"ئانا يۇرت" سەن مېنىڭ قەلبىمدە
دۇنيادا ھەر كىمنىڭ باردۇر ئۆز يۇرتى،
يۇرتىغا تەيياردۇر جېنى ھەم تېنى.
تۈكۈلگەن باغرىغا كىندىك قېنى،
ئۇلۇغ يۇرت ئانامسەن سۆيىمەن سېنى.
ئېھ ! ئانا يۇرتۇم ! مەن سېنىڭ قوينىڭدا ئۆمىلىدىم. ئاي-يىللار ئۆتۈپ چوڭ بولدۇم.سەن ماڭا ئانامدەك قاراپ ،قەلبىمدىكى ئانا يۇرتقا بولغان مۇھاببەت تۇيغۇسىنى ئويغاتتىڭ.
كىشىلەر ئۆز يۇرتى ھەققىدە ئىغىز ئاچسىلا ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي تەرىپلەپ ،چوڭقۇر ھاياجانغا چۆكمەي تۇرالمايدۇ،ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ،قوينى كەڭ بىپايان يۇرتىدىن ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ.مۇشۇ دەقىقىلەردە مەنمۇ يۇرتۇمغا بولغان سۈيۈنۈشىمنى تولىمۇ ئاجىز تىللىرىم ئارقىلىق مەدھىيىلىمەكچىمەن .
ئېھ، ئانا يۇرتۇم! سەن پۈتكۈل گۈزەللىكنى ئۆزۈڭگە مۇجەسسەملىگەنسەن. سېنىڭ قايسى تەرىپىڭگە نەزەر سالماي ،بىر خىل مۇھەببەتنى ،بىر خىل گۈزەللىكنى،تىك تۇرغان قەددى-قامىتىڭنى ھېس قىلىمەن. بۇلارغا قاراپ مەن ئۆز يۇرتۇمنىڭ خىسلەتلىرىدىن تولىمۇ سۈيۈنۈپ كېتىمەن،چۈنكى مۇشۇ يۇرتۇم ھەممىدىن ئۇلۇغ ،سۈيى ئەلۋەك،تۇپرىقى مۇنبەت،يەر ئاستى بايلىقلىرى مول ،ئاشلىق ،ماي ،پاختىلىرى ئوخشايدۇ.بۇ خىسلەتلىك باياشات جاي. سېنىڭ ھەر بىر ئىسىل خىسلىتىڭنى ،گۈزەللىكىڭنى يېزىپ تۈگىتىش ئۈچۈن ئادەمنىڭ بىلىم ئىختىدارى تولىمۇ ئاجىز كېلىدۇ.توغرىسى يېزىپمۇ تۇگەتكىلى بولمايدۇ.چۈنكى سەن مەن ئۈچۈن خەلقىم ئەڭ ئۇلۇغ ئەڭ مۇقەددەس جايدۇرسەن .
ئېھ ،گۈزەل يۇرتۇم! مېنىڭ كىندىك قېنىم تۈكۈلگەن ئانا ماكانىم ! مەن ئۈچۈن سېنىڭ ھەر بىر گىياھىڭ ، ھەر بىر نەرسىلىرىڭ گۇياكى گۈزەل بىر دۇنيا ،سەن مېنىڭ قەلبىمدە پەقەت بىرلا .مېنىڭ بۇ پاك قەلبىم سېنىڭ قوينىڭدا ئىلىم –مەرىپەت نۇرلىرى بىلەن نۇرلانماقتا ،يەنە تېخى مۇشۇ ئىللىق قوينۇڭدا ئىسىل ئەخلاق-پەزىلەتلەرنى يىتىشتۇرىۋاتىدۇ.سېنىڭ بۇ ئەزىزانە تۇپرىقىڭ ماڭا قايتىدىن كۈچ ئاتا قىلماقتا،شۇڭا مەن كىچىگىمدىن باشلاپ كىندىك قېنىم تۈكۈلگەن ئانا يۇرتۇمنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۈچۈن ياراملىق ئادەم بۇلۇپ چىقىشقا بارلىغىمنى بېغىشلايمەن .
جىڭ ناھىيە ئاقچى ئوتتۇرا مەكتەپ 8-يىللىق 4-سىنىپتىن
ئىپارە ئابلاجان .