‹‹ بەيتۇللا››نىڭ ئا لدىدىن مەست ئۆتىمىسەم بولاتتى
دولقۇن روزى
سەراتانغا ئون توققۇز ،قازانچىدىن مەست قاييتتىم،
ھارغىن غۇلجا ئاخشىمى ئېغىر تىنىپ ئۇخلايدۇ .
غېرىپسىنغان روھىمغا بۇدۇشقاقتەك چاپلاشتى ،
ئازاپ دىگەن مەككىنىڭ رودىپىيى ئوخشايدۇ.
ھېلىراقتا كەچ سائەت ئون ئىككىگە داڭ ئۇرغان ،
مۇڭ دارىغان خىيالنى قىيىن ئىكەن مەست قىلىش .
نازىم ماڭغان كوچىنىڭ جىسەكچىسى مەن بولدۇم ،
سەزمەكتىمەن ئادەمسىز كوچىدىمۇ سىقىلىش.
كەربالاغا پالانغان غېرىپتىنمۇ غېرىپمەن،
مەشۇقى يوق ئاشىقنىڭ كۈلپىتىنى كىم بىلسۇن ؟
ساختا پۇلدەك قەدىرسىز مەيخانىدا سەتەڭلەر ،
مەن ئىزدىگەن سەنەمجان ناپاك جايدا نە قىلسۇن ؟
مەست يارالغان ۋۇجۇتنىڭ ھىجرانلىرى بەك ئاچچىق ،
تازا ئۇزاق ساقلانغان شاراپتەكلا بويتاقمەن .
جاراھىتىم يىلتىزداش شاھ مەشرەپنىڭ زارىغا ،
‹‹ئىچىم روزا، تېشىم ھېيت ››ئەمما ئۆزۈم ئويغاقمەن .
‹‹بەيتۇللا›› غا كەلگەندە رېئاللىققا يۈزلەندىم،
سۈرلۈك كۈلۈپ تۇرىدۇ ھايات -مامات دوقمۇشى.
بىشەم زاۋال ئىتلىرى قالدى نىكەم قاۋاشتىن ،
گۇمراھلاردىن پەرقىم شۇ ؛يۇلقۇنماقتا روھ قۇشى.
مۇنارىغا مەدرىسنىڭ قونغان ئوماق ھىلال ئاي،
پەقەت سەنلا قەلبىمدىن ئايىمىدىڭ تەبەسسۇم.
دىگنىڭ راست ‹‹قىز››،‹‹مەي››گە جاننى تىكىش ئەخمەقلىق ،
ئىشرەت ھامان ئادەمنى قىلىۋېتەر كۇمپەيكۇم!...
قەھىرلەنسەڭ ،غالىلداپ تىترەيدىكەن ئۆلۈممۇ،
مېنى ساراڭ قىلالماي يۇلدى زۇلمەت چېچىنى .
چىقتىم مەغرۇر سۇغۇرۇلۇپ قاسرىقىدىن تەشۋىشنىڭ،
مەجبۇرلىدىم ئاق بايراق چىقىرىشقا كېچىنى!...
‹‹جان ئىچىدە جانان قىز›› بەخت ساڭا يار بولسۇن ،
يۈكلەپ قويدۇڭ يۈرەككە بىر ھازازۇل ئىزتىراپ .
ئەقىدىسىز ‹‹قىز››لاردىن ھالقىپ كەتتى ھەسرىتىم،
نەۋايىمۇ بىر ئۆمۈر ياشىغانغۇ قىزسىراپ!...
موللا بىلال تەقسىرىم قىلىپ قويدۇم كۇپۇرلۇق ،
‹‹بەيتۇللا››نىڭ ئلدىدىن مەست ئۆتمىسەم بولاتتى.
ئۆلۈۋاتغان كۆڭۈلدىن سۆيگۈ تىلەش نادانلىق ،
بىراق تىرىك بەختىمنى ئۈركۈتمىسەم بولاتتى.
تەقدىر بىلەن ئېلىشىپ ياشاۋاتقان بەندىمەن ،
بوز يىگىتنىڭ قەدرىنى چۈشىنەرمۇ مەزلۇملار .
‹‹مەي››ۋە‹‹قىز››دىن مۇقەددەس ناخشىلارغا تىۋىنسام ،
قوقاس يۇتقان يۈرەككە ئىشىنەرمۇ مەھرۇملار؟
2003.8
-غۇلجا...
بەيتۇللا-غۇلجا بەيتۇللا مەدرىس مەسچىتى.