قان بىلەن يۇيۇلغان ئار-نومۇس دېغى(رەسىملىك)
_ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىلغانلىقىنىڭ 67يىللىقىغا بېغىشلايمەن
1678-يىلى مىللەتنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى مۇناپىق ئاپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ قارا قوساق سوپىلىرىنىڭ ئىچكى-تاشقى جەھەتتىكى ماسلىشىشى بىلەن جۇڭغارلار يەكەن سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنى مۇنقەرز قىلىپ،ئۆزلىرىنىڭ ئىپلاس ئاياقلىرى ئارقىلىق بۇ ئېزىز تۇپرىقىمىزنى بۇلغىغاننى ئاز دەپ ھەر يىلى مىڭلاپ نۆۋەر يىگىتلەرنى ۋە مىڭلاپ پاك،غۇبارسىز،گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرىنى<<غالچا يىگىت>>ۋە<<غالچا چوكان>>لىققا سالغاندىن باشلاپ ئۇيغۇر دېگەن بۇ باتۇرلۇق،قەھىرمانلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتنىڭ نۇرانە يۈزىگە قوللۇق ۋە جاھالەتنىڭ قارا دېغى سۈركەلدى.«بەگ بولىدىغان ئوغۇللىرىمىز قۇل بولدى.خانىش بولىدىغان قىزلىرمىز دىدەك بولدى.»
بۇ قارا داغ 1758-يىلى مانجۇلار جۇڭغارلارنىڭ قولىدىن بۇ زېمىننى تارتىۋالغاندىن كېيىن يەنىمۇ قېنىقلاشسا قېنىقلاشتىكى،ئەمما يۇيۇلمىدى.19-ئەسىرنىڭ60-70-يىللىرىدا تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى خەلق قوزغىلىڭى مىللەتنىڭ يۈزىدىكى قارا داغنى بىر مەزگىل يوقاتقان بولسىمۇ،ئەمما كېيىنكى دەۋرلەردە قوقەنلىك ياقۇپ بەگ مىللەتنىڭ يۈزىدە يەنە يېڭى بىر داغ پەيدا قىلدى.بۇ داغ يۇيۇلۇپ بولالماي تۇرۇپلا زۇ زۇڭتاڭ ئوننەچچە مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراقلىقتىن كېلىپ ئەللىك مىڭ كىشلىكتىن ئارتۇق ئەسكەرنى ھېچقانچە كۈچىمەيلا سۈر-توقاي قىلىپ،بۇ زېمىننى ئىگەللەپ تېخىمۇ مەرەز،تېخىمۇ پاسكىنا قارا داغنى مىللىتىمىزنىڭ يۈزىگە سۈركىدى.
پەقەت ئارىدىن ئىككى يېرىم ئەسىرچە ۋاقىت ئۆتكەندە،يەنى 20-ئەسىرنىڭ30-يىللىرىدىن باشلاپ خەلقىمىز ئويغىنىشقا،ئەينەككە قاراپ ئۆزلىرىنىڭ يۈزىدىكى ئار-نومۇس دېغىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولدى.
مانا مۇشۇنداق ئىجتىمائىي شارائىتتا شېڭ شېسەينىڭ چەكتىن ئاشقان،ئوچۇق-ئاشكارا زۇلۇمى خەلقىمىزنى ھەقىقىي غەزەپكە كەلتۈرۈپ-قولىغا قورال ئېلىپ يۈزىدىكى ئىككى يېرىم ئەسىرلىك ئار-نومۇس دېغىنى يۇيۇپ،تارىختىكى نۇرانە سىماسىنى دۇنيا سەھنىسىدە قايتدىن پارلىتىش نىيىتى ۋە ئىرادىسىگە كەلتۈردى.ئار-نومۇسنى ئاقلاش يولىدا خېيىم-خەتەر،ئۆلۈم-يىتىم دېگەنلەر ئوغۇل-قىزلىرىمىزنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمىدى.ھەش-پەش دېگۈچە ئىنقىلاپ ئوتى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالدىكى ئۈچ ۋىلايەتتە قېرىنداشلىرمىزنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلدى.شەرق ۋە جەنۇبتىكى رايۇنلىرىمىزدىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئىنقىلاپ ئوتى تۇتىشىپ مىللىتىمىز چېھرىدە ئۈمىد نۇرى پارلىدى.
«تارىخ ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنداقلا ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز يېشى بىلەنمۇ تولغان»(ئابدۇ ۋەلى ئەلى)ئەپسۇس،مىڭ ئەپسۇس!!بۇ قېتىم يەنە مىللىتىمىزنىڭ ئاق كۆڭۈللۈك،سەمىمىيلىك،ھېسىياتقا بېرىلىش،چىرايلىق ياغلىما گەپلىرگە ئاسان ئىشنىش،ئازغىنە ياخشىلىقىغا تەسىرلىنىپ كېتىپ،سالاھ-سۈلىھىگە مېڭىش، دۈشمەنلەرنىڭ سۈيقەستىگە سەل قاراشتىن ئبارەت ئەجەللىك ئاجىزلىقى يەنە بىر قېتىم بىزنى داغدا قويدى.دۈشمەن ئەمدى ئاشكارە زۇلۇمدىن،ئاشكارە يوقۇتۇشتىن يوشۇرۇن زۇلۇمغا،يۇشۇرۇن يوقۇتۇشقا ،تەنى ئۆلتۈرۈشتىن روھنى ئۆلتۈرۈشكە ئۆتتى.
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى خەلق قان كېچىپ،ئۆزلىرىنىڭ ئەر-ئوغۇللىرىنى تۈركۈم-تۈركۈم قۇربان بېرىپ،ئىنتايىن باتۇرلۇق ۋە ماھىرلىق بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان،غەلبە مېۋىسىگە قول يىتەيلا دەپ قالغان،دۈشمەن جەڭدە تامامەن مەغلۇپ بولغاندىلا،پەقەت شۇ چاغدىلا قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن ئىكەنلىكى تەكرار ئىسپاتلانغان ئىستىقلاليەتنى بىردىنلا سۆھبەت ئۈستىلىدىن ئالماقچى بولۇپ،تۆمۈرنى قىزىغىدا سوقۇش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەن،ئۇزاققا سوزۇلغان مارافونچە سۆھبەتكە ئولتۇرۇپ ئۆز رېلىسىدىن چىقىپ كەتكەن،ئەينى ۋاقىتتىكى ۋە بۈگۈنكى ئاۋام خەلقنىڭ ئارزۇ-تىلىكىنى ئورۇنلىيالمىغان بولسىمۇ ئەمما مىللىتمىزنىڭ يۈزىدىكى 260يىللىق ئار-نومۇس دېغىنى يۇيۇپ چىقىرۋەتتى.ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ باتۇرلىقى،قەھىرمانلىقى،دۈشمەنگە باش ئەگمەيدىغانلىقىىنى،ۋاقتى كەلگەندە قولىغا قورال ئېلىپ جەڭ قىلالايدىغانلىقىنى ۋە دۈشمەننى ئۆزى بىلەن يالغاندىن بولسىمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر قىلالايدىغانلىقىنى،ئۆز-ئۆزۈنى ئوبدان ئىدارە قىلالايدىغانلىقىنى،قوللۇقتىن،مەھكۇملىقتىن ئىبارەت ئار-نومۇس دېغىنى پەقەت ئىنقىلاپ ئوتىلا داۋالاپ ساقايتالايدىغانلىقىنى-يوقۇتالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.دۇنيا ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىنىڭمۇ كىچىك ئەمەسلىكىنى،تومۇردىكى قاننىڭ قايناقلىقىنى بىلدى.
ئەي قەھىرمانلىرمىز،يەرلىكىڭلاردا قورۇنماي يېتىڭلار،سىلەر ئۇ دۇنياغا يۈزۈڭلار يورۇق ھالدا كەتتىڭلار.سىلەرنىڭ يۈزۈڭلار ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا يورۇق.سىلەر ياققان ئىنقىلاپ ئوتىنىڭ يالقۇنى يالغۇز سىلەرنىڭ يۈزۈڭلارنى يورۇق قىلىپ قالماستىن،پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يۈزۈنى يورۇق قىلدى.ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ260يىللىق ئار-نومۇسى دېغىنى سىلەر ئىسسىق قېنىڭلار بىلەن يۇيۇپ تازلىدىڭلار!سىلەرنىڭ نۇرانە ئوبرازىڭلار ھەرقاچان بىز ئەۋلادلارنىڭ قەلب ئېكرارنىمىزدا مەشئەل بولۇپ يانماقتا . تەڭرى تېغى،تەلكە تېغى،بۇغدا چوققۇسى<<مەن ئاق بايراق ئەمەس>>دەپ گۇۋالىق بېرىپ تۇرۇپتۇ،-ئەنە!
ئەي قەبىرە ئەھلى شېھىتلەر،يەرلىكىڭلاردا قورۇنماي خاتىرىجەم يېتىڭلار!
سىلەر ئېيتقان «ئىنقىلاپ مارىشى»بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ جاراڭلايدۇ!
قۇتۇلۇش يولىدا سۇدەك ئاقتى بىزنىڭ قېنىمىز،
سەن ئۈچۈن ئەي يۇرتىمىز پىدا بولسۇن جىنىمىز.
قان كېچىپ ھەم جان بېرىپ ئاخىر قۇتۇلدۇردۇق سېنى،
قۇتۇلۇشقا قەلبىمىزدە بار ئەھدى-ئىمانىمىز.
يۇرتىمىز بىز يۈز-كۆزۈڭنى قان بىلەن پاكىزلىدۇق،
ئۆرلىگەن يالقۇن بىلەن پاكلاندى بىزنىڭ نامىمىز.
يارۇ-ھەمدەم بولدى بىزنىڭ ھىممىتىمىز سەن ئۈچۈن،
شانۇ-شەۋكەتلىك ئىدى ھىممەت بىلەن ئەجدادىمىز.
ئاتىلارنىڭ جەڭلىرى ئۆچمەيدۇ تارىخ بېتىدىن،
نەسلى قالدى جەڭگىۋار بىز ئۇنىڭ ئەۋلادى بىز.
چىقتى جان ھەم ئاقتى قان، بولدى ياۋدىن ئەل ئامان،
ياشىسۇن! مىڭ ياشىسۇن!! گۈزەل ئىستىقبالىمىز.
[ بۇ يازمىنىkichikoghul 2011-12-11 20:44قايتا تەھرىر ]