غەيرىي قەسەم
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
ئەي مۇسۇلمان قېرىندىشىم ،سىز قەسەم قىلىپ باققانمۇ ؟ نېمە دەپ قەسەم قىلىسىز ؟ چىن دىلىڭىزدىن قەسەم قىلامسىز ياكى ..... مېنىڭچە ھەقىقىي بىر مۇسۇلمان ئالدىراپ قەسەم قىلمايدۇ . قىلغان تەقدىردىمۇ پەقەت بىر سۆز بىلەن قەسەم قىلىدۇ . ھەم شۇ قەسەم قىلىپ ۋەدە بەرگەن ئىشىنى ھەر قانچە قېيىنچىلىق ،ھەتتا جېنىنى سېلىپ بېرىش بەدىلىگە ۋۇجۇدقا چىقىرىپ ،يەنە بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىنى رازى قىلىدۇ .ھەم ئۆز-ئۆزىدىنمۇ رازى بولىدۇ .
ئەپسۇس ،جەمىئىيىتىمىزدە ئىمانى سۇس بولغان ئىنتايىن قەسەمخور كەلگەن ، ھەتتا ئۆزىنىڭ نېمىشقا ؟ نېمە ئۈچۈن قەسەم بەرگەنلىكىنى ھەمدە نېمە بىلەن قەسەم بەرگەنلىكىنى بىلمەي يۈرگەنلەر ئاز ئەمەس . ئۇلار قەسەم بېرىشنى ھەتتا كىچىككىنە ئەرزىمەس ئىشلارغىمۇ ئىشلىتىشنى ئۆز-ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغانلاردۇر .
مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئالدىراپ قەسەم قىلمايلى ! قەسەم قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ قالسا ، پەقەت بىرلا سۆز بىلەن قەسەم قىلايلى .ھەزەر قىلىڭكى ، سىزنىڭ بەرگەن قەسىمىڭىز قولىڭىزدىكى ، ئالدىڭىزدىكى نەرسىلەرنى شېپى كەلتۈرۈپ ياكى ھەرخىل جانلىق-جانسىز نەرسىلەرنى شىپى كەلتۈرۈپ قىلغان قەسەملەردىن بولۇپ قالمىسۇن . ئەتراپىڭىزغا نەزەر سالغىنىڭىزدا ،ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ نېمىنى شىپى كەلتۈرۈپ قانداق قەسەم قىلغانلىقىنى كۈزىتىڭ .
بىز تۇرمۇشىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق ،نۇرغۇن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياخشى ئەمەلىنى قىلىپ ،ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىپ ھەمدە ئاللاھنىڭ بۇيرۇغان نامازلىرىنى تولۇق ئادا قىلىپ ،ئالاھ توسقان ھاراملاردىن ئۆزىنى تۇسۇپ ئاللاھ بۇيرۇغان ھالال ئىشلارنى چىن دىلى بىلەن قىلىپ ،ئاخىرەتتىن قورقۇپ ، گۈناھلاردىن ئۆزىنى تارتىپ ئاللاھنىڭ مەخپىرىتىگە ئېرىششنى ئارزۇ قىلىپ ، پۈتۈن ئىخلاسى بىلەن ئىبادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز . ئۇلاردىن ھەمدە ئۇلارنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرىدىن ئالاھ رازى بولسۇن .
لېكىن بەزى مۇسۇلمانلىرىمىز باركى ،ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بىلىپ-بىلمەي سۆزلەشكە تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى سۆزلەپ قويۇپ ،ئاڭلاشقا تېگىشلىك بولمىغان گەپلەرنى ئاڭلاپ قۇيۇپ ،كۆرۈشكە تېگىشلىك بولمىغان نەرسىلەرنى كۆرۈپ قويۇپ دېگەندەك ئۆزى سەزمىگەن ھەم دىققەت قىلمىغان ھەمدە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئانچە تارتالمايدىغان ئۆزى كىچىك دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ . شۇ مۇسۇلمانلىرىمىز مۇشۇ كىچىك ئىش دەپ قارالغان ئىش تۈپەيلى ،ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن-بۇيان سەھەر تۇرۇپ ،كەچ يېتىپ قىلغان قىسقىسى ،نۇرغۇن ئەقىدە ،تىرىشچانلىق بىلەن قىلغان ئىبادەتلىرىنىڭ خۇددى قۇمغا سۇ سىڭگەندەك ، خۇددى بىر تال قۇرۇت بىر يوغان دەرەخنى يەپ تۈگەتكەندەك يەپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلەمدىغاندۇ ؟
ئەمدى مۇشۇ كىچىك ئىش دەپ قارالغان .لېكىن ئىنتايىن چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرى بولغان "قەسەم "دېگەن ئاتالغۇغا نەزەر سېلىپ بېقىڭ !
ئاپتۇرى : دىليار ئابىلجان تەخەللۇسى : كاپىتان
بورتالا شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپ .تۇلۇقسىز 3-يىللىق 3-سىنىپ .
[ بۇ يازمىنىئۈمىديار 2011-12-18 20:40قايتا تەھرىرلىد ]