ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 696 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تۈركىيە ئىچىنىشلىق تەربىيىۋى فىلىمى :نىيو-يوركتىكى بەش ئۇچلۇق مۇنار
دوستلىشىش
بىلوگخۇمار
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1122
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 5
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
تۆھپىسى: 2
پۇلى: 9 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 4
ياخشى باھا: 9
توردا: 1(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-13
ئاخىرقى: 2011-12-18
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-14 00:56

تۈركىيە ئىچىنىشلىق تەربىيىۋى فىلىمى :نىيو-يوركتىكى بەش ئۇچلۇق مۇنار



بۇ فىلىم تۈركىيە بىلەن ئامىرىكا بىرلىشىپ 2010يىلى ئىشلىگەن فىلىم بۇلۇپ ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ كۆرۈشگە ماس كىلىدىغان ، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور فىلىم . بۇ فىلىم ئاساسەم 11‏-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن غەرپ ئەللىرىنىڭ شۇنداقلا دۇنيانىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان خاتا قارشى ئېچىپ تاشلانغان بولۇپ ، ئىسلام دىنىڭ ھەقىقەتنى ياقلايدىغان ، تېنىچلىقنى سۆيۈدىغان دىن ئىكەنلىكىنى يۇرۇتۇپ بەرگەن .فىلىم مەزمۇنى مۇنداق : تۈركىيەدىكى ئەسەبىي كۈچلەر پارتىلىتىش ۋەقەلىرى ئارقىلىق پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزۈپ ، دىنى تون ئاستىدا نۇرغۇن يامان ئىشلارنى قىلدۇ . بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسى تۇتۇلۇپ قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ باش كاتىبىشىنىڭ ھاجى ئىسىملىك ئادەم ئىكەنلكىنى ئىقرار قىلدۇ. تۈركىيە ساقچىلىرى ئامىرىكىغا ھاجىنى تۇتقىلى بارىدۇ. ئامىرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمى ھاجى ئىسىملىك بىر مۆمىن مۇسۇلمانى تۇتىدۇ. ھەم ئۇنى ھاقارەتلەپ ، قىيىن قىستاققا ئالىدۇ. ھاجى ئامىرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ياردىمىدە تۈركىيەگە ياللاپ ئېلىپ ماڭغاندا قۇتۇلدۇرۇلۇپ چىقىلىدۇ. تۈركىيەدىن كەلگەن ئىككى ساقچى ھاجىنى تاپىدۇ ..ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل بىللە تۇرىدۇ .. بۇ جەرياندا ئۇلار ئۆزلىرى ئىزدەۋاتقان ھاجىنىڭ بۇ ئەمەسلكنى ھېس قىلدۇ . ئۇلار بىللە ئادۇۋكات بىلەن كۆرۈشكلى بارغاندا ،ئامىرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمى تەرپىدىن تۇتۇلىدۇ… ھەم تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىدۇ… بۇ ھاجنىڭ پەزىلىتى ھەممە كىشنى قايىل قىلدۇ .. سوراق جەريانىدا ئۇلار بۇ ھاجنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلكنى ھېس قىلدۇ.. بۇ چاغدا ھەقىقىي ھاجى تۇتۇلىدۇ … لىكىن ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگۈمەيدۇ… بۇ ئىشلارنىڭ ھەممسنى ئامىرىكىغا ھاجىنى تۇتقىلى بارغان ساقچىلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ئورۇنلارشتۇرغان بولۇپ ، دەسلەپ تۇتۇلغان جىنايەتچىنى سوراق قىلغاندا دەل مۇشۇ ساقچى سوراق قىلغان ..ھەم جىنايەتچى باش كاتىباش ھاجى دەپ ئىقىرا قىلدى دەپ باشقا ساقچىلارنى ئالداپ ، ئامىركىدىكى ئۇ ھاجنى تۈركىيەگگە تۇتۇپ ئېلىپ كېلىشكە پۇرسەت ياراتقان. ئۇ نىمشقا بۇنداق قىلدۇ ؟ ئەسلىدە بۇ ھاجنىڭ ئاكسى بۇرۇن بۇ ساقچىنىڭ دادسنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن بۇلۇپ ، بۇ ئىشنى ھاجىغا دوڭگەپ قويقان ، چۇنكى ھاجى ئۇ چاغلاردا كىچىك بالا ئىدى .. كېيىن ھاجى ئۆيدىن قېچىپ ئامىرىكىغا بارغان. بۇ ساقچىنىڭ بوۋىسى بۇ نەۋرىسىگە چۇقۇم داداڭنىڭ ئىنتىقامنى ئالسەن دەپ تەلەپ قىلغاچقا ، ئۆزى ئامىرىكىغا بىۋاستە بېرىپ تۇتۇپ كېلەلمىگەچكە بۇ ئەقىلنى ئويلاپ تاپقان .. بۇ فىلىم ئاخىرغىچە دادسنى ھاجنىڭ ئاكىسى ئۆلتۈرگەنلىكنى بىلمەيدۇ .. كېىين ھاجى قۇيۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ، بۇ ساقچى بىلەن بىللە ئۆز يۇرتىغا بارىدۇ .. ھاجى 30نەچچە يىل ئايرىلىپ كەتكەن ئەمما ئاپسى بىلەن كۆرۈشىدۇ … ھېلىقى ساقچى بوۋىسى بىلەن كۆرۈشۈپ ، ھاجنىڭ نەقەدەر ئىسىل پەزىلەتلىك ئىنسان ئكەنلىكىنى ئېيتىپ ، ئۆلتۈرمەسلكنى قارار قىلىپ ، چىقىپ كېتىدۇ… ھاجى ئاپسى بىلەن كۆرۈشۈپ ئولتۇرغاندا ساقچىنىڭ بوۋىسى مىلتىق بىلەن كىرىپ ھاجىنى ئېتىۋىتىدۇ ..ئۆزى ساقچىنىڭ ئوقىدا ئۆلىدۇ…. ھاجى ئاخىردا ئانسىنىڭ قۇچىقىدا جان بېرىدۇ….
بۇ فىلىم بەكمۇ ئىسل ئىشلەنگەن فىلىم … كۆرۈپ قۇيۇشقا چۇقۇم ئەرزىيدۇ…

بۇ فىلىمدىن ئارىيە :


بۇ فىلىمنىڭ ناخشىسى



تولۇق قىسمى بۇ يەردە ، قىزىقسىڭىز كۆرۈپ بىقىڭ !

نىيو-يوركتىكى بەش ئۇچلۇق مۇنارنىيو-يوركتىكى بەش ئۇچلۇق مۇنار
تېما تەستىقلىغۇچى : bozqir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-14, 10:09