ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 245 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش باشلاندى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1121
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
تۆھپىسى: 1
پۇلى: 3 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 2
ياخشى باھا: 3
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-13
ئاخىرقى: 2011-12-14
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-13 23:04

ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش باشلاندى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تورداشلار، بلوگگېر دوستلار!
ھەممەيلەننىڭ خەۋرىدە بولغىنىدەك، يۈكسەل بلوگى 2008-يىلىدىن باشلاپ «ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق  10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» نى تەشكىللەپ، ئۇيۇشتۇرۇپ كېلۋاتىدۇ. يىراق بولمىغان ئۆتمۈشتە، مەزكۇر پائالىيەت ئۇدا 2 نۆۋەت ناھايىتى ئۇتۇقلۇق تەشكىللەنگەن ھەمدە «ئۇيغۇرلاردىكى 2008-يىللىق 10 چوڭ بلوگ» ۋە  «ئۇيغۇرلاردىكى 2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ» باھالاپ چىقىلغان ئىدى.  شۇ تاپتا، ئۇشبۇ پائالىيەت يەنە يۈكسەل  بلوگىدا ئۆزىنىڭ 3 – نۆۋىتىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. 
گەپنى قىسقارتىپ، سۆزنىڭ نان تېگىدىغان يېرىنى ئېيتقاندا، بۇ يىل مەزكۇر پائالىيەت ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن پەرقلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلمەكچى. ئىلگىرى مۇشۇ بىر پائالىيەت ئۈچۈن 3 ئاي سەرپ ئېتىلگەن بولسا، ئەمدى قىسقا ۋە جىددىي قىلىپ پەقەت 20 كۈنلا سەرپ ئېتىلمەكچى. ئىلگىرى پائالىيەت پەقەت يۈكسەل بلوگىدىلا ئېلىپ بېرىلغان بولسا، ئەمدى يۈكسەل بلوگنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئاستىدا بىرقەدەر نوپۇزلۇق  بولغان ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىدە بىراقلا ئۆتكۈزۈلمەكچى. ئىلگىرى مۇكاپات سۈپىتىدە بۇيۇملار تارقىتىلغان ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئازدۇر-كۆپتۇر مەسىلە كۆرۈلگەن بولسا، بۇ قېتىم مۇكاپات ئۈچۈن نەق پۇل بېرىلمەكچى…
2011-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى
1. مەزكۇر پائالىيەت يۈكسەل بلوگى تەرىپىدىن تەشكىللەپ ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ.
2. مەزكۇر پائالىيەتنى ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئالاھىدە قوللايدۇ.


3. بلوگگېرلار ياكى تورداشلار  يۈكسەل بلوگىدا ئۆز بلوگىنى ياكى ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان بلوگلارنى مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىش نامزاتلىقىغا كۆرسىتىدۇ.
4. تورداشلار ئارىسىدىن مۇئەييەن نوپۇزغا ئىگە، ئۆزى لىللا مەيداندا تۇرۇپ ئىش قىلىدىغان تورداشلاردىن 10 نەپەر تاللىنىپ، «2011-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ھەيئىتى» تەشكىللىنىپ، تورداشلار كۆرسەتكەن نامزات بلوگلار ئىچىدىن ئالدىنقى قاتاردىكى 20 بلوگ تاللىنىپ چىقىلىدۇ ۋە پائالىيەتنىڭ باش-ئاخىرى نازارەت قىلىنىدۇ.
5. باھالاش ھەيئىتى ئۇنىۋېرسال باھالاش ئارقىلىق تاللاپ چىققان 20 بلوگ ئۇيغۇر تورچىلىقىدا بەلگىلىك نوپۇزغا ئىگە بىرقانچە مۇنبەردە بىراقلا تورداشلار ئاۋازىغا قويۇلىدۇ.
6. يۇقىرىقى مۇنبەرلەردىكى تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاپ تاللىشى ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ئېرىشكەن ئاۋازىغا قاراپ 10 چوڭ بلوگ تاللىۋېلىنىدۇ.
7. يېڭى يىلنىڭ 1-كۈنى ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگ رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.
8. ئەلداۋا ساغلاملىق تورى نەتىجە ئېلان قىلىنىپ 3 كۈن ئىچىدە تاللاپ چىقىلغان 10 چوڭ بلوگقا مۇكاپات سوممىسىنى تارقىتىپ بېرىدۇ.
مۇكاپات سوممىسى:
مەزكۇر پائالىيەتتە بىرىنچى بولغان بلوگقا 500 يۈەن نەق پۇل، ئىككىنچى بولغان بلوگقا 300 يۈەن نەق پۇل، ئۈچىنچى بولغان بلوگقا 200 يۈەن نەق پۇل بېرىلىدۇ؛  قالغان 7 بلوگنىڭ ھەربىرىگە 100 يۈەندىن نەق پۇل مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىلىدۇ.
دىققەت: بۇ تېمىدا نامزات قوبۇل قىلىنمايدۇ. مەزكۇر پائالىيەت ئۈچۈن تەشۋىقات رەسىمى ئىشلەپ بەرگۈچى تورداشلار بولسا ئالقىشلىنىدۇ!
مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش باشلاندى

 


تېما تەستىقلىغۇچى : bozqir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-14, 10:09