ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 485 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: 55. ۋەھىمىلىك چۈش
سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 995
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە995دانە
تۆھپىسى: 136
پۇلى: 1271 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 279
ياخشى باھا: 1271
توردا: 123(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-11-04
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-18 20:03

55. ۋەھىمىلىك چۈش

                      ۋەھىمىلىك چۈش

              ئىنىم تۇيۇقسىز يۈگۈرۈپ كىردى –دە ،يىغلامسىراپ تۇرۇپ :
-ھەدە ،ھەدە .دادام بىلەن ئاپام يەنە ئۇرۇشۇپ كەتتى .قانداق قىلىمىز ؟
ۋاي-ۋۇي ،ئۇلار يەنە ئۇرۇشۇپتۇ . بۇ جىدەل قاچانمۇ تۈگەر زادى ! بىر يىلدەك بولدى .دادام كۈندە ھاراق ئىچىپ مەس كېلىۋاتقان  ،ئاپام بولسا كۈندە قاتار-قاتار چاي ئويناپ رېستۇراندىن كېلەلمەيۋاتقان .كۈندە كەچ كەلگىنى يەتمىگەندەك ،يەنە تېخى توختىماي ئۇرۇشىۋاتقان .
  ھەي ! بۇرۇنقى ئىللىق ئائىلىمىز نەگە كەتتى ئەمدى ؟ بىر ئائىلە كىشىللىرى بىللە ئولتۇرۇپ گۇڭۇر- مۇڭۇر پاراڭ سېلىشىپ ،ئىسسىق تاماق يېمىگىلى خېلى بولدى .بۇرۇن بىزگە كۈيۈنۈپ يېنىمىزدىن كېتەلمەيدىغان ئاتا –ئانىمىز ئەمدىلىكتە بولسا بېشىمىزنى سىلاپ ،دەرىسلىرىمىزنى چۈشەندۇرۇپ قويۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ،بىرەر چىنە ئىسسىق تاماقمۇ يوق .ئائىلىدىكى كۈلكە ئاۋازىمۇ قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتكەنىدى ....
   تۇيۇقسىز دالان ئۆيدىن ئاپامنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى . يۈگۈرۈپ چىقىپ قارىسام ،دادام ئاپامنى ئۇرۇپتۇ . شۇئان ئاپام ئىنىمنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى . مەن كەينىدىن مېڭىشىمغا ،دادام : "نەگە بارىسەن ؟ ماڭ ئۆيگە كىرىپ دەرىسىگە قارا !" دەپ ۋارقىرىدى .ئورنۇمدا تۇرۇپلا قالدىم .توۋا ،بۇرۇنقى مېھىرىبان دادام شۇ ھاراقنىڭ دەستىدە ماڭا خۇددى ئۆگەي بالىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك ۋاقىراۋاتىدۇ .يىغلىغان پېتى ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتى .
  بىر ھەپتىدىن كېيىن :" سوت شۇنى ھۆكۈم قىلىدۇكى ، قاسىمغا قىزى لەيلانى ،نىساگۈلگە ئوغلى قىسمەتنى بۇيرىدۇق . ئۆي قاسىمغا ،ئۆي مۈلۈكى نىساگۈلگە تەۋە بولسۇن . سوت مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى ."
  ئەجىبا پىشانەمگە پۈتۈلگىنى يېتىملىكمىدۇ ؟ مانا بۈگۈن ئاتا- ئانام ئاجراشتى .ئاپام بولسا ئىنىمنى ئېلىپ قارمايدىكى موماملارنىڭ يېنىغا كەتتى .مەن بولسام دادامنىڭ يېنىدا قالدىم . بۇ ئاتا-ئانىلار نېمىشقا بالىلارنى ئويلىمايدىغاندۇ ؟! توي قىلىپ نەچچە يىلدىن كېيىن ،ئاجىرىشىپ بالىلىرىنى يېتىم قىلىپ قويىدىغان ئادەم نېمىشقا ئويلىشىپ تووي قىلمايدىغاندۇ ؟ بىزنى يېتىم كوچىسىغا تاشلاپ قويغىچە تۇغمىسا بولماسمىدى ؟ ھەي ! ئەمدى قانداق قىلاي !
  ئارىدىن 2ئاي ئۆتۈپ ،دادام ئۆگەي ئاپىدىن بىرنى ئېلىپ كىردى . يەنە كېلىپ ئۆگەي ئاپاممۇ بار ئىكەن تېخى ! ئەمدى كۈنۈم تېخىمۇ خارابلاشتى . ئۆگەي ئاپام بىلەن ئاچام دادام بار چاغدا ماڭا كۆيۈنۈپ ياسالمىلىق قىلىشىدۇ . دادام بولمىسىچۇ ، چېچىمدىن يۇلۇپ تۇرۇپ ،ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ ئۆي ئىشلىرىغا سالىدۇ . مەن بۇ ئۆينىڭ مالىيىغا ئوخشاپ قالدىم .بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويسام ،ئۆگەي ئاپامنىڭ نوقۇشلىرى يۈرۈكۈمنى پارە-پارە قىلىۋەتتى .
   ئاپام بىلەن پەقەت تېلىفۇندىلا  ئالاقىلاشتۇق .ئاپامنى ئەنسىرمىسۇن دەپ مەن ياخشى دەيتىم .ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ،ئۇلارمۇ ئۇ يەردە تۇرۇشقا بىئەپ ھېس قىلىۋىتىپتۇ . بۇرۇن توختىماي ئۇرىشىدىغان ئىنىممۇ مېنى سېغىنىپتۇ . بەزىدە باشقىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسىگە ھەۋەس قىلىپ ،ئاپامنى ،ئىنىمنى سېغىنىپ كېچىچە يىغلايمەن .
   كۈنۈم مۇشۇنداق خورلۇق ۋە ئازاب ئىچىدە ئۆتەتتى .1يىلدىن كېيىنكى مەلۇم بىر كۈنى تېلېفۇن ئەنسىز جىرىڭلىدى .يۈگۈرۈپ بېرىپ ئالدىم ." ياخشىمۇسىز مەن دادىڭىزنىڭ دوستى مەممەت .ئاخشام دادىڭىز ھاراق ئېچىپ ماشىنا ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىدى . دوختۇرخانىغا تېز كېلىڭلار "دېدى .مەن يېلىفۇننى تاشلاپ دوختۇرخانىغا يۈگۈردۈم .
   دادامنى ئۇزتۇپ قويغىلى بىر ھەپتە بولدى . ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك ؟ ئۆگەي ئانامنىڭ قولىدا .... ياق ، ئاپامنىڭ يېنىغا كېتىمەن .ئۆيدىكى نەرسىلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ،ئاپام كېرەك بولار دەپ بەرگەن پۇلۇمنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم .
  قارمايغا ماڭغان ئابتۇبۇستا ئولتۇرۇپ دېرىزە سىرتىدىكى ياپ-يېشىل ئورمانلىققا قاراپ خىيالغا كىتىپتىمەن .
  ئىلگىرى ئۇلارنىڭ تولا ئۇرۇشۇشلىرىدىن تۇيۇپ بۇلار بولسىمۇ بوپتىكەن ،دەپ ئويلاپتىكەنمەن . مانا ئەمدى يېتىملىكنى يەتكۈچە تارتىپ ،قان يىغلىدىم . شۇ ئەسنادا ئاپتۇبۇس تۇيۇقسىز ئالدىدىكى يۈك ماشىنىغا ئۇرۇلدى .
  ئاپا! دەپ ۋارقىرىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم . توۋا، توۋا بۇ چۈشۈممىدۇ ؟! كۆزۈمنى ئاستا ئېچىپ قارىسام دوختۇرخانا ، پۇتۇم گىپىسلاغلىق ،بېشىم تېڭىقلىق ،قۇلۇمدا ئۇكۇل ئېسىقلىق . يېنىمدا ئاپام ،دادام ۋە ئىنىم كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا تۇرغۇدەك . توۋا ،بۇ چۈشۈمكەن .چۈش بولغاندىمۇ بىر ۋەھىمىلىك چۈش ئىكەن !
  ئەسلىدە ،مەن مەكتەپتىن قايتىپ كېتىۋىتىپ ، يولدىن ئۆتىۋاتقاندا بىر ماشىنىنىڭ تورمۇزى تۇتماي مېنى ئۇرۋىتىپتۇ . مېڭەم قاتتىق سىلكىنىپ كەتكەچكە ئوپراتسىيە قىلىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن 2كۈن ھوشسىز يېتىپتىمەن .
خۇداغا مىڭ شۈكرى بۇ چۈشۈمكەن . بۇ چۈش مېنى ئويغاتتى .شۇ چۈشتىن كېيىن ئاتا-ئانامنىڭ قەدىرىگە يەتمىگەنلىكمگە ، ئىللىق ئائىلەمنىڭ بولغانلىغىدىن ،  يىتىم  كوچىسىغا كىرىپ قالغانلىغىمدىن  خوش  بولدۇم .  ئاتا – ئانىلارغا شۇنى دىگۈم كىلىدۇ . ئاتا – ئانىلار ئۇرۇشماي ، ئىجىل –ئىناق  ئۆتسەڭلار ، پەرزەنتىڭلارنى ئويلاپ بولسىمۇ ، ئاجىراشماڭلار ، شۇ سەۋەبى پەرزەنتىڭلارنى  يىتىم  كوچىسىغا تاشلىماڭلار . رىستۇرانمۇ-رىستۇران چېيىڭلارنى توختۇتۇپ ،ھاراق ئىچمەي ،كىچىككىنە ئىشنى دەپ ئائىلەڭلارنى بۇزماي ،پەرزەنتىڭلارغا كۆيۈنۈپ ئۆتسەڭلار دەيمەن . ئوماق پەرزىتىڭىز يېتىم كوچىسىدا تەمتىرەپ قالمىسۇن ! دىلى سۇنۇپ قالمىسۇن ! مانا بۇ چۈش مېنى ۋە سەبى قەلبىمنى ئويغاتقان ۋەھىمىلىك چۈشتۇر !
ئاپتۇرى : پەزىليە مامۇت     تەخەللۇسى : لەيلا
بورتالا شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپ .تۇلۇقسىز 3-يىللىق 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى  
55.
[ بۇ يازمىنىئۈمىديار 2011-12-18 20:36قايتا تەھرىرلىد ]
دوستلىشىش
بورتالا
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 23
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 156
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە156دانە
تۆھپىسى: 39
پۇلى: 259 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 59
ياخشى باھا: 229
توردا: 14(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-18
ئاخىرقى: 2012-03-28
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-19 00:02

تۇقۇلما خارەكتىرىنى ئالغان تېمىڭىزدىن خىلى ھاياجانلاندىم .
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-19 15:56

ئاپتورەنىڭ تەخەللۇسى << لەيلا >> مۇ لەيلى مۇ ؟! ئالدۇنقىسى بولسا خەنزۇچى بولغان بولىدۇ...بۇنى ئويلۇشۇپ كۆرىشىنى تەۋىسسىيە قىلىمەن!!!