‹‹ئانا يۇرت› ئىنتىزام تەكشۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دىيانەتلىك ئەمەلدارى بولىۋالماڭ، بۇ ماقالنىڭ،ماقال -تەمسىللىكى ئېنىق ،ئەمما ئۇنى ئىشلىتىش خىيانەتچىلىك ، مەن خىيانەتچى بولۇپ قالدىممۇ؟ دۆلىتىزنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدا بەلگىلەنگەن جىنايەت نامىنى ماڭا تەپ-تارتماستىن چاپلاپ قويغانلىقىز تور ۋە كەسپى ئەخلاقىڭىزغا دەز كەتكەنلىگىنى چۇشەندۈرەمدۇ -قانداق ؟ توغرا بۇ ماقال تەمسىل لېكىن سىز ئۇنى‹‹ ئۇيغۇر خەلق ماقال -تەمسىللىرى ››-دەپ تولۇق توغرا ئاتاشتىن ئېھتىيات قىلدىڭىز شۇنداقمۇ ، ئەگەر شۇنداق ئاتىسىڭىز ، مەن ئۇيغۇر ھەم خەلقنىڭ بىر ھۈجەيرىسى بولۇپ قېلىپ خىيانەت شەكىللەنمەي قېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرىدىڭىزغۇ دەيمەن ؟ مەن خەلقتىن ئېلىپ يەنە خەلققە بۇزماي ،چېقىلماي شۇپېتى قايتۇرۇپ بەرسەممۇ سىزنىڭ ‹يېڭى جىنايى ئىشلار قانۇنى›ىڭىزدا خىيانەت ھىساپلىنامدۇ؟ مەن خىيانەت سوبىكتى›ما؟ مەن‹خىزمەتتىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ خەلقنىڭ ماقال-تەمسىل كانىدىكى ماقال-تەمسىلنى يەۋېلىش ،ئوغرىلىۋېلىش ،ئالداپ ئېلىۋېلىش› كويىدا بولدۇمما؟ مەن ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالدىمما؟ بىر سۆز جانغا پاتار بىر سۆز ياۋغا ساتار دىگەن شۇ -دە، بۇ دىلونى دەرھال مەلۇم قىلسىڭىز بولغىدەك ؟ مېنى ئۈچ يەردە تارماق دۇكان ئېچىشقا مەجبۇر قىلىپ قويدىڭىز ! سىزنىڭ پىكىرلىرىڭىزدە ‹مۇھاكىمىدىن زەردە كۆپ ،دەلىل ئىسپاتتىن ئويدۇرما كۆپمۇ قانداق›؟ ئەگەر سىز ‹ماقال-تەمسىل› ئىكەنلىگىنى ئەسكەرتىپ قويماپسىز دەپ سەمىمى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىڭىز ‹يامان يىتىم › بولمايتىم ئەمەسمۇ؟