ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1691 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: خاسىيەتلىك بايرام _ نورۇز
دوستلىشىش
ئۈمىديار
ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 646
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە646دانە
تۆھپىسى: 114
پۇلى: 994 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 174
ياخشى باھا: 890
توردا: 321(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-11-01
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-21 02:02

خاسىيەتلىك بايرام _ نورۇز

ئەسكەرتىش: بۇ يازما bozqir تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-03-23)
رەسىم:

           «نورۇز» (Noruz) ئەسلىدە پارىسچە سۆز، ئۇ «نەۋرۇز»سۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۆزگەرگەن ۋارىيانتى بولۇپ، سۆز مەنىسى جەھەتتىن «باھار يامغۇرى»، «تۇنجى باھار كۈنى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ بايرام شەمسىيە كالېندارى بويىچە قىش ئاخىرلىشىپ، باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى (ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى)، يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ  بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ. نورۇز بايرىمى ئەسلى ماھىيىتى بىلەن يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ، بۇ ئەنئەنىۋى بايرام ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە ئىنتايىن چوڭ تەسىرگە ئىگە.
«نورۇز» سۆزىنىڭ ئەسلى ئېتىمولوگىيىسى پارىسچە بولغىنى بىلەن، بۇ بايرام ئۇيغۇرچە «يېڭى كۈن» يەنى «يىل يېڭىلانغان كۈن»دېگەن سۆز مەنىسى بىلەن ئۇزاق دەۋرلەردىن بېرى ئۇيغۇرلار مەدەنىي تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلگەن. تارىختا پارىسلار بىلەن بولغان دىنىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ قويۇقلىشىشى بىلەن كېلىپ چىققان «پارس تىلى قىزغىنلىقى»ئارقىسىدا، تىلىمىزدىكى «يېڭى كۈن» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئورنىدا پارسچە «نەۋرۇز» (Newruz) سۆزى قوللىنىلىدىغان بولغان. «نەۋرۇز» سۆزى ئىستېمال جەريانىدا تەدرىجىي تاۋۇش ئۆزگىرىشى ياساپ «نورۇز» شەكىلىگە كەلگەن.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نورۇز بايرىمىنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچىلىك تارىخىي ماتېرىياللارغا ئىگە ئەمەسمىز. لېكىن نورۇز بايرىمى ھەققىدىكى كۆپلىگەن گۈزەل ئەپسانە-رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، نورۇز بايرىمىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇنقى كۆك تەڭرىگە چوقۇنغان دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، كۆك تەڭرىگە ئېتىقاد قىلغان ئاشۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلار كۆكتە جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇنلىشىشىغا قاراپ، ئۇلارنى ئوخشىمىغان سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلەشكەن. ئۇلارنىڭ تونۇشىچە، ئاققۇزا يۇلتۇزى ئىنسانلارغا بەخت ئاتا قىلغۇچى ئىلاھ، قوش، بېلىق يۇلتۇزلىرىنىڭ يوقۇلۇپ، ئاققۇزا ئىلاھىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىققان كۈنى ئىنسانلارغا بەخت ۋە تەلەي كېلىدۇ، دېگەن ئەقىدە بويىچە، ئاققۇزا ئېيىنىڭ باشلانغان كۈنى (مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 21-كۈنى)نى نورۇز بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن①
نورۇز بايرىمىنىڭ قاچان ۋە قانداق ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىش قىيىن بولسىمۇ، ئەمما شۇنى ئېيتىش مۇمكىنكى، بۇ بايرام ھەر تەرەپلىمە ئىلمىي ئاساسلانغان كائىنات ۋە تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى، يەنى قۇياشنىڭ ھەمەل(قوزا) بۇرجىغا كىرىشى، كېچە بىلەن كۈندۇزنىڭ ۋاقىت جەھەتتىن تەڭلىشى، كۈندۇزىنىڭ ئۇزىراشقا باشلىشى، تەبىئەتتە يېڭىچە جاللىنىشنىڭ باشلىنىشى، باھارنىڭ يىتىپ كىلىشى بىلەن باغلىق بولغان. بىز نۇرۇز بايرىمىنىڭ چوڭقۇر يىلتىزىغا مۇراجىئەت قىلساق، ئۇنىڭ قەدىمكى دەۋىرلەردە ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ دېقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتكەندىن كېيىن، ئېتىز-ئېرىق، دالىلاردا يېڭى ئىش مەۋسۇمى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئالدىدىن ئۆتكۈزىدىغان باھار بايرام-مۇراسىملىرىغا بېرىپ تاقىلىدۇ.
قەشقەرنىڭ ئوپال رايونىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئالىى مەھمۇد قەشقەرى مازىرى ( ھەزرىتى موللام مازىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) يېنىدا «نورۇز بۇلاق»دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۇلاق بار. ئۇزۇن تارىخنىڭ شاھىدى بولغان بۇ بۇلاق ھەققىدە شائىرلىرىمىز نۇرغۇن شېئىر، قوشاقلارنى يېزىشقان. بۇ بۇلاقنىڭ ئۆز ۋاقتىدا نورۇز سەيلىللىرىدە تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىىلىدىغان سەيلىگاھلاردىن بولغانلىقى ئېنىق. «ھەزرىتى موللام تەزكىرىسى» ( مەھۇد قەشقەرى تەزكىرسى)نىڭ  ئاياق قىسمىدا، ئۇستازلار ۋە قارىلارنىڭ ئۆز تالىپلىرىنى باشلاپ نورۇز بۇلاققا بېرىپ، بۇ يەردە تۈنەپ سەيلە قىلىدىغانلىقى ۋە تالىپلارغا شۇ بۇلاقتىكى سەيلىدە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان⑩.
شېڭ سىسەي تەختكە چىققاندىن كېيىن، بۇ بايرامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مىلادىيە يىلنامىسى بويىچە 1-ئاينىڭ 1-كۈنىنى يىل بېشى قىلىپ بېكىتكەن، ھەمدە نورۇز بايرىمىنىڭ ئورنىغا ئۆزى تەخىتكە چىققان 12-ئاپرېل كۈنىنى بايرام قىلىپ بېكىتىپ، شۇ كۈنىنى قۇتلۇقلاشنى بۇيرىغان. نورۇز بايرىمى گەرچە ئۇزۇن يىل تاشلىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن خەلق ئارىسىدا بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غەيرى رەسمىي يوسۇندا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەنىدى.
1982-يىلى، بۇ بايرامغا تەشنا بولۇپ كەلگەن نەچچە مىڭلىغان كىشى نورۇز بۇلاق بېشىغا بېرىپ تۇرغۇنلۇقتىن كېيىنكى تۇنجى نورۇز سەيلىسىنى يەنە بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ نورۇز بۇلاق سەيلىگاھىدىن باشلىدى.
19-ئەسىرگىچە ئوپالدىكى نورۇز بۇلاق-كاتتا نورۇز سەيلىگاھى بولۇپ كەلگەن. بۇ بۇلاق شۇ جايدىكى مەھمۇد قەشقەرى مازىرى (ھەزرىتى موللام مازىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، 14-ئەسىردىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىلا ھەر يىلى نورۇز پائالىيىتى شۇ بۇلاق بويىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەنلىكتىن، بۇ بۇلاق «نورۇز بۇلاق» دەپ ئاتالغان. بۇ نورۇز سەيلىسىدە شېئىر-نەزمە مۇسابىقىسى ئاساس قىلىنغان ھالدا خەلققە ئاپەت كەلتۈرىدىغان جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مەقسەت قىلىنغان ئەنئەنىۋى ئويۇنلاردىن «سۇ چېچىش ئويۇنى»، ئەقىللىق بولۇشقا دەۋەت قىلىندىغان «بۇلاق نېنىنى يېيىش ئويۇنى»، «تۇمارلىق ئېلىش ئويۇنى» قاتارلىق ئويۇنلارمۇ ئوينالغان.
شېئىر-نەزمە مۇسابىقىسى: بۇ مۇسابىقە يۇرت-يۇرتلاردىن نورۇز سەيلىسىگە كەلگەن داڭلىق ئۆلىما، داموللا، مۇدەررىسلەرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ئۇلارنىڭ شاگىرت-تالىپلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن(ھازىر بۇ، ئۇمۇمىي خەلق پائالىيىتىگە ئايلىنىپ، بۇ ساھەدە ئىقتىدارى بارلىرىنىڭ ھەر قاندىقى قاتنىشىدىغان بولدى). مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققۇچىلار ماددىي مۇكاپاتلارغا مۇ يەسسەر بولغان.
سۇ چېچىش ئويۇنى: بۇ ئويۇن يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەقسەتتە سەيلىگە كەلگەن بارلىق چوڭ-كىچىك، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا بۇلاق ئېقىنىنى بويلاپ بىر-بىرىگە سۇ چېچىش شەكلىدە ئوينىلىپ كەلگەن. + :
بۇلاق نېنىنى يېيىش ئويۇنى: گىرۋەكلىرىگە چۆرۈلدۈرۈپ خاسىيەتلىك سۆزلەر ئۇيۇلغان مەخسۇس بىر نەچچە نان ھازىرلىنىپ ئۆلىمالار تەرىپىدىن بۇلاق بېشىغا تاشلىنىدىكەن. ياشلار، تالىپلار بۇلاق ئېقىنىنى بويلاپ يۈگۈرۈشۈپ يۈرۈپ، ناننى سۈزىۋېلىپ تالىشىپ يەيدىكەن. ھازىرقى شىرمان ناننىڭ گۈلى شۇنىڭدىن قالغانلىقى مەلۇم.
تۇمارلىق ئېلىش: مۇسابىقىدە باھالانغان شېئىر-نەزمىلەر يېزىلغان قەغەزلەر ئۈچ بۇرجەك قىلىپ قاتلىنىپ، ئۆلىمالار تەرىپىدىن بۇلاق بېشىغا تاشلىنىدىكەن. سەيلىگە كەلگەن ياشلار ئۇدۇم ئېلىش مەقسىتىدە بۇلاق ئېقىنىنى بويلاپ يۈگۈرۈشۈپ يۈرۈپ، ئۇلارنى سۈزىۋېلىپ دوپپىلىرى ئۈستىگە ئېلىپ قويىدىكەن، كېيىن رەخىتتىن ئۈچ بۇرجەك قاپچۇق تىكىپ، تۇمار قىلىپ بويۇنلىرىغا ئېسىۋالىدىكەن. ئۇيغۇرلاردىكى تۇمار ئېسىش ئادىتى شۇنىڭدىن كەلگەنلىكى مەلۇم. ئەمما «تۇمار» كېيىنكى ۋاقىتلاردا خۇجا، ئىشانلار تەرىپىدىن خۇراپىلەشتۈرىۋېتىلگەن.
بۇ پائالىيەتلەرنىڭ بىر قىسمى ئوتتۇرا ئەسىرلەرگە كەلگەندە ئىجرادىن قالغان بولسىمۇ، ئەمما شۇ پائالىيەتلەردە گەۋدىلەندۈرۈلگەن خەلقىمىزدىكى ئىلىم-مەرىپەتكە ئىنتىلىش ئادىتى مەشرەپ ئويۇنلىرى، شېئىر-نەزمە، تېپىشماق ئېيتىشتەك شەكىللەر ئارقىلىق دەۋرىمىزگىچە داۋاملىشىپ كەلدى. شۇڭا كونىلار: «بالاڭنى مەكتەپكە بەر، مەكتەپ بولمىسا مەشرەپكە بەر» دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆزلەرنى قالدۇرغان.
دېمەك، نورۇز بايرىمى ئەنە شۇنداق ئۇزۇن تارىخ، چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئاساس ۋە تەسىرگە ئىگە بولغاچقا، يەكلەشچانلىقى كۈچلۈك بولغان ئىسلام شارائىتىدىمۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يوقاتماي دىندىن خالىي بولغان ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام سۈپىىتىدە داۋاملىشىپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە. نۇرۇزنىڭ خاسىيىتى شۇكى، ئۇ، بىرلىك، ئىناقلىق بايرىمىدۇر. شۇڭا، ئۆچ-ئاداۋەتلىكلەر، جۈملىدىن ئارىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشكەن ئەر-خۇتۇنلار نوزۇر مەزگىلىدە «ئۆتكەنگە سالۋات» قىلىپ، قايتىدىن يارىشاتتى ياكى ياراشتۇرىلاتتى. بۇ، كۆپىنچە يوقلاش پائالىيىتىدە ياكى مەشرەپ، سەيلىلىرىدە، ياكى بولمىسا «زارىخەتمە» ۋاقتىدا چوقۇم ئادا قىلىناتتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپلا قالماي، يەنە قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق تۈكىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ شۇنداقلا تاجىك قاتارلىق شەرقىي ئىران تىللىق مىللەتلەرنىڭمۇ ئەنئەنىۋى باھار بايرىمىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزاق دەۋرلىك تەدرىجىي تەرەققىياتى جەريانىدا دىندىن خالىي، بايرام جەريانىدا ھېچقانداق دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزلمەسلىكتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن باشقا دىنىي بايراملاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ كەلگەن. ئۇنىڭ يەنە بىر رېئال ئەھمىيىتى شۇكى، نورۇز-شادلىق بايرىمى، ئۆملۈك-ئىناقلىق، بىرلىك-ئىتتىپاقلىق، ئامانلىق ۋە ئەمگەك بايرىمى بولغاچقا، ئۇ خەلقىمىز ئارىسىدا ئەسىرلەردىن بېرى ئۆزىنىڭ خاسىيىتىنى يوقاتماي، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى بايلىقى سۈپىتىدە ئارزۇلىنىپ ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلدى.
14-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ شائىر ئەلشىر ناۋائى ئۆزىنىڭ «جاھار دىۋان» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە، مۇقام ئىسىملىكلىرى قاتارىدا «نورۇز مۇقامى»نى تىلغا ئالغان. شۇنىڭدەك «نورۇز مۇقامى»نىڭ «نورۇز بۇزرۇك»، «نورۇز ھۈسەييىن»، «نورۇز كۆچەك»، «نورۇز بۇسبىلىك»، «نورۇز راست»، «نورۇز سۇلتانى» قاتارلىق كۆپلىگەن نەغمە-ۋارىيانتلىرى بولغانلىقى مەلۇم
;15-ئەسىردە ئۆتكەن بۈيۈك ئويغۇر شائىرى مەۋلانە ئەبەيدۇللا لۇتفى «گۈل ۋە نورۇز»دېگەن مەشھۇر ئەسىرىنى يازغان. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ قەدىمكى نورۇز بايرىمىغا بېرىپ  تاقىلىدۇ.
مەھمۇد قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا نورۇزنى تىلغا ئېلىپ: «نورۇزدىن كېيىنكى تۇنجى باھار ئېيىنى ئوغلاق ئاي دەيدۇ، چۈنكى بۇ ئايدا ئوغلاق چوڭ بولىدۇ»⑥، دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن نورۇز بايرىمىدىن كېيىنكى «ئوغلاق ئېيى»دەپ ئاتالغان تۇنجى باھار ئېيىدا كىشىلەرنىڭ قاتارى ئوغلاق تارتىشىپ ئوينايدىغانلىقىنى قىياس قىلىش مۇمكىن.
15-ئەسىردە ياشىغان بەلىخلىق تارىخچى خاۋەند شاھ مىر خاۋەندمۇ ئۆزىنىڭ «رەۋزەتۇسافا»ناملىق ئەسىرىدە نورۇز بايرىمى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: «چىڭگىزخان شەرق پادىشاھى بولۇپ، يېڭى يىلنىڭ نورۇز چېدىرىنى قۇرغان پەسلىدە، شەرەپ بارىگاھى ئۈستىگە چىقتى. ئۇنىڭ خاقانلىق دەۋرى قېرى-ياش بارلىق ئەل-ئۇلۇسقا ئايلاندى. باھارنىڭ خۇشپۇراق شامىلى ئەۋەتكەن خۇشخەۋەر ئەلچىسى ئۆلۈك ھالەتتىكى يەرنىڭ تىرىلگەنلىك خەۋىرىنى ئەيش-ئىشرەت ئەھلىنىڭ قۇلاقلىرىغا ئاڭلاتتى. باھار زىننەتىچسى گۈل-چېچەك ئويۇنلىرىنى چىگىل كۆزلىرىگە تىركەپ زىننەتلىدى… نورۇز كۈنى شامىلى كەلتۈردى بىر شامال، بوستاندا گۈل ئېچىلدى مېۋىلەر قاتار-قاتار…»⑦
پارس تىلىدا يېزىلغان «شەمسۇل لۇغەت» ناملىق كىتابتىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمى مەزگىلىدە، «نورۇزنى تەبرىكلەش يۈزسىدىن ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، چېلىشىش، ئەلنەغمە، قالۇن چېلىش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ»غانلىقى بايان قىلىنغان.
مۇھەممەد سادىق قەشقەرىمۇ «تەزكىرەئى ئەزىزان»ناملىق كىتابدا: «بۈگۈن نورۇز بايرىمى، ئۆيۈمدە زىياپەت ھازىرلىدىم ئۆزلىرى قەدەم تەشرىپ قىلالا»⑧ دەپ نورۇز ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ.
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان غۇلجىلىق ئەدىب سەنۇبەر شاھ ئىبنى ئەھمەد 1922-، 1935-يىللىرى يازغان «نورۇزنامە»ناملىق ئەسىرىدىمۇ، نورۇزنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى ئۇزۇن دەۋرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلار بۇ بايرامنى تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈشنى ئۆزلىرىگە رەسىم-قائىدە قىلغانلىقى، نورۇزنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى، ئىجتىمائىي تەسىرى، شۇنىڭدەك شائىرلار، مەدرىسلەردىكى مۇدەررىسلەر، تالىپلارنىڭ بۇنىڭغا ئاتاپ شېئىر-قوشاقلارنى توقۇپ ھەرخىل سورۇنلاردا دېكلىماتسىيە قىلىدىغانلىقى ھەمدە نورۇزنامە ھەققىدىلا 175 كۇپلېت قوشاق بار.
ئىچىمدىكى دەرتلەرنى ناخشام بىلەن تۈگەتتىم .
دوستلىشىش
ئۈمىديار
ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 646
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە646دانە
تۆھپىسى: 114
پۇلى: 994 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 174
ياخشى باھا: 890
توردا: 321(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-11-01
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-21 02:22

  
ئىچىمدىكى دەرتلەرنى ناخشام بىلەن تۈگەتتىم .
دوستلىشىش
مەھلىيا
ئائىلەمنى سۆيمەن!!!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 24
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 166
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە166دانە
تۆھپىسى: 9
پۇلى: 185 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 18
ياخشى باھا: 185
توردا: 87(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-18
ئاخىرقى: 2012-10-23
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-21 09:47

مۇنبەردىكى بارلىق دوسلارنىڭ نورۇز بايرمنى تەبىركلەيمەن! نورۇز بايرمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!!!
دوستلىشىش
ئانتونىي
ھايات بىر مەيدان_دۇئېل
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 105
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 18
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە18دانە
تۆھپىسى: 3
پۇلى: 24 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 6
ياخشى باھا: 24
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-04
ئاخىرقى: 2011-03-29
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-21 17:41

يېڭى نەۋرۇز مۇبارەك !
__________
ئالىمنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىر قىسما بولدى ...
دوستلىشىش
ئەلتېكىن
ھەممىگە توۋا ...
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 49
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 382
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە382دانە
تۆھپىسى: 56
پۇلى: 498 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 105
ياخشى باھا: 493
توردا: 142(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-25
ئاخىرقى: 2012-10-23
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-21 17:44

   ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق، ئەدەپ-ئەخلاق تەشۋىق قىلىنىدىغان، ئەنئەنىۋى ئەمگەك بايرىمىمىز نورۇز بايرىمىمىزغا مۇبارەك بولسۇن !
قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس._ ئەلتېكىن

بارلىق مۇناسىۋەتلەر ماددىنى چۆرىدەپ قۇرۇلغان ئىكەن...
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 31
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 424
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە424دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 547 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 119
ياخشى باھا: 517
توردا: 54(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-19
ئاخىرقى: 2011-08-18
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-22 00:58

رەھمەتلىك ھەجەپ كىچىك تەرەپلىرىنى دەپ پۈتۈن ئۇيغۈۇرلارنىڭ ئىدلوگىيىسىگە بولغان تەسىرىنى سۆزلەمتىكەن «ياتقان يەرلىرى جەننەتتە بولسۇن،ئامىن»
ئۆرلە ۋەتەن!