۆيدە يالغۇز  بىر  بوۋاي تۇرمۇش كەچۈردىكەن . بۇ ئورمانلىقتىن سەل يىراقىراق بولغان يېزىدا ، شوخ ،ئەقىللىق ،زىرەك ئۈچ دوست بار ئىكەن . ئۇلار دائىم بۇ ئورمانلىققا كىلىپ . ھلىقى غىرىپ بوۋايدىن  چۆچەك ئاڭلايدىكەن ، ئۇ بالىلار بۇ چۆچەكچى بوۋاينىڭ يىنىغا كۈندۈزلۈك  ئادىتى بويىچە ، چۆچەك  ئاڭلىغىلى يەنە كەپتۇ :-<<تاك- تاك- تاك >> كىم دەپتۇ  بوۋاي . بىز  بوۋا <<چۆچەك ئاڭلىغىلى كەلدۇق >>ھە ! باللىرىم قىنى كىلىڭلار ، ئۇلار كونا بىر ياغاچ كارۋاتنىڭ قىشىغا كىلىپ ئولتۇرۇپتۇ .بوۋاي :ھە ،بالىلرىم قايسى چۆچەكنى ئىيتىپ بەرسەم بولار ، دەپ بىردەم ئويلاشقاندىن كىيىن ئۇھسنىپ كىيىن چۆچەكنى باشلاپتۇ : ئاڭلاشلارغا قارغاندا  بۇ ھەقىقى بولىۋاتقان ۋەقە ئىكەن. بىر چوڭ شەھەردىن ناھايتتى زالىم پادىشاھ بولغان بولۇپ ئۇنىڭ بىر سھرىلىك ئۈزۈكى بارمىش . ئۇ ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىش ئۈچۈن ، پۇقرالارنىڭ گۇناھى بار بولمسىمۇ ئۇلارنى جازا تارتىپ قىيناپ ئۆلتۈردىكەن ، بەزىللىرنى تىرىك كۆمسە ، يەنە بەزىللىرنى ئۇرۇشقا سىلىپ يىڭىلىپ قالسا جىنى چققۇچە ئۇرۇپ ئۆلتۈر دىكەن .بۇ قىلمىشلارنى كىشى غەزىپنى قوزغىغان بولسىمۇ ،ئۇلار پادىشاھقا تەڭ كىلىدىغان بىرەر ئامالمۇ تاپالماپتۇ ، ئەگەر تاپقاندىمۇ  پادىشاھنىڭ سېھىرلىك ئۈزۈكىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىكەن .پادىشاھ ئۆزىگە قارشى تۇرغانلارنى ئاشۇ  سېھىرلىك ئۈزۈكى ئارقىلىق مۇز ئىچىگە بەنىد  قىلىدىكەن . خەلىقنىڭ  كۈنى قورقۇنۇش ۋە ئازاپ ئىچىدە ئۆتىدىكەن . دەپتۇ بوۋاي ھارغىنلىق  بىلەن ئازراق سۇ ئىچىۋالغاندىن كىيىن  سۆزنى داۋام  قېىپتۇ ، ئۇ پادىشاھقا پەقەت  يەتتە  تاغ  كەينىدىكى ئۆڭكۈر ئىچىدىكى  قىلىچ ئارقىلىقلار  پادىشاھنى مەغلۇپ قىلالايدىكەن . لىكىن يەتتە تاغ  ئىچدە نۇرغۇنلىغان مەخلۇقلار  بار ئىكەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ قىلچقا  ھېچ كىم يېقىنلىشالمايدىكەن دەپ  چۆچەكنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ . بالىلار كەسكىنلىك بىلەن بىز ئۇ  پادىشاھنى  مەغلۇپ  قىلالايمىز  دەپتۇ ، بوۋاي : باللىرىم ئۇ يەر بەك يىراق ، سىلەر تېخى كىچك دەپتۇ ، بالىلار بوۋايغا  مۇنداق  دەپتۇ . << ئەگەر بىرەر ئىشنى قىلىمەن دەپ مۇستەھكەم ئىرادە باغلىسا، ئۆز-ئارا ئتىپاقلاشساق ھەرقانداق  ئشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولىدۇ . ئەمەسمۇ ؟ ئاشۇ  ئازاپ چىكىۋاتقان خەلىق ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتسەكمۇ  ئەرزىيدۇ . بوۋا سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالايلى ، بىزگە ئۇ غارنىڭ  ئورنىنى دەپ بىرىڭ بولامدۇ ؟ ئۇيەردە قانداق مەخلۇق ياكى باشقا  نەرسىلەر بولسىمۇ بىز ئەقلىمىزنى  ئشلەتسەك  غەلبە قىلالايمىز .>> چۈنكى ،" بىلكى  چوڭ بىرنى  يىڭەر ، بىلىمى چوڭ مىڭنى" دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ بوۋا !
بوۋاي ئۇلارغا قايىل بوپتۇ ، ئۇ غارنىڭ ئورنىنى ئېيتىپ بىرپتۇ  ۋە ئۇلارغا قانداق ئۇ يەردە خىيىم  خەتەرنىڭ بارلىقنى  ئېيتىپ بىرىپتۇ . بالىلار  سەپەر تەييارلىقىنى قىلغاندىن  كىيىن  مۈشكۈل سەپەرگە تەييار بوپتۇ  . ئۇلار مىڭ  بىر  تەسلىكتە بىرىنجى  تاغقا يىتىپ كەپتۇ ، بۇ يەر  بوۋاي ئېيتقىنىدەك  ئادەم  ئاياق باسمىغان جاي ئىكەن ، بۇ جايغا بىر دىۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىكەن . ئۇيەردە  تۇيۇقسىز  ناھايتى قورقۇنۇشلۇق  بىر  دىۋە شۆلگەيلىرنى  ئېقىتىپ  يىتىپ  كەپتۇ ، شۇ ئەسنادا بالىلارنىڭ ئەقلىگە بىر ئىش كەپتۇ . ئەي  دىۋە سەن شۇنچىلىك كۈچلۈك  تۇرۇپ بىزنى يېمەكچى بولۋاتسەن ، ئەگەر بىزنى  يېمەكچى بولساڭ بۇ  تاغدىن ئۆتسەك بىر ئايال پىرخون بار سەن ئۇ پىرخۈننى يېڭەلىسەڭ ئاندىن بىزنى يېيىشكە قۇشۇلىمىز. دىۋە ئۆزىنى كۈچلۈك ھېسابلاپ بۇلارغا ماقۇل بولۇپتۇ .ئۇلار يول يۈرگەندىن كېيىن ئككىنچى تاغقا يېتىپ كەپتۇ .بۇ تاغ ئورمانلىق بىلەن ئورالغان بولۇپ بىرەر قۇشنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولمايدىكەن .ئۇلار پىرخون ئايالنى تېپىپتۇ ۋە سەكرەپ ئوتتۇرغا چېقىپتۇ .پىرخون:"سەن نېمە قىلماقچى "دەپتۇ.دىۋە كۈلۈپ تۇرۇپ :مەن سېنى ئۆلتۈرمەكچى. پىرخۇن :ھا!ھا!ھا! قېنى ئېلىشىپ باقايلى!پىرخون دىۋىنى بىر ئتتىرىپلا تاغدىن چۈشۈرېۋىتىپتۇ ._سىلەرمۇ مېنىڭ قۇلۇمدىن قۇتۇلالمايسىلەر! _سەن ئۆزۈڭنى ھەممىدىن كۈچلۈك دەپ قارامسەن ؟بۇ تاغ كەينىدە بىر دەريا بولۇپ ،ئۇ دەريادا ناھايتتى چوڭ ئەجدىرھا بار ،سەن ئۇنى ھەرگىز يېگلمەيسەن! پىرخوننىڭ ناھايتتى غەزىپى كەپتۇ ._مېنى ئۇ يەرگە باشلاپ بېرىڭلار !   شۇنداق قىلىپ يەتتە تاغ باغرىدىكى بارلىق مەخلۇقلارنى بىر-بىرىگە ئۆلتۈرگۈزۈپتۇ ۋە ئۇ ئۆڭكۈرگە يېتىپ كەپتۇ .ئۇلار قىلىچنى خۇشال ھالدا ئېلىپ ماڭغاندا كۈتۈلمىگەن بىر ئىش يۈز بېرىپتۇ .بالىلار قىلىچنى ئىزدەپ ماڭغاندا زالىم پادىشاھمۇ ئىزدەپ ماڭغانىكەن .بالىلارنىڭ قولىدا قىلىچ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى ئېلىۋالماقچى بوپتۇ .پادىشاھ مويسىپىت سۈپىتىگە كىرىۋىلىپ بالىلارغا قاراپ :"بالىلىرىم مېنىڭ بىر نەچچە ئۆچكىلىرىم  يوقاپ كەتتى ،ئىزدىشىپ بەرگەن بولساڭلار !" دەپتۇ .ئۇ ئاقكۈڭۈل بالىلار ئىزدىشىپ بېرىشكە قوشۇلۇپتۇ .              
ئۇ بالىلارنى ئۆچكە يۈتكەن جايغا باشلاپ بارىمەن دەپ بىر تىگى يوق ھاڭغا باشلاپ كەپتۇ .ئاندىن ئۇلارنىڭ ئېھتىياتسىزلىقىدىن پايدىلىنىپ بالىلارنى ھاڭغا ئشتىرىپتۇ .ئۈچ بالىلار تەڭلا ۋارقىرغىنىچە تاغقا ئىسىلىپ قاپتۇ .ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر بالا بىز ئۆلسەكمۇ تەڭ ئۆلىمىز دەپلا ،قولىدىكى قىلىچنى پادىشاھقا دەللەپ ئۇدۇلدا تۇرغان تاشقا سانجىپتۇ .تاش قاراس قىلىپلا پادىشاھ ۋە بالىلار دېڭىزنىڭ چوڭقۇر قېتىغا چۆكۈپ كىتىپتۇ .شۇنىڭ بىلەن ئۇ شەھەر ۋە يېزىدا سىھىر دىگەن نەرسە مەۋجۈت بولماپتۇ.شەھەرگە ئادىل پادىشاھ سايلىنىپتۇ .ئۇ بالىلارنىڭ ھەيكىلىنى شەھەر دەرۋازىسىغا قاتۇرۇپ چىقىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بالىلار بەدىلىگە خەلق ئازادىلىققا ئىرىشىپتۇ .

ئاپتورى:ئارزۇ
    
تېما تەستىقلىغۇچى : bozqir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-09, 12:31
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1198
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1198دانە
تۆھپىسى: 126
پۇلى: 1505 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 252
ياخشى باھا: 1455
توردا: 238(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2013-05-30
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-16 11:32

بۇ چوچەكنى ئوقۇپ قىزىم ئۇخلاش ئالدىدا ئېيتىپ بەرسەم بەك خۇشال بولۇپ كەتتى ....قەلىمىڭىز توختاپ قالىمىسۇن ...ياخشى يېزىپسىز.....
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1201
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 144
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە144دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 146 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 146
توردا: 25(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-01-26
ئاخىرقى: 2012-11-05
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-30 17:10

ئالامەت چوچەككەنغۇ بۇ.....
دوستلىشىش
گۈلسۇرۇخ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1662
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
تۆھپىسى: 1
پۇلى: 12 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 2
ياخشى باھا: 12
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-04-03
ئاخىرقى: 2012-05-20
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-03 18:50

«ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى»دىن ئۆرنەك ئېلىپ خېلى ياخشى يېزىپسىز.قەلىمىڭىزگە بەركەتلەر بولغاي!

ئۇيغۇر تىلىدا ئاز -كۆپلۈكنى  ئىپادىلەشتە ، سان ئىشلىتىلسە ، سۆزنىڭ ئاخىرىغا كۆپلۈك قوشۇمچىسى ئۇلانمايدۇ.مەسىلەن:«بەش نەپەر ئوقۇغۇچىلار »ئەمەس،«بەش نەپەر ئوقۇغۇچى».
«ئۈچ بالىلار » ئەمەس، «ئۈچ بالا».
يەنە «كۈندۈزلۈك ئادىتى»دېگەن بىر سۆز باركەن.بۇ «كۈندىلىك ئادىتى»دېيىلىدىغۇ دەيمەن.
مۈمكىن بولسا باشتىن -ئاخىر  ئوقۇپ بىر تەھرىرلىۋەتكەن بولسىڭىز.
تەكلىۋىم ئارتۇق كەتكەن بولسا ئۆزەمگە قالسۇن.
[ بۇ يازمىنىگۈلسۇرۇخ 2012-04-03 20:24قايتا تەھرىرلىد ]
دەرىجە: بىكەت باشلىقى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 282
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە282دانە
تۆھپىسى: 114
پۇلى: 1318 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 128
ياخشى باھا: 399
توردا: 126(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-16
ئاخىرقى: 2013-05-30
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-04 15:05

بەك ياخشى يېزىپسىز