‹‹ئۆمەرجان نىيازى شئېىرلىرى››دىكى يارقىن كۆلەڭگە...
( ئوبزور )
قاراخان
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان‹‹ئۆمەرجان نىيازى شئېىرلىرى ›› ناملىق توپلامغا نەشىرگە تەييارلىغۈچىنىڭ تۇتاملىق ،سالماق بايانى بېرىلگەن بولۇپ بۇ بايان بىزنى توپلام ۋە مۇئەللىپنىڭ خاس ئارخىپى بىلەن تونۇشۇش، چۈشىنىش ھاسىل قىلىشقا يېتەكلەيدىغان مۇئەييەن ھالقا، تۇتقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ تۇتقۇدىن تۇيغۈن كۆڭللەرنىڭ قانداقتۇر بىر رۇشەن مەنزىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلىشى قىيىن ئەمەس ،بىز ئېھتىراسلىق بىلەن ئىنچىكە ئانالىزغا يۇزلەنسەك ھەر بىر ئەسەرنىڭ ئۆزگىچە رەڭ -پۇراقلىرىغا تەبئى ھالدا سىڭىپ كېتىمىز. گىياھقا تۇپراق ،بېلىققا دېڭىز ،قۇشلارغا كۆك، ئادەمگە يۇرت-ۋەتەن
كېرەكلىگەنى پەخىرلىك ھېسلار بىلەن ئىپادە قىلىشقا ئىنتىلگەن شائىرنىڭ شېئىرلىرى سايرامنىڭ ئوپقۇنلىرىغا ،ئەركەك چوققىلارنىڭ ھەيۋىتىگە ،ئىلى تارىمنىڭ ئۆركەشلىرىگە ،مىڭ ئۆيلەرنىڭ مۇڭ -ئەلەملىرىگە ،قوشۇلۇپ ماڭا خۇددى ۋېنگىرىيە شائىرى ساندور پىتوفىنىڭ يارقىن كۈيلىرىدەك تەسىرات بېرەلىدى. مەن ئۇرغۇپ تۇرغان ھېس ۋە تىرەن تەپەككۇرنىڭ ھاسىلاتى بولغان بۇ شېئىرلاردىكى ئاھاڭدارلىقنىڭ كۈچى ۋەلىرىك غەزەللەردىكى چالا كۆيگەن چۇچۇلادەك يارقىن كۆلەڭگۈنى كۆرۇپ ،شائىر قەلىمىگە،قەلبىگە قايىل بولدۇم.ئاز كەم 10يىلدىن بېرى مەتبۇئات يۈزىدە مۇبارەك توپلامنىڭ ئىلمى قىممەتلىرىگە ئاتالغان يازمىلارنى ئۇچراتمىغانلىغىمىنى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق پەرىشانلىغىغا سۇندۇردۇم...قايسى بىر سورۇندا ئىچكەن ماركىلىق ھاراق ۋە قايسى بىر دۇكاندىن ئالغان ماركىلىق كىيىمنىڭ داۋراڭلىرنى ئاڭلاپ تۇرغان بولساممۇ مۇبارەك توپلامدىكى بىرەر مىسرا ھېكمەتنىڭ ئۈزۈندىسىنى بەس مۇنازىرە تېمىسى قىلالمىغانلىقىمىزدىن كېچىكىپ تەشۋىشكە چۆمدۇم.
شۇڭا سۆزى ئاددى، مەنىسى چۆڭقۇر بۇ توپلامنىڭ تۇزىنى تېىتپ ،ئۇنىڭ كۈچىدىن بىر-ئىككى ئېىغىز سۆز قىلىشقا جۈرەت تاپتىم.بۇ قىلغىنىم ئوتتۇرا يولدىن يانغىنىمدىن ئەۋزەلدۇر بەلكى ....
بىرىنچى:
پۇتۇن شېئىردا شائىرنىڭ راست گەپ قىلغانلىقىنى پەملىدىم. بۇ شائىرنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ كۆڭلىدىكى تۇگۇنچەكنى يېشىپ بېرەلىگەنلىگىنى چۇشەندۈرۈدۇ ، بۇ رىياللىق ئاتا قىلغان تەسىرات قانداق بولسا ، شائىرنىڭ تۇيغۇن يۈرىگىدىكى تەسىراتنىڭمۇ شۇنداق بولغانلىغىنى چۈشەندۈرىدۇكى، ھەرگىزمۇ ناتىقلىق كىرى،ياكى ئۆز پىكرى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولغانلىغىنى چۇشەندۈرمەيدۇ. ئۇنىڭ تەپەككۇر-تۇيغۇلىرى دېڭىز كۆۋىكىدەك لەيلەپ يۇرگەن ،ئەرزىمەس تۇيغۇلار قاينىمىدىن پۇتۇنلەي مۇستەسنا ئىكەنلىگنى تونۇپ يەتتىم .ئۇ يورۇتقان چىنلىق خېلى چاغلارغىچە كىتاپخاننىڭ ئالى نېرۋىسىدا غىدىقلىنىپ تۇرىدىغان يۈتمەس-يوقالماس چىنلىقتەك تۇيۇلدى. ئۇنىڭ چىنىلىق،گۈزەللىك تۇيغۇ پىرىنسىپى خۇددى ‹ئاقىل ھەق سۆزدىن باشقىنى دىمەس، ئەمما ھەممە ھەق سۆزنى دىيىشمۇ ئاقىللىق ئەمەس › -دىگەندىن ئىبارەت بولسا كېرەك. مەسىلەن:‹گۈلخۈمار خەلقىم ›دە:
--تارىخنىڭ بېتىدە خەلق شاتلانغان،
دەۋرنى گۈللەنگەن دەۋر دەيدىكەن.
قاراخان سەلتەنەت قۇچقان چاغلارنى ،
كىشىلەر توزىماس بىر گۈل -دەيدىكەن.
......
دىگەن بولسا ،
ئاخىرقى كۇبلېتتا....
ئۈمۈدۋار خەلقىمنىڭ ئۇلۇغ غايىسى ،
ئىستىمەك جاھاننى گۇلگە پۈركەشنى،
گۇللەرگە چىن ئاشىق بۇ ئىشچان خەلق،
ئىزدەيدۇ ئايغىمۇ گۇللەر تېرىشنى.
-دەيدۇ.
دىمەك ،بىزنىڭ گۈلخۇمار خەلق ئىكەنلىگىمىز تارىخ بېتىگە شۇنداق نەقىش قىلىنغانكى ئاغرىپ ياتقان بىمارنىڭ بىر دەستە گۈلنى كۆرۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەنلىگىدەك رىئاللىقىمىزغا ئەجەپلىنىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.
ئىككىنچى:
شائىرنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى ئۇنىڭ شائىرلىق كۈچسىىنىڭ سىرتىدا ئەمەس بەلكى ئىچىدە ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدىغان شېئرى سىتروفا(بۆلەك)لەر،توپلامنىڭ ھەر بىر قاتلاملىرىدا يالتىراپ تۇرغانلىغىنى بايقىدىم مەسىلەن:‹سەپەر تەسىراتلىرى› (35-بەتكە قارالسۇن) دا؛
شائىر پەقەت ئات ئۈستىدە گۇل كۆرگەن كۆچمەندەك ئەمەس بەلكى ، شۇ تۇپراقتىن ئۈنۈپ چىققان يېشىل گىياھتەك باغلانما تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويالىغان .شائىرنىڭ ئۆزى چەت ياقا يۇرتتا بولسىمۇ ئەس -خىيالى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئاشىيان -ئۇۋىسىدا كېزىدۇ .ئۇنىڭ بەدئى تەسەۋۋۇرغا ئالغانلىرىنى بەلكى شۇ ۋەتەن ،شۇ تۇپراق ،شۇ يۇرت قوينىدا ياشاپ ئۆتكەن ،ئۇنىڭ ئاش-تۇزىنى يەپ چوڭ بولغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەتىۋارلىق پەرزەنتلىرىمۇ ھېس قىلىپ باقمىغان بولسا كېرەك؟ مەسىلەن:‹ئەنجاندا› 36-بەت،‹ماناس ھەيكىلى›،‹ساياھەت ئىلھاملىرى›،‹خوتەن تەسىراتلىرى›‹ئوتلۇق ئاھلىرىم›،‹تۈمەن›...قاتارلىقلار.
ئۈچىنچى؛
باشقا كۆڭۈل،كۆزى رۇشەن شائىرلارنىڭ قىلغان تەسەۋۋۇرلىرىنى شائىرنىڭمۇ دەل جايىدا ھەم ۋاقتىدا قىلىشقا ئۈلگۈرگەن ۋەمىرادىغا يەتكۈزۈپ ئىپادە قىلالىغانلىغىنى جەزىم قىلدىم. مەسىلەن: ئۇلۇغ ئەجدادىمىز ئارىيانلارنىڭ ساھىپجامال ھۆر قىزى ‹كىرورەن ئانا›غا بېغىشلاپ يېزىلغا ن ‹كۆردۈم› دىگەن شېئىرى، شائىر تۆلەندىن ئەزىم زۇليارى يازغان ‹‹كىرورەن گۈزىلى-سەن مېنىڭ ئانام››(‹ئۇنتۇلغان ئادەم› گە قارالسۇن)،ھاجى ئەخمەت كۆلتىكىن يازغان ‹‹كىرورەن گۈزىلى››،(ھاجى ئەخمەت كۆلتىكىن شېئىرلىرىدىن تاللانمىغا قارالسۇن)،ئابدۇقادىر جالالىدىن يازغان ‹كىرورەن گۈزىلىگە›( كۆيگەن دېڭىزغا قارالسۇن) ئوسمانجان ساۋۇت يازغان ‹ئاھ كىرورەن!›(گۇللەر سۆزلەيدۇ) شائىر بوغدا ئابدۇللا يازغان <<كروران مەلىكىسى>.(قەدىمى يارغولدا كەچ كۈز )گە قارالسۇن ،دىگەن شېئىرلار بىلەن بىر ماكان ،بىر زاماندا ،بىر تېمىدا ئوخشاش قەلەمدە يېزىلغان بولسىمۇ ئەمما ئوخشىمىغان ئەلەمدە ،ۋە تەسەۋۋۇردا يېزىلىپ ئورتاقلىق بىلەن خاسلىقنىڭ گارمونىك ئۇيۇتمىسىنى نامايەن قىلالىغان .بىز بۇ خىل شائىرانە ھۇشيارلىق ، چاققانلىق،مەلىكىلىككە جان تەسەددۇق ئېيىتماي تۇرالمايمىز! مەسىلەن
:‹‹مومامنىڭ بارمىقى بىرلە پۈتۈلگەن ساپ يۇڭ ئەڭلىككە ،
قايىل ،ھەيرانۇ ھەس بولغان جاھان خۇشتارىنى كۆردۇم.
نەفىس ياستۇق ، نەفىس قالپاق ئۇزۇن تارىخقا شاھىددۇر ،
، بوۋام ئەقلى كامالىغا جاھان ئىقرارىنى كۆردۇم››..
تۆتىنچى:
ئېىقىم مەسلىلىرى ،ھەر خىل ئىنفورماتسىيە (ئۇچۇر) لارغا ،تۇرمۇشقا بولغان سىياسى سەزگۈرلۈكنى باشقا شائىرلاردەك سەزگۈر پەللىدە تۇرۇپ كۈزىتەلىگەنلىگىنى كۈزەتتىم..بۇنى يىراقنى كۆرەرلىكنىڭ مەھسۇلى دىيىشكە ھەقلىقمىز.شائىر ئۆزگىچە تىل ،ئۇسلۇپ مەزمۇندا ئۆز مۇڭ - ھالىنى خاس رەۋىشتە بىزگە ئايان قىلىپ‹ يەر›نىڭمۇ ،‹ ھوسۇل›نىڭمۇ نەپلىرىگە بىزنى مۇيەسسەر قىلغان. بەدئى شەكىل ھامان ئىدىىيىۋى مەزمۇننىڭ مۇتلەق قېلىپ ، رامكىسى ئەمەس . ،ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى جەريانىدا بەدىئى ئۇسلۇپ مۇئەييەن بەدئى ماھارەتتىن تەدىرجى روياپقا چىقىدۇ.رىياللىقتا تېكىست ۋە ئاھاڭ بولسىلا ئۇنىڭدىن تولۇق ھوزۇر ئالغىلى بولىدۇ دەپ قاراش مۇۋاپىق بولمىسا كېرەك .مەسىلە ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىيالايدىغان ئادەمنىڭ بولىشدا. شائىر ھەم كومپوزىتور، ھەم پۈتۈكچى ،ھەم كۈي-غەزەلچى بولۇپ ھەممىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆزىدىن چىقىرالايدىغان كامالەتنى ھازىرلىيالىغان ، ئۇنىڭ ئىلھام-ھېسلىرىغا بىزنىڭ تەڭكەش قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىغان ،ئۇنىڭ غايىۋى مەنزىلىگە بىزنىڭ تەڭ ئات چاپتۇرىشىمىزنىڭ ھاجىتىمۇ قالمىغان ، بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغىنى پەقەت ئۇنىڭ بايانلىرىغا لوقمىسىز ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت خالاس!مەسىلەن:‹‹مەندە بار ››غا قاراپ باقايلى:
-مەندە بار چىدام غەيرەت -جاسارەتمۇ ،
مەندە بار مۇھەببەت ھەم قاباھەتمۇ،
مەندە بار مېھرىبانلىق ،شاپائەتمۇ،
مەندە بار ئېيتىپ تۈگىمەس جاراھەتمۇ.
...........
مەندە بار دوستلىرىمنى ئالداپ ،سېتىپ ،
گاھى- گاھى غەللەم توشقان تاپاۋەتمۇ.
مەندە بار بوزەكلەرنى بوزەك ئېتىپ،
‹نوچىلار›غا ،كۈچۈكلەنگەن پاراسەتمۇ..
يۇقۇرقى قۇرلارنى ئوقۇپ چىققاندا ئۆزىمىزدە كەم نەرسىنىڭ نىمىلىگىنى يەنە شائىردىن سوراپ يۇرۇشنىڭ ئەخمىقانىلىق بولىدىغانلىغىنى تەن ئالماي تۇرالمايمىز. ئۇنىڭ ‹تىل ھەقنى كۈيلە›،‹تۆھمەتخور ›،‹ئېچىنمايمەن›...دىگەن شئىرلىرىغا قارايدىغان بولساق شائىرنىڭ بۇ نۇقتىدا قانچىلىك ۋەزىنلىك نەپەسگە تولغانلىغىنى ئېتىراپقا ئالىمىز. سەمىمىلىك يالغۇز دىپلوماتىيە ئۈچۈن ئەمەس بەلكى شئېىرىيەت ئۈچۈنمۇ ئۈنۈملۈك سىياسەت ، شۇڭلاشقا ‹‹يارىلانغان يۈرەك›› ناملىق كىتاپقا پوشكىننىڭ ‹شائىر ئۈچۇن ئەڭ مۇھىمى سەمىمىلىك ›-دىگەن سۆزىىنىڭ نىمىشقا كىرگۈزۈلگەنلىگىگە تاڭ قېلىشنىڭ ئورنى يوق. ئار-نومۇسنى تەرك ئەتكەن كىشىلا يالغاننى توقۇيدۇ . رىياللىققا ،ھەقىقەتكە، خىيانەت قىلىدۇ. شائىرنىڭ روھى بۇنداق پەس -پۈچەك ئىقلىمدىن خالى .چۇنكى
چىن شائىر ھەقىقەت ئۇچۇن مېھرىبانلىق تىلەيدىغان روھقا مايىل ئەمەس!...‹يۇرتۇمنى ئەسلەپ›كە ،قاراپ باقايلى:
-پاخلان كاۋىپى يەپ چوڭ بولغان ئىدىم ،
چېلىشتا يانپىشىم يەرگە تەگمىگەن .
ھېلىمۇ شۇ قۇۋۋەت بار تېخى مەندە ،
رەقىبكە تىزلىنىپ بويۇن ئەگمىگەن .
..........
خالاس!
بەشىنچى:
شائىرنىڭ كىلاسسىك ئەدىبىيات ،تارىخ ياقا -يۇرت ۋە يەر -جاي ناملىرى ھەققىدىكى ئېىتنىك چۇشەنچىسنىڭ بەلگىلىك كەڭلىك ،ۋە چوڭقۇرلۇققا يەتكەنلىگىدىن زوقلاندىم .مەسىلەن،‹ماۋزۇسىز›،‹مىڭ ئۆيلەر›.‹سېنىڭ ئىشقىڭدا مەن مەشرەپ› ئالا تاغ› ‹شېئىر ھەققىدە شېئىر ››...قاتارلىق شېئىرلىرى ...بۇلاردىن باشقا بۇ توپلامدىكى گەۋدىلىك سالماقنى مېنىڭچە غەزەللەردىنمۇ كۆرىۋېلىشقا بولىدىكەن . كىتاپتىكى25پارچە غەزەل خۇددى يۇلتۇزدەك چاقناپ،مەرۋايىتتەك پاقىراپ تۇرىدۇ. بەزىبىر غەزەللەر يېقىملىق ناخشىدەك چىرايلىق ،ئاھاڭدار ،ۋە ئىخچام بولۇپ ئىشتىياقىمىزنى قوزغايدۇ. ‹ۋاپادارىمغا›،‹قېنى؟›،‹بىلدىڭمۇ؟›،‹ئاناۋە بوۋاق›،‹غەزەللەر›...قىسقىسى شائىرنىڭ رىئالىستىك قەلىمى ئۇنىڭ راست سۆزلەش پەيلىگە كۆنۇپ كەتكەندەك ،پۈچەك ،كاۋاك ، يالغان سەپسەتىلەرنى تەرك ئەتكەندەك ھالەتكە بىزنى ئىشەندۈرىدۇ. ئەپسۇسكى ئەسەرلەردىكى ‹قۇلاقنىڭ قېنى قاچىدىغان › يەرلەرنى پىكرىمىزدىن ساقىت قىلغىلى بولمايدىكەن ،يەنى شېئىرنىڭ رېتىم ،تۇراق ،قاپىيە ،بوغۇملىرىدا قىسمەن بىماسلىق ۋە شېئىرى قېلىپقا چۈشمەيدىغان نۇقسانلار يوق ئەمەسكەن،مەسىلەن؛
‹‹رەنا›› غا قاراپ باقايلى؛
‹مۇھتاجلىق ئىلكىدە شېرىن سۆزلىرىڭ دەرمان،
ماڭا كۈچ-قۇۋۋەت ھەتتا بايلىقىم رەنا ›› ...
-ئەمما ئۇ شائىرنىڭ لىرىك ھېسسىيات ۋە گۈزەللىك قارشىنى ئىپادە قىلىشىغا دەخلى يەتكۈزەلمىگەن. ئۇنىڭ دېھقان دىمەك- ئەجىر مېھنەت شاھى دىمەك!دېھقان دىمەك- ئادەم ئاتىدىن بىزگە مىراس قالغان شۇئار دىمەكلىككە بولغان چۈشەنچە تەئىرىپلىرى، ئەسەردىكى دېھقان مېھنىتىگە سىڭدۈرۈلگەن پىكىر- ئويلىرى ۋە ئانا تەبىئەت كۈيلەنگەن ئىشىق كۆيلىرىدىن ۋەزمىن شائىرنىڭ بىردە بازغان، بىردە سەندەل بولۇپ چېنىققان يۇرەك تىۋىشلىرىنىڭ ئاشكارا سىمفونىيەسنى قايتا ئاڭلىغاندەك تۇيغۇدا بىر ھازا ئىزتىراپقا چۆكتۈم!
2010.12.24 تامام
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-02-10 20:57قايتا تەھرىرلىدى ]